acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121The post WordPress ئۈچۈن ئۈچ تەۋسىيە بوشلۇق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
ھەممىڭلار بىلگىنىڭلاردەك شەخسى بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق ئۈچ شەرتنىڭ بىرى بوشلۇق مەسىلىسىدۇر. شەخسەن مەنمۇ 7 يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بولۇپ سانسىزلىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ بۇ ھەقتە ئازراق بىلىمگىمۇ ئىگە بولۇپمۇ قالغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان ماڭا مۇۋاپىق بوشلۇق تەۋسىيە قىلىشىمنى ئۆتۈنگەن بلوگداشلار ئۈچۈن مېنىڭ شەخسەن تەجرىبەمدىن ئۆتكەن، ئىشەنچلىك، مۇقىم ۋە باھاسى مۇۋاپىق بولغان بىر قانچە بوشلۇقلارنى تەۋسىيە قىلش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىغا تۇتۇش قىلدىم، بوشلۇق لازىم بلوگداشلار ئۈچۈن پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
Linodeنىڭ VPS ساھەسىدە، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى بېكەتچىلەر ئىچىدە ئىنتايىن داڭقى بار بولۇپ، باھاسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى سەپلىمىلىرى بىلەن WordPress ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەرزان باھالىق ياخشى VPS ئىزدەۋاتقان توربېكەتچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ئالدىنقى مەزگىللەردە Linodeنىڭ ياپونىيەدىكى مۇلازىمىتىرىغا بولغان زىيادە ئىھتىياج تۈپەيلى ياپونىيە مۇلازىمىتىرى يېتىشمەي قالغان ئىدى، ئەمدىلىكتە ياپونىيەگە يېڭىدىن مۇلازىمىتىرلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئوخشايدۇ. كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ شۇ ئاندا مۇشۇلارنىڭ ياپونىيەدىكى VPSسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىجرا بولۇشى مېنى رازى قىلىپ كەلمەكتە. Linode بىر VPS بولغاچقا، بوشلۇق باشقۇرۇش سۇپىسىنى ئۆزىڭىز قاچىلايسىز، ناۋادا VPS باشقۇرۇش ھەققىدە تېخنىكىلىق ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز، كەمىنە ھەقلىق ياردەمدە بولسام بولىدۇ(مەزكۇر يازمىنى تەييارلاۋېتىپ بۇلارنىڭ باشلىنىش باھاسىنىڭ 5 دوللارغا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ سەت ھەيران قالدىم، ئوخشىشىپ قالىدىغان سەپلىمە بىلەن باشلىنىش باھاسى بۇرۇن ئون دوللار ئىدى).
باھاسى: ئايلىقى بەش دوللاردىن 80 دوللارغىچە؛
تەۋسىيە دەرىجىسى: بەش يۇلتۇز
تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ
![]()
one.com بولسا ياۋرۇپاغا جايلاشقان بىر تور مۇلازىمىتى شىركىتى بولۇپ، بوشلۇق ۋە تور نامىدىن باشقا يەنە مۇلازىمىتىر، VPS قاتارلىقلارنىمۇ تەمىنلەيدۇ. مەن بۇ تور بوشلۇقىنى تەۋسىيە قىلىشدىكى سەۋەبىم، بۇلارنىڭ تۇنجى يىللىقى ئارانلا 12 دوللارلىق بىر بوشلۇقى 25 گېگابىتلىق بوشلۇق، 512 رام بىلەن بىرگە بىر تال ھەقسىز تور نامى، بىر تال ھەقسىز SSL كېنىشكىسى سوۋغا قىلىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى يىلىمۇ ئارانلا 25 نەچچە دوللار. بۇلارنىڭ بوشلۇقىنىڭ سۈرئىتى، مۇقىملىقى Godaddy دېگەن قويمىچى شىركەتتىن مىڭ ھەسسە ياخشى بولۇپ، بىر تال شەخسىي بلوگ قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن غەززەپ تەۋسىيە بوشلۇقتۇر.
باھاسى: تۇنجى يىللىقى 12 دوللار
تەۋسىيە دەرىجىسى: ئۈچ يۇلتۇز
تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ
بەلكىم بۇرۇندىن چەتئەل بوشلۇقلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار بىلىشى مۇمكىن، بىر زامانلار تۇنجى ئۈچ يىللىقى يۈز دوللارغىمۇ توختىمايدىغان، چەكسىز ئېقىم، چەكسىز بوشلۇق، ھەقسىز تور نامى دېگەندەك ناملار بىلەن تىجارەت قىلغان Justhost، Bluehost دېگەندەك بوشلۇق شىركەتلىرى بار ئىدى. Dreamhostمۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى بوشلۇق بولۇپ، ناۋادا سىز VPS باشقۇرۇشنى بىلمىسىڭىز ياكى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئاددى، چەكسىز ئېقىم، چەكسىز بوشلۇق بىلەن بىرگە تۇنجى يىللىقى ھەقسىز بولغان خەلقئارالىق تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغان Dreamhostنى ئىشلىتىپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ بوشلۇقنىڭ سۈرئىتى ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن Justhost، Bluehost دېگەندەكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاجايىپ تىز بولۇپ(شەخسەن تەجرىبەم بار)، دۇنياۋى داڭلىق بوشلۇق باشقۇرۇش سۇپىسى بولغان Cpanel بىلەن تەمىنلەيدۇ( بۇ سۇپا One.comدا يوق). بۇ بوشلۇق بىلەن سىز كۆپ بلوگ قۇرۇپ كېتەلەيسىز.
باھاسى: ئايلىقى 10 دوللاردىن باشلىغان باھالاردا؛
تەۋسىيە دەرىجىسى: ئۈچ يېرىم يۇلتۇز
تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ
![]()
ناۋادا سىز دۆلەت ئىچىدە بولسىڭىز ۋە ياكى ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىز، ياكى پۇل تۆلەشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، دۆلەت ئىچىدىكى بونۇس: پارچە – پۇرات بوشلۇق ساتىدىغان Cloudleft (خەنچە ئىسمى: 云左)لارنىڭ پارچە بوشلۇقى ياكى ۋەكالەتچى VPS مۇلازىمىتىرلىرىنى ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ. Cloudleftنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمىتىرلىرى يوق، بۇلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان Linode دېگەندەك دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بوشلۇق شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىرلىرىنى پارچىلاپ ساتىدىغان ياكى ۋەكالەتەن سېتىۋېلىپ بېرىدىغان بوشلۇق شىركىتى بولۇپ، باھاسى ئەسلى يەرلەرگە قارىغاندا قىممەترەك بولسىمۇ، مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى ياخشى. ئەگەر تەننەرخى بەكلا تۆۋەن بوشلۇق ئىزدەپ قالسىڭىز بۇلار پارچە ساتىدىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
The post WordPress ئۈچۈن ئۈچ تەۋسىيە بوشلۇق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(3): تەۋسىيە دەرسلىك ۋە بېكەتلەر appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
ئالدىنقى يازمىمىزدا بىز لازىملىق كىتاب ۋە بىر قىسىم تەييارلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشقان ئىدىم. ئەلۋەتتە، كىتاب بىلەنلا قالماي يەنە بىر قىسىم زۆرۈر دەرسلىكنى كۆرۈپ چىقىشىمىزمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈنكى يازمىمىزدا ئاساسلىقى مەن ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچراتقان ھەمدە ماڭا نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىغان مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇسىمەن.
1. ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ iOS 7 ئۈچۈن ئەپ ياساشقا مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق دەرسى(Objective-C تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، ئىنگىلىزچە تىل، خەنچە خەت):
كۆرۈش ئادرېسى: http://open.163.com/special/opencourse/ios7.html
2. ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ iOS 8 ئۈچۈن ئەپ ياساشقا مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق دەرسى(Swift تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، ئىنگىلىزچە تىل، خەنچە خەت):
كۆرۈش ئادرېسى: http://open.163.com/special/opencourse/ios8.html
3. خەنلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايفون ئەپ ئۇستازى لى مىڭجىيىنىڭ شىركىتى بولمىش شىياۋماگې (小马哥)نىڭ كەسپى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەقسىز تارقاتقان ئاساس دەرسلىكى(Objective-C تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، تىلى خەنچە، چۈشۈرۈش قەدەم باسقۇچىنى كۆرۈش ئادرېسىدىن ئۆگۈنىۋېلىڭ):
كۆرۈش ئادرېسى: http://520it.com/f/list-5e4e600be03f447194a6af100360bec1.html
4. كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى چۈئەنجى بوكې(传智播客)نىڭ ھەقسىز تارقاتقان iOS ئاساس دەرسلىكى(Objective-C تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، تىلى خەنچە):
كۆرۈش ئادرېسى: http://dvd.boxuegu.com/course/87.html
5. كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى چۈئەنجى بوكې(传智播客)نىڭ ھەقسىز تارقاتقان Swift ئاساس دەرسلىكى(Swift تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، تىلى خەنچە):
كۆرۈش ئادرېسى: http://dvd.boxuegu.com/course/91.html
6. كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى چۈئەنجى بوكې(传智播客)نىڭ ھەقسىز تارقاتقان UI ئاساس دەرسلىكى(Objective-C تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، تىلى خەنچە):
كۆرۈش ئادرېسى: http://dvd.boxuegu.com/course/92.html
يۇقارقى دەرسلىكنى چوقۇم تەپسىلى ۋە ئەستايىدىل كۆۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ قىسىمدا مەن ئەپ ياساش جەريانىدا كۆپرەك پايدىلىنىدىغان بىر قىسىم توربېكەتلەرنى ھەمبەھىرلەپ ئۆتكۈسىمەن(ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىبى يوق).
كود، ئۈچۈنچى تەرەپ مەنبە چۈشۈرۈش تور بېكەتلىرى:
1. http://code4app.net/forum.php
ئۇچۇر – مۇنازىرە تور بېكەتلىرى:
1. http://www.cocoachina.com/bbs/
3.Google
لايىھە تور بېكەتلىرى:
ئەپ ياساشتا لازىملىق بولىدىغان ئايكون چۈشۈرۈش تور بېكەتلىرى:
1. https://www.iconfinder.com/
دەرسلىك تور بېكەتلىرى(ئاساسىڭىز چىقىپ بولغاندا كۆرسىڭىز بولىدۇ):
2. http://www.jikexueyuan.com/
مەن ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش جەريانىدا خېلى كۆپ پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان دەرسلىكلەرنى توپلام ھالەتتە شاپاق نەرقىدە سېتىۋېتىمەن، دەرسلىكنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:![]()
![]()
توپلام ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرسلىكلەر:
1. مەزكۇر يازمىدا تىلغا ئالغان ئاساس دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى؛
2. Udemyدىكى قىممىتى 700 سوملۇق ئەپ ئېچىش دەرسلىكى(ئىنگىلىزچە، مەن 250 سومغا سېتىۋالغان)؛
3. 极客学院نىڭ ھەقلىق ئەزالارغا ئېچىۋېتىلگەن ئەپ ئېچىش دەرسلىكلىرى(ھەممىسى)؛
4. ئەپچى ئۇستاملار ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرى بولمىش 华章، 李明杰، 传智播客… قاتارلىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى تەمىنلىگەن دەرسلىك ۋە ئەمەلىي مەشىقلەر…
5. Objective-C, Swift ئاساس دەرسلىكلىرى ۋەھاكازالار؛
مەزكۇر توپلام دەرسلىكلەرنىڭ باھاسى : شاپاق نەرقىدە 50 سوم
سېتىۋېلىش ئۇسۇلى: uyghurbeg@yahoo.com
نامىدىكى ئالىپاي ھېساۋاتىمغا پۇلنى ئۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، بەيدۇ بوشلۇقىدىن «uyghurbeg» دەپ ئىزدەپ مېنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، پۇل تۆلىگەنلىك ئىسپاتىنى رەسىم قىلىپ ئەۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.مەن دەرسلىكلەرنى خەت قالدۇرغان شۇ ھېساۋاتىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويىمەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دەرسلىك ماڭا ئائىت بولمىغاچقا، دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك سۇئال ۋە ياكى تېخنىكىلىق ئىشلارغا ياردەم بېرەلمەيمەن.
يازمىنىڭ داۋامى بار.
The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(3): تەۋسىيە دەرسلىك ۋە بېكەتلەر appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(2): تەۋسىيە كىتابلار appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا، iOS ئەپ ياساشقا لازىملىق قاتتىق دېتاللار ۋە بىر قىسىم خىياللىرىمنى ئورتاقلاشقان ئىدىم، بۈگۈنكى يازمامدا مەن تۇقتىلىق قىلىپ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى ۋە كىتابلار ھەققىدە توختالغۇسىمەن. قىزىققانلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت.
دەسلەپكى قەدەمدە ئاساسىڭىزنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، توردىن مەزمۇن ئوقۇش قىسمىغا كېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، توربېكەتكە لازىملىق بولغان HTML ۋە CSS تىلىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. بۇ گەپنىڭ ئاڭلاپ قورقۇپ كەتمەڭ، Swift ياكى Objective-C ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. بۇ تىللار شىركەت ياكى ئەپنىڭ تەلىپى بۇيىچە كېيىنچە ھەتتا JS ئۆگىنىشىڭىزمۇ مۇمكىن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، مەن Swift ياكى Objective-Cدىن بىرىنىلا ئۆگەنسەم بولدى دېگەن خىيالنى پەقەت قىلماڭ.
مېنىڭ نەزىرىمدە، iOS سېستىمىسىغا ئەپ ياساشنىڭ Android سېستىمىسىغا ئەپ ياساشقا قارىغاندا بىر كەمچىلىكى، iOS ئەپىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكۈنىسىدە بىۋاستە سىنىيالمايمىز. پەقەتلا، Xcode تەمىنلىگەن تەقلىد پروگراممىسى(模拟器)دىلا سىنىيالايمىز. ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكۈنىمىزدە ئەپنى سىناش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك.
ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى – ئالما شىركىتىنىڭ iOS ۋە OS سېستىمىسى شۇنداقلا سافارى تور كۆرگۈچى ئۈچۈن چىقارغان ھەقلىق مۇلازىمىتى بولۇپ، ئادەتتە بۇ ئۈچىنىڭ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(开发者账号) ئايرىم – ئايرىم بولىدۇ. يەنى، سىز ئۈچىلا سېتىمىغا ئەپ ياسىماقچى بولسىڭىز ئۈچ ھېساۋات ئېلىشىڭىز لازىم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر بىر ئاچقۇچى ھېساۋاتى ئوخشاش ۋاقىتتا شەخسى ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(个人开发者账号) ۋە كارخانا ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(企业开发者账号) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، يىللىق باھاسى ئوخشىمايدۇ، ئەمما، ئىقتىدارى ئاساسەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. نورمالدا، شەخسى ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنىڭ يىللىق ئىجارە ھەققى 99 دوللار بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرسا 688 سوم بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنىڭ قانداق رولى بار؟
1. ياسىغان ئەپلەرنى ئۈسكۈنىلەردە سىناشقا لازىم بولىدۇ؛
2. ئەپلىرىمىزنى پىرىسلاش ۋە بوغچىلاش(打包)قا لازىم بولىدۇ؛
3. ئەپلىرىمىزنى ئەپ بازىرىغا يوللاشقا لازىم بولىدۇ؛
4. iOS سېستىمىسىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئەڭ ئاۋۋال چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
5. ۋە باشقىلار؛
بىر ياخشى ئىش شۇكى، بىر ئەپ ئاچقۇچى ئارقىلىق يۈز ئۈسكۈنىگە ئەپ سىناش كېنىشكىسى تارقاتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ناۋادا دوستىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى بولسا، ئۈسكۈنىڭىزنى تىزىملىتىپ كېنىشكا تارقىتىپ بەرسىلا، سىز ئەپ ئاچقۇچى ئالمىسىڭىزمۇ ئەپلەرنى ئۈسكۈنىڭىزدە سىنىيالايسىز. ناۋادا دوست تاپالمىسىڭىز مېنى ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن بىر ئۈسكۈنىنىڭ كېنىشكىنى 100 سومغا تەمىنلەپ بىرەلەيمەن.
خۇلاسىگە كەلسەك، ناۋادا سىز ياسىغان ئەپلىرىڭىزنى ئۈسكۈنىلەردە سىناشقا ئىھتىياجلىق بولمىسىڭىز ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ ناۋادا، پەقەت ئۈسكۈنىلەردىلا سىناش نىيىتىڭىز بولۇپ، ئەپ بازىرىغا يوللاش نىيىتىڭىز بولمىسا مەن ئارقىلىق بىر ئەپ سىناش كېنىشكىسى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ؛ ناۋادا، ئەپ بازىرىغا يوللاش نېيىتىڭىز بولسا، بىر ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى چوقۇم ئېلىڭ.
iOS سېستىمىسىغا ئەپ ئېچىش جەريانىدا مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە كىتابلارنى سېتىۋالغان، گەرچە، كىتابلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىغان بولساممۇ، تورداشلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى دەپ قارىغان كىتابلاردىن بىرقانچىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇناي. كىتاب ئىسمىنى چەكسىڭىز كىتابلارنىڭ تاۋباۋ ياكى ئامازوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئادرېسىغا بارىدۇ(تەۋسىيەم، ئامال بار كىتابلارنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى تېپىپ كۆرۈپ بېقىپ، ماس كەلسە ئاندىن قەغەز نۇسخىسىنى سېتىۋېلىڭ).
دەسلەپكى سەۋىيە ئۈچۈن تەۋسىيە كىتابلار(كىتاب ئىسمىنى باسسىڭىز تاۋباۋدىكى ئادرېسىغا ئۇلىنىدۇ؛ مەزكۇر يازمىنى ئۇيغۇربەگنىڭ ئەپىدىن كۆرۈۋاتقانلار تاۋباۋدىن كىتاب ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەڭ):
1. iOS开发指南:从零基础到App Store上架 第3版
4. Swift开发实战权威指南 Swift从入门到精通 Swift语言实战入门
ئوتتۇرا سەۋىيە ئۈچۈن تەۋسىيە كىتابلار:
3. 疯狂iOS讲义 – بۇ كىتاب ئىككى قىسىم
ئېسىڭىزدە يۇقارقى كىتابلار پەقەت ئاساسى سەۋىيەدىكى كىتابلار بولۇپ، ئەپ ئېچىشقا دائىر زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كىتابلاردىكى بىلىملەردىن پايدىلىنىپلا بىلەن رەسىمى بىر ئەپ ياساپ چىقىشىڭىز مۈشكۈل. ئەمما، ئاساسىڭىز تىكلىنىدۇ.
داۋامى بار…
The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(2): تەۋسىيە كىتابلار appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1): دەسلەپكى تەييارلىق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
يېقىندا، ئۆزۈمگە تايىنىپ يۈرۈپ، بىر نېمىلەرنى قىلىپ، توختىماي قىمىرلاپ يۈرۈپ، ئۆزۈمگە يارىغان بىر ئىككى ئەپنى پۈتتۈرۈپ چىقتىم، ئۇنىڭدىن باشقا دەسلەپ قىلغاننىڭ ئورنىغا ئىككى بېكەتنىڭ ئەپ قۇرۇلىشىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ، تۇنجى قەدەمدە كىرىم قىلغانمۇ بولدۇم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ جەريانلارنى پەقەت ئۆزۈمگە تاياندىم، مەنمۇ يېڭى باشلىغان نۇرغۇنلارغا ئوخشاش بەك كۆپ ئىسسىق – سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۈم، <<يېڭى باشلىغاندا بىرى ياخشى يىتەكلىگەن بولسا…>> دەپ نالە قىلدىم، نالەم نالە پېتى قالدى، ئەمما تەر تۆكۈشنى توختاتمىدىم. ۋەھازاكى، بۈگۈن قۇياش چىقتى. بەلكىم، نۇرغۇن قارا كۆزلەر ماڭا ئوخشاش قۇياشنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى بۇ يازمام نۆلدىن باشلاپ ئەپ ياساش ئارزۇسى بارلارغا بېغىشلىنىدۇ.
