1obAm_vblOhOy2snpg19LAA.jpg

يېقىندا، ئۆزۈمگە تايىنىپ يۈرۈپ، بىر نېمىلەرنى قىلىپ، توختىماي قىمىرلاپ يۈرۈپ، ئۆزۈمگە يارىغان بىر ئىككى ئەپنى پۈتتۈرۈپ چىقتىم، ئۇنىڭدىن باشقا دەسلەپ قىلغاننىڭ ئورنىغا ئىككى بېكەتنىڭ ئەپ قۇرۇلىشىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ، تۇنجى قەدەمدە كىرىم قىلغانمۇ بولدۇم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ جەريانلارنى پەقەت ئۆزۈمگە تاياندىم، مەنمۇ يېڭى باشلىغان نۇرغۇنلارغا ئوخشاش بەك كۆپ ئىسسىق – سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۈم، <<يېڭى باشلىغاندا بىرى ياخشى يىتەكلىگەن بولسا…>> دەپ نالە قىلدىم، نالەم نالە پېتى قالدى، ئەمما تەر تۆكۈشنى توختاتمىدىم.  ۋەھازاكى، بۈگۈن قۇياش چىقتى. بەلكىم، نۇرغۇن قارا كۆزلەر ماڭا ئوخشاش قۇياشنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى بۇ يازمام نۆلدىن باشلاپ ئەپ ياساش ئارزۇسى بارلارغا بېغىشلىنىدۇ.

سىز پروگراممېر بولۇشقا تەييار بولدىڭىزمۇ؟

نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1) - ئۇيغۇربەگ

يازمىنى باشلاشدىن بۇرۇن، ئەڭ ئاۋۋال سىزنى سۇئال – سوراققا تارتاي:

1. خوش، ئەپ ياساش خىيالىغا قانداق كەلدىڭىز؟

2. سىز پروگرامما يېزىشقا ھەقىقەتەن قىزىقامسىز؟

3. سىزنىڭ ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە ئائىت بىر پىلانىڭىز ۋە غايىڭىز بارمۇ؟

4. ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان پىلانىڭىز بارمۇ؟

5. ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە كۈنىگە، ھەپتىگە، ئېيىغا ئاجرىتالايدىغان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ يوق بولسا ئاجرىتالامسىز؟

6. سىز مانداقلا ئۆگىنىپ قويماقچىمۇ ياكى راۋۇرۇس ئۆگەنمەكچىمۇ؟

7. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ۋە پولاتتەك چىڭ ق*ڭ بارمۇ؟

بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىچىڭىزدە ئويلاڭ. ناۋادا، سۇئاللارغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمىسىڭىز كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز تېخى پۈتمەپتۇ. تەييارلىقىڭىز پۈتكىچە، يەنى، ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە ھەