acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121The post گۇگېل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>تىشلىقمۇ كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ بلوگىمغا بىر نەرسە يوللاپ باقمىغىلى. بىلگىنىڭلاردەك ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلدى. قىززىقچى تورداشلار گۇگېل تەرجىمانىغا بىزمۇ ئاران چۈشۈنۈدىغان قوشاق–چاقچاق، ماقال–تەمسىللەرنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، گۇگېل تەرجىمانىنىڭ بىڭسىنى سىناپمۇ كۆرۈشتى. ئەلۋەتتە، كەمىنەمۇ بىر قانچە شېئىرلىرىمنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقتىم، تەرجىمە سۈپىتى يامان ئەمەس چىقتى.
ئەلۋەتتە، ماشىنا تەرجىمە بولغان ئىكەن، تەرجىمە بىر قەدەر تۈز ۋە ئۆلۈك چىقىدۇ، مۇرەككەپ جۈملە، كەسپىي ئاتالغۇلار، كىچىك تىللارنىڭ تەرجىمىلىرىدە ئېنىقلا كەمتۈكلۈك بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ گۇگېلدەك بىر گىگانىت شىركەتنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوشقانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ تىلنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا گۇگېلنىڭ تەرجىمە مۇنبىرى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەرجىمە ئامبىرىنى كېڭەيتىپ، تەرجىمە سۈپىتىگە ھەسسە قۇشالايدۇ.
كىشىنى ھەممىدىن بەك خۇرسەن قىلىدىغىنى گۇگېل تەرجىمانىنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارى كۆپ يۆنىلىشلىك بولۇپ، سىز خالىغان بىر تىلنى گۇگېل قوللايدىغان باشقا تىللارنىڭ ھەممىسىگە تەرجىمە قىلالايسىز، يەنى گۇگېل تەرجىمانىدىكى باشقا 100 تىلدىكى مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچىغا، ئۇيغۇرچىدىكى مەزمۇنلارنى باشقا 100 تىلغا تەرجىمە قىلالايسىز. ناۋادا سىزنىڭ بىر تور بېكىتىڭىز بولسا، تور بېكىتىڭىزگە گۇگېل تەرجىمانى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسىڭىز 100 نەچچە خىللىق توربېكىتىڭىز بولدى دېگەن گەپ، قالتىسمىكەن؟ ئۇنىڭدىن باشقا، بىز بۇنىڭدىن كېيىن گۇگېلنىڭ ۋە باشقا گۇگېلنىڭ تەرجىمە مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلاردا ئانا تىلىمىزنىڭ ئىزناسىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
ھاياجانلىنىپ مەزكۇر يازمىدا دېمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. خەۋەرلەردە گۇگېل تەرجىمانى توربېكەتلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى قوللايدۇ دېيىلگەن، كەمىنە سىناپ باقتىم، ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلغىمۇ، باشقا تىلدىن ئۇيغۇرچىغىمۇ قوللايدىكەن. ئۆرنەك ئۈچۈن مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە بلوگدىكى بىر يازمىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەيلى:
ئەسلىسى:
تەرجىمە ئۈنۈمى:
تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى ئېچىڭ، ئۇيغۇرچە توربېكەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈڭ، مەنبە تىلىنى ئۇيغۇرچە تاللاڭ، نىشان تىلنى خەنزۇچە تاللاڭ ۋە ياكى باشقا تىللارنى مەنبە تىلى قىلىپ نىشان تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.
https://translate.google.com/translate?hl=en&sl=zh-CN&tl=ug&u=https%3A%2F%2Fwww.baidu.com
The post گۇگېل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى تىزىملىتىش دەرسلىكى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
بۇنىڭدىن نەچچە يىل مۇقەددەم، مەن ئۇيغۇربەگ بلوگىمىزدا «بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى <.TK>گە ئېرىشىش قوللانمىسى» نامىدا شۇ زامانلار داڭلىقراق بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ھەقسىز تور نامى TKنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈنكى يازمامدا بولسا، ئاشۇ تور نامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر قانچە ھەقسىز تور ناملىرىنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. تور نامىنىڭ باھاسى گۆشدىنمۇ قىممەت بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ دەۋردە بەلكىم مەزكۇر تور ناملىرى سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىھتىياجلىرىڭلارنى قاندۇرۇپ قالار دېگەن ئۈمىددىمەن.
ئالدى بىلەن بۈگۈنكى ئولجىلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي:

يۇقاردىكىلىرى مەن بۈگۈن تىزىملىتىۋالغان تور ناملىرىدىن بىر قىسمى خالاس. ئەلۋەتتە، مەن تور نامى ھايانكەشچىلىكى بىلەن شۇغۇللانمىغاندىكىن مۇشۇنچىلىكلا تىزىملىتىپ قويۇپ تۇردۇم. خوش، ئەمدى يازمىنىڭ مۇھىم قىسمىغا كېلەيلى. بۇرۇنقى ئۇسۇلۇم بۇيىچە يازمىلارنى قەدەممۇ – قەدەم ئېلىپ بارغۇسىمىز.
ئەڭ ئاۋۋال بىزگە مۇت تور نامى بىرىۋاتقان Freenom بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى. Freenomنىڭ خەنچە تور بېكىتىدە ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەقسىز تورنامى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى يېزىپتۇ(ئازراق پو ئېتىپتۇ دەيلى). گوللاندىيەدە قۇرۇلغان مەزكۇر ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى شىركىتى 12 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىسى بار ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەت. مەزكۇر شىركەت پەقەت ھەقسىز تور ناملىرىنى تەمىنلەپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە ھەقلىق تور ناملىرى، تور بوشلۇقى ۋە بۇلۇت بوشلۇقى مۇلازىمىتى شۇنداقلا ئېنتېرنېت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەت تەمىنلەۋاتقان ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرى تۆۋەندىكىدە:
.TK / .ML / .GA / .CF / .GQ
بۇ تور ناملىرىنى دەسلەپتە ئەڭ كۆپ بىر يىللىق تىزىملاتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ۋاقتى توشقاندا يېڭىلاشمۇ ھەقسىز. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تور ناملىرى باشقا ھەقلىق تور ناملىرىدەكلا DNSنى ئۆزگەرتىش(دىققەت:DNA دېمىدۇق ھە…)، ياكى URL يۆتكەش ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى يازمىمىزدىمۇ مۇشۇ تور ناملىرىنى تىزىملىتىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.
1. بۇ يەرنى چىكىپ Freenomنىڭ باش بېتىگە كىرىڭ:
2. بەت ئېچىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەككە تىزىملاتماقچى بولغان تور نامىڭىزنى كىرگۈزىمىز ۋە 检查可用性نى باسىمىز:

ئۆرنەك ئۈچۈن مەن aypatem دەپ ئىزدىدىم.
ئەگەر تىزىملاتماقچى بولغان تور نامىڭىز بار بولسا يۇقارقى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ ناۋادا يوق بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ:

ۋە ياكى بەزىلىرىنى باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان، بەزىلىرى بار بولغان ئەھۋالمۇ بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

3. تور نامىڭىز بار بولسا 现在获取نى باسسىڭىز بولىدۇ(قايسىسى بار بولسا شۇنى بېسىۋېرىڭ، ھەممىسى ھەقسىز). ئۇنىڭدىن كېيىن بەت ئۈستىدە تۆۋەندىكىدەك مال ھارۋىسى كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردىن 完成نى باسىمىز:

4. بۇ يەردىن كېيىن بەتلەر ئىنگىلىزچە بولۇپ كېتىدۇ، تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك:

Forward this domain دېگەن تور نامى يۆتكىلىش مۇلازىمىتى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەرگە مەن https://www.uyghur.blog/ دەپ تولدۇرۇپ قويدۇم، ئاندىن قىزىل بەلگە قويغان يەردىن 12 ئاي دېگەننى تاللايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن Continue دېگەننى باسىمىز.
5. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز تىزىملاتماقچى بولغان تور نامى تىزىملىكى بىلەن سىزنىڭ تىزىملىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىغان كۆزنەك چىقىدۇ، بۇ يەرگە ئېلخەت ئادرېسىمىزنى يازىمىز ۋە Verify my email دېگەن كونۇپكىنى باسىمىز:

ئاندىن كەلگەن ئېلخەتتىكى ئادرېسنى چېكىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرىدىغان يەرلەر چىقىدۇ، بۇ يەرلەرنى تولدۇرۇپ I have read and agree to the Terms & Conditions دېگەن تاللاشنى تاللاپ Complete Order كونۇپكىسىنى باسىمىز.
ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ تور ناملىرىنى تىزىملىتىش تاماملانغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكدىن Click here to go to your Client Areaنى بېسىپ ئۇ يەردىن چىققان كۆزنەكنىڭ تىزىملىكىدىن My Domainsگە كىرسىڭىز تىزىملاتقان تور ناملىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز. تور ناملىرىڭىزنى باشقۇرماقچى بولسىڭىز مۇشۇ يەردىن باشقۇرسىڭىز بولىدۇ.
قېنى، سىزمۇ تەلىيىڭىزنى بىر سىناپ باقمامسىز؟
The post ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى تىزىملىتىش دەرسلىكى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG تور نامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
ئالدىنقى يازمىمىز «بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى» ئېيتىلغاندەك، بلوگگېرلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ تور نامى ھازىر تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى. ئەلۋەتتە، ھېلىھەم بلوگ ئىشقىدا كۈيۈۋاتقان پىشقەدەم بلوگگېر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، بۇ تور نامىنى كەڭ ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىغا تەشۋىق قىلىشنى ئۆزەمنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۈگۈن بۇ تورنامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە توختىلىمىز ئەلۋەتتە. قىزىققان بولساڭلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت…
ئاق خالاتىلىق كىشىلەرنى كۆرگەندە تۇنجى بولۇپ ئېسىمىزگە دوختۇر ياكى سېستىرا كېلىدۇ؛ ھەربىي فورم كېيىۋالغاننى كۆرسەك ئەسكەركەن، ساقچى فورمىسىنى كىيگەننى كۆرسەك ساقچىكەن دەپ بېلىمىز ئەلۋەتتە. ناۋادا بۇ كىشىلەر نورمال كاستىيۇم – بۇرۇلكا ياكى كانۋاي كۆينەك كىيىۋالغان بولسا كاللىمىزغا باشقىلاردەك نورمال ئادەمكەن دېگەن خىيال كېچىدۇ. تور نامىمۇ شۇ، ھازىر تور نامى تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىدە، بلوگنى قانداق قىلىپ بلوگ دەپ تونۇتۇشقا قېينىلىۋاتقان بولسىڭىز، .BLOG تور نامىنى ئىشلەتسىڭىز بېكىتىڭىزنى زىيارەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق ئادەم «ھە، بۇ بلوگ ئىكەندە» دەپ بېلىدۇ، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟
ھازىر تور ناملىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئادرېسىنىڭ ئۇزۇنلىقى تۈپەيلى، نۇرغۇن زىيارەتچىلەر ئۆزلىرى ياقتۇرغان بلوگلارنى زىيارەت قىلىشقا قېينىلىدۇ. ناۋادا سىز .BLOG تور نامىنى ئىشلەتسىڭىز، بلوگىڭىزنىڭ زىيارەتچىلىرى .ME, .CC, .NET دېگەندەك ئەستە تۇتۇش تەسلا بولغان تورنامىغا قارىغاندا ئېنىقلا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تور نامىڭىزنى تېخىمۇ قولاي شەكىلدە ئەستە تۇتالايدۇ،
بىلگىنىڭلاردەك، .COM ياكى .cn دېگەندەك دىيارىمىزدا ئۇمۇملىشىپ بولغان تور نامىنىڭ مەنبەسى كۈندىن كۈنگە تارىيىۋاتقان بولۇپ، تىزىملىتاي دېسىڭىزمۇ تۈزۈك ئىسىملار تېپىلمايدۇ. سىز ياقتۇرغان ئىسىملارنى ئىسىم ھايانكەشلىرى تىزىملىتىۋالغان بولسا، تېخى ئاسمان پەلەك باھا قويۇپ، ئەرۋايىڭىزنى ئۇچۇرىۋېتىدۇ. .BLOG تور نامى بولسا يېڭى ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، ئىسىم مەنبەسى باشقا تور ناملىرىغا قارىغاندا ئىنتايىن مول بولۇپ، سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قىسقا ئىسىملارنى تىزىملىتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن.