يازمىنى باشلاشدىن بۇرۇن، ئەڭ ئاۋۋال سىزنى سۇئال – سوراققا تارتاي:
1. خوش، ئەپ ياساش خىيالىغا قانداق كەلدىڭىز؟
2. سىز پروگرامما يېزىشقا ھەقىقەتەن قىزىقامسىز؟
3. سىزنىڭ ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە ئائىت بىر پىلانىڭىز ۋە غايىڭىز بارمۇ؟
4. ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان پىلانىڭىز بارمۇ؟
5. ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە كۈنىگە، ھەپتىگە، ئېيىغا ئاجرىتالايدىغان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ يوق بولسا ئاجرىتالامسىز؟
6. سىز مانداقلا ئۆگىنىپ قويماقچىمۇ ياكى راۋۇرۇس ئۆگەنمەكچىمۇ؟
7. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ۋە پولاتتەك چىڭ ق*ڭ بارمۇ؟
بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىچىڭىزدە ئويلاڭ. ناۋادا، سۇئاللارغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمىسىڭىز كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز تېخى پۈتمەپتۇ. تەييارلىقىڭىز پۈتكىچە، يەنى، ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە ھەقىقىي بەل باغلىغاندا يۇقارقى سۇئاللارنى قايتا ئوقارسىز، ھازىرچە يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاللاھغا ئامانەت.
ناۋادا، ئۆزىڭىزنى ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە تەييار بولغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن، باشقىلاردىن بىر قەدەمنى بولسىمۇ ئالدىدا بېسىپسىز. ئەمدى، قاتتىق قاتتىق دىتال تەييارلىقى قىسمىغا كېلىلى.
iOS سېستىمىسىغا ئەپ ياساش ئۈچۈن، سىزنىڭ بىر OS سېستىمىلىق كومپىيۇتېرىڭىز بولىشى كېرەك. چۈنكى، ئەپ ياساش قورالى بولغان Xcode پەقەت ۋە پەقەت OS سېستىمىسىدا ئىشلەيدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر سېستىمىلىق كومپىيۇتۇتېرلار ئالما شىركىتىنىڭ macbookلىرى ۋە ئۈستەل iOS كومپىيۇتېرلىرىدا مەۋجۇد بولۇپ، دېمەككى، ئالما ئەپى ياساش ئۈچۈن چوقۇم بىر mac كومپىيۇتېرىڭىز بولىشى كېرەك.
مەن شەخسەن <<قارا ئالما>>(يەنى نورمال لەپتوپغا ئالما سېستىمىسىنى قاچىلىغان كومپىيۇتېر) ۋە قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ياخشى بولمىغان Macbook Airلەرنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئىچكى سىغىمى 8 گېگابايت بولغان، كۆرسەتكۈچ كارتىسى 512 مېگابايتتىن كەم بولمىغان Macbook Proنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ئىچكى سىغىمغا 18 گېگابايتلىقىنى، قاتتىق دېسكىنىڭ SSDلىقىنى ئېلىڭ.
خوش، ياسىغان ئەپلىرىڭىزنى سىناشقا ياكى ئەپ بازىرىغا چىقىرىشقا بىر ئالما ئۈسكۈنىسى بولمىسا بولمايدۇ، مەنچە يېڭى ئۆگەنگەندە ئەپلەرنى سىناشقا ئايفون 5 بولسا يېتەرلىك، كېيىنچە، ئەمەلىي ئىھتىياجغا قاراپ چوڭ ئېكرانلىق ئايفون ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەمما 4s ياكى 4 دېگەندەك ئالما شىركىتى تەرىپىدىن شاللىۋېتىشكە ئۇچراۋاتقان كىچىك ئېكرانلىق ئايفون ئىشلەتمەڭ.