ئىككىنچى تۈردە ئېيتىلغاندەك، مەزكۇر تور نامى بولمىش BLOGنىڭ تەلەپپۇزى ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوخشاش، ئۇنىڭ يېزىلىشى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغىمۇ ئۇيغۇن بولۇپ، مەيلى ULY بولسۇن ياكى پىنيىن بولسۇن، ئىككىلىسىدە ئوخشاش. شۇنداق بولغان ئىكەن، زىيارەتچىلەرگە نىسبەتەن بۇ تور نامىنى ئەسكە تۇتۇۋېلىش باشقا تور ناملىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسان بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز ئەلۋەتتە.
مەزكۇر يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلىرىم بەلكىم مەندىن «ئەمىسە سىزچۇ؟ قاچان ئىشلىتىسىز؟» دەپ سورىشىڭلار تەبىئىي. ئەمەلىيەتتە، مەنمۇ بىر .BLOG تور نامىدىن بىرنى تىزىملىتىپ قۇيۇپ تۇردۇم، پات يېقىندا شۇنىڭغا كۆچۈشۈم ياكى مۇمكىن، ياكى مۇمكىن ئەمەس. مەزكۇر يازما مۇشۇنداق پۈتۈپ قالىدىغان بولدى.
سىزچۇ؟ .BLOG تور نامىنى سېتىۋالامسىز؟
The post بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG تور نامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچى ئەزىمەتلەر ئۈچۈن يەتتە تەۋسىيە بېكەت appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ ھەمدە مۇھىتلار ھازىرلىنىپ، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشدەك قولاي شارائىتلار تەييارلاندى، قىسقىسى مەنمۇ ئۆزلۈكىمدىن iOS ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەن(ماۋۇ يېڭىلىق ھەققىدە پات يېقىندا يوللىنىدىغان «ئۇيغۇربەگنىڭ iOS پروگراممېرلىقى چۈشى» ناملىق يازمىدا تەپسىلىي توختالغۇسىمەن) ۋاقتىمدىن بىرى، بۇ تور بېكەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم. نۆۋەتتە، مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە تور دەرسخانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
![]()
ئادرېسى: https://www.udemy.com
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: udemy تور دەرسخانىسى ھازىر مەن بىلىدىغان تور دەرسخانىلىرى ئىچىدە، يېڭىلىشچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تور دەرسخانىسى بولۇپ، دەرس تۈرلىرى ھەر خىل تېمىلارغا چېتىلغان، دەرسلىكلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى ھەقلىق بولۇپ، udemyگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز خالىغان ياكى ياقتۇرغان دەرسلىكلەرنى سېتىۋېلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. دەرسلىكلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان ئەمەس، ئەمما پات-پات تىزلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، مەنمۇ يېقىندا iOS 7 ۋە iOS 8 سۇپىسىدا پروگرامما تۈزۈش دەرسلىكلىرىنى 70 كويدىن سېتىۋالدىم(ئەسلى باھاسى 1400 كويغا يېقىنلىشىدۇ). سېتىۋالغان دەرسلىكلىرىڭىزنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىمۇ سېتىۋالغان دەرسلىكلىرىڭىزنى بىمالال كۆرۈش مەقسىدىڭىزگە يىتەلەيسىز.
udemy تور دەرسخانىسىنىڭ شۇئارى: ئۆزىڭىزنىڭ ئاكادىمىيىسى!
![]()
ئادرېسى: http://www.lynda.com/default.aspx
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: بىلىشىمچە، lynda تور دەرسخانىسى تور دەرسخانىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ مۆتىۋەر تور دەرسخانىسىدۇر. lynda تور دەرسخانىسىنىڭ فوتوگرافچىلىق، لايىھە، پروگراممېرلىق جەھەتتە ئىشلىگەن نۇرغۇن نوپۇزلۇق دەرسلىرىنىڭ بارلىقىنى خەنزۇچە بېكەتلەردىن كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. دېمىسىمۇ تاۋباۋدا مەزكۇر دەرسخانىنىڭ دەرسلىرى ئېقىپ يۈرمەكتە. بىلىشىمچە، مەزكۇر دەرسخانىدا دەرس ئۆتۈدىغان كىشىلەر lynda شىركىتى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان، ئۆزىنىڭ ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولغان كىشىلەردۇر، دەرسلىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تەييارلايدىغان بولۇپ، ئىنگىلىزچىسى راۋان ئەمەسلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىنگىلىزچە خەت قوشقان ئىكەن، ھاجىتى بارلار دەرسلىكلەرنى كۆرۈش داۋامىدا ئىنگىلىزچە خېتىنى تاللاپ كۆرەلەيدىكەن. lynda تور دەرسخانىسى ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئايلىق، مەۋسۈملۈك ياكى يىللىق ئەزا بولالايسىزكەن، ئەزالىق مۆھلىتى ئىچىدە ئۆزىڭىز خالىغان دەرسلىككە قېتىلىپ، ئۆزىڭىز خالىغان دەرسلىكنى كۆرۈپ چىقالايسىزكەن. بىلىشىمچە، دەرسلىكلەرنىمۇ چۈشۈرۈپ ئالالايسىز.
udemy تور دەرسخانىسىنىڭ شۇئارى: يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، ھازىردىن باشلاڭ!
![]()
ئادرېسى: http://teamtreehouse.com
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: Treehouse تور دەرسخانىسى توربەت ياسىغۇچىلار، پروگرامما تۈزگۈچىلەر، كۆچمە ئەپ ئاچقۇچىلار ئۈچۈن تەۋسىيە تور دەرسخانىسى بولۇپ، مەزكۇر تور دەرسخانىسى نۇرغۇن يېڭى ۋە ئۆزگىچە تېخنىكىلار ھەمدە ئەمەلىي مەشىق ئارقىلىق، يېڭىدىن پروگراممېرلىقنى باشلىغان نۇرغۇنلىغان بۇغۇنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن. تورلاردىكى باھالارغا قارىسام، پروگراممېرلىقدىن ئازراق ساۋادى بار كىشىلەر ئۈچۈن مەزكۇر تور دەرسخانىدىكى دەرسلىكلەر ئىنتايىن مەنپەئەت بەرگەن. Treehouse تور دەرسخانىسىغا يېڭى تىزىملاتقانلار ئۈچۈن ھەپتىلىك سىناق دەرس ئاڭلاش ۋاقتى بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەقلىق ئەزا بولۇپ باشقا ياكى تاللىغان دەرسلىكلەرنى ئاڭلىسا بولىدىكەن.
![]()
ئادرېسى: http://open.163.com
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: ۋاڭيى ئوچۇق دەرسلىرى تېد(Ted) پاراڭلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەر تارقاتقان ئوچۇق دەرسلەرنى ئاساس قىلغان تور دەرسخانىسى بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئوچۇق دەرسلىرى ئەڭ تولۇق ھەمدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئوچۇق دەرس دەرسخانىسىدۇر. مەزكۇر تور دەرسخانىسىدىكى ئوچۇق دەرسلەر پەلسەپە، پىسخولوگىيە، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، كومپىيۇتېر…دېگەندەك ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، دەرسلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئامېرىكىدى نوپۇزلۇق ئالى بىلىم يۇرتلىرى تارقاتقان بولغاچقا، بىلىم قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ياخشىدۇر. ئەڭ مۇھىمى، ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغان كىشىلىمىز ئۈچۈن بۇ دەرسخانىدىكى ئوچۇق دەرسلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە خەنزۇچە خەت سەپلەنگەن. مەزكۇر تور دەرسخانىدىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىزدۇر، شۇنداقلا ئەزا بولماي تۇرۇپمۇ دەرسلەرنى بىۋاستە كۆرۈشكە بولىدۇ.
ئوخشاش ئەندىزىدىكى تور دەرسخانىسىدىن يەنە «سىنا ئوچۇق دەرسلىرى»(新浪公开课)باردۇر.