پروگراممېرلىق جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تورنى ئاختۇرۇش ۋە ماتىرىيال كۆرۈشكە مەجبۇر بولىسىڭىز، شۇڭلاشقا، بىر قانچە تىلنى مەسىلەن خەنسۇچە، ئىنگىلىزچە دېگەندەك تىللارنى بىلىشىڭىز كېرەك، سىزدىن بۇ تىللاردا بۇلبۇل بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھېچ بولمىسا ماتىرىيالنى ئوقۇپ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىڭىز بولىشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قۇبۇل قىلىش ئېلانىغا قارايدىغان بولسىڭىز كۆپىنچىسىدە <<خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنالايدىغان بولۇشى كېرەك>> دەپ يېزىلغان، بۇنى بىكارلا يېزىپ قويمايدۇ، چۈنكى، ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار يوقنىڭ ئورنىدا، بۇ تىللارنى بىلىش – سىزنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇش، بىلىمىڭىزنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ تىللارنى بىلمىسىڭىز، پەقەت ئۇيغۇرچىلا بىلسىڭىز، يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولالىشىڭىز مۇمكىن، مەنمۇ بىرقانچەيلەنگە ھەم شاھىد بولدۇم. ئەمما، باشقىلاردىن ئون ھەسسە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ.
ناۋادا، ئىقتىسادىڭىز ۋە شارائىتىڭىز يار بەرسە، سىزنى مەخسۇس تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆزىگە تايانغاندىن ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دىيارىمىزدا iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىتىدىغان بىر قانچە شىركەتلەر بار، مەسىلەن قارلۇق، ئۇچقۇر دېگەندەك. ئىچكىرىدىمۇ بۇنداق مەكتەپلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەرلەردە سىز قابىل ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيسىز، بىلمىگەن نەرسىڭىزنى سورىيالايسىز، ئەڭ مۇھىمى ۋاقتىڭىزنى كونترول قىلالايسىز. ھەمدە، ئىش تېپىش پۇرسىتىڭىز خېلى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، سىز چەتەلدە بولمىسىڭىزلا، ئازراق چىقىم بىلەن كۆپ ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغان مەخسۇس كۇرسلارنى مەن كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن( ئالاھىدە ئەسكەرتىش، مەن ھېچقانداق كۇرسلاردىن ئېلان ھەققى ئالمىدىم جۇمۇ…)
ناۋادا، سىز كۇرسكا تىزىملىتىپ بولغان بولسىڭىز، ئاللاھغا ئامانەت، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
خوش، مەخسۇس كۇرسلارغا بېرىش ئىمكانىيىتىڭىز ياكى ئىقتىسادىڭىز بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ۋاقىتتا، ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆگىنىشكە مەجبۇر دېمەككى، ماڭا ئوخشاش(ھاڭراپ يىغلاۋاتقان چىراي ئىپادىسى)، لېكىن، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، پروگراممېرلار يىغىلغان ئەڭ چوڭ بېكەت stackoverflowدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دىيىلىشىچە، نۆۋەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان پروگراممېرلارنىڭ 30%تى ئۆزى ئۆگىنىپ يېتىشكەنلەركەن، دېمەك، ئۆزىگە تايىنىپ ئۆگىنىشتە سىز يالغۇز ئەمەس، ئەمما، سىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق ۋە بەدەلدۇر خالاس. قېنى، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزەر سېلىڭ…
ھازىر iOS ئەپىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئىككى تىلنى تاللاشقا بولىدۇ، يەنى Objective-C ۋە Swift. ئالما شىركىتى iOS سېستىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن بىرى نىگىزى C تىلى بولغان Objective-Cنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، iOS 8 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوچۇق كودلۇق بولغان Swift تىلىنى ئېلان قىلدى، ھازىر Swift تىلى 2.2 نەشىرىگە چىققان بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ كەلمەكتە.
گەپكە كەلسەك، ئەپ ئېچىشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ئىككى تىلدىن ئەڭ ئازىدا بىرىنى ياخشى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ. توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا كۆرە، Swift تىلى ئىشلىتىش، چۈشىنىش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە Objective-Cدىن ئاسان بولۇپ، ھازىر ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يېڭى تىللارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، نۇرغۇن شىركەت ۋە ئاچقۇچىلار بەس – بەستە Swiftغا كۆچۈشمەكتە. Objective-C بولسا، بىر مۆتىۋەر تىل بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەنبە ۋە ماتىرىياللار Swiftغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ.
يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن Swiftدىن باشلىسىڭىز باشتا ئاسان توختىشى مۇمكىن، ئەمما، ھېچقانداق پروگرامما ئاساسىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا، ئالمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك Cocoa, Cocoa touch تېخنىكا ۋە APIلىرىنى چۈشۈنۈشتە قېينىلىشىڭىز مۇمكىن(چۈنكى بۇلارنىڭ ئىزاھ كودلىرى ئاساسەن Objective-Cدە يېزىلغان). Objective-Cنى ئۆگەنسىڭىز، Swiftغا قارىغاندا سەل قېيىنراق ئۆگىنىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما تور دۇنياسىدا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال ۋە مەنبەلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئىچكىرىلەپ كىرىشىڭىز Swiftغا قارىغاندا سەل ئاسانغا توختىشى مۇمكىن.
شۇڭا، بۇرۇن پروگراممېرلىق قىلىپ باققان، پروگرامما لوگىكىسىغا پىششىق بولسىڭىز بىۋاستە Swiftدىن باشلاڭ. بۇرۇن ھېچقانداق پروگرامما ئاساسىڭىز بولمىسا، Objective-Cدىن باشلاش تېخىمۇ مەنتىقىلىق.
(داۋامى بار)
داۋامىنى يوللاشدىن بۇرۇن تۇرايىمدا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى يازمىنى ئوقۇپ ئىلھام ئېلىپ تۇرۇڭ:
پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم
The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1): دەسلەپكى تەييارلىق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post بىر كۇنۇپكا بىلەن رەسىمنى ھەر قايسى رازمىلىق ئەپ ئايكونلىرىغا ئايلاندۇرۇش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
يېقىندا بىر قانچە كىچىك ئەپنى ياساش جەريانىدا، ئەپ ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ھەر قايسى رازمىدىكى ئەپ ئايكونلىرىنى تەييارلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمما، لايىھە ئىشلىرىنى ياخشى قىلالمىغاچقا، ھەر قايسى رازمىدىكى ئايكونلارنى تەييارلاش ماڭا قېيىن توختىدى. تور بېكەتلەردىن ئاقتۇرۇش ئارقىلىق بۇنىڭ چارىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپتىم.
1. ئاۋۋال 1024 * 1024 رازمىلىق ئەپ ئايكونىنى لايىھەلەپ تەييار قىلىڭ.
2. تۆۋەندىكى بەتنى ئېچىڭ:
3. click this button to upload دېگەننى بېسىڭ. رەسىمدىكىدەك:
4. بىر قانچە سىكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن ئەپ ئايكونلىرى ھاسىل بولىدۇ، رەسىمدىكىدەك:
5. ئۈستىكىدى بوشلۇقتا سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى تولدۇرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
تولدۇرغاندىن كىيىن، مەزكۇر بېكەت iPad, iPhone ئەپلىرى، Android سېستىمىسى ئەپلىرىگە،شۇنداقلا iTunesArtWork ئۈچۈن كېرەكلىك ھەرخىل رازمىدىكى ئەپ ئايكونلىرى تەييار قىلىپ بېرىدۇ.
سىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.
The post بىر كۇنۇپكا بىلەن رەسىمنى ھەر قايسى رازمىلىق ئەپ ئايكونلىرىغا ئايلاندۇرۇش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>