![]()
ئادرېسى: http://study.163.com/
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسى مەيلى قۇرۇلما ۋە ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن، «udemy تور دەرسخانىسى» ئەندىزىسىنى دورىغان بولۇپ، ئوخشىمايدىغان بىر يىرى، ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسىغا جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىر قىسىم كەسىپلەرگە ئالاقىدار مەخسۇس دەرسلىرىنى قويغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپدە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن قېرىنداشلار مەزكۇر دەرسخانىدىكى دەرسلەر ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپدىكى دەرسلەرگە تەڭداش كېلىدىغان دەرسلەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. مەزكۇر دەرسخانىدىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا بولۇپ، يېڭىلىشىمۇ خېلى تىز.
![]()
ئادرېسى: http://www.ted.com
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: تېد بولسا تارقىتىشقا ئەرزىيدىغان ئىدىيىلەرنىڭ بىر يېڭىچە سەھنىسى بولۇپ،ھېچقانداق مەنپەئەتسىز يېڭىچە ئىدىيىلەرنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق ئورگان ھېسابلىنىدۇ.تېد لېكسىيىلىرى ئادەتتەۋاقتى قىسقا،ئىخچام،جانلىق ۋە ئۆتكۈر تىل بىلەن سۆزلىنىدۇ.تېد لېكسىيىلىرى 1984-يىلى بىر يىغىن شەكلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،پەن-تېخنىكا،كۆڭۈل ئېچىش ۋە لايىھەلەشنى بىر گەۋدە قىلغان بولسا،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بارلىق تېمىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن–ئىلىم-پەن،سودا-ئالاقىدىن تارتىپ خەلقئارالىق مەسىلىلەرگىچە 100دىن ئارتۇق تىللاردا تەرجىمە قىلىنىپ ۋە سۆزلىنىپ كەلمەكتە.ئۇنىڭدىن باشقا،ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان TEDx پائالىيەتلىرى يېڭىچە ئىدىيىلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە(مەزكۇر ئابزاس ئۇيغۇر تېد پاراڭلىرى تورىدىن ئېلىندى).
تېد ئورگان بېتىدىكى پاراڭلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، تىزىملىتىش ياكى ئەزا بولۇش كەتمەيدۇ. مەزكۇر پاراڭلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى يېرىدىكى پىدائىيلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تۇرىدۇ، جۈملىدىن بىر قىسىم پاراڭلارمۇ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان. يېقىندا، بىلىگ تورىنىڭ پىلانلىشى بىلەن، «تېد پاراڭلىرى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بىر تور بېكەت قۇرۇلغان. ئۇشبۇ تور بېكەتنى تۆۋەندىكى ئادرېس ئارقىلى زىيارەت قىلالايسىز: http://www.ugted.com/
![]()
ئادرېسى: http://bilig.cc/
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: بىلىگ تور دەرسخانىسى – ئۇيغۇر تىلىدىكى بىردىنبىر تور دەرسخانىسى بولۇپ، بۇ تور دەرسخانىنىڭ ئەندىزىسىمۇ « udemy تور دەرسخانىسى» ۋە ياكى «ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسى»لارنىڭ ئەندىزىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، تور بەت تۈزۈش ۋە پروگراممېرلىققا ئائىت دەرسلىكلەر يوللىنىپ، خېلى ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. مەزكۇر دەرسخانا ئىقتىدارلىق ۋە تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى سېپىگە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر تور دەرسخانىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىيلەشكەن بىر سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
ئەلۋەتتە، يۇقارقى دەرسخانىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن دەرسخانىلەر مەۋجۇت. ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا ۋە ئېنتېرنېت تەرەققىي قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى شۇنداق قولايلىقلاشتۇرغان مەزگىلدە، خالىغان يەردە، خالىغان ۋاقىتتا ئۆگۈنۈش قىلىش تامامەن مۇمكىن بىر ئىشقا ئايلاندى. پەقەت، سىز خالىسىڭىزلا…
مەزكۇر يازما تامامەن ئىجادىي بولۇپ، مەنبە ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغان يەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.
The post ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچى ئەزىمەتلەر ئۈچۈن يەتتە تەۋسىيە بېكەت appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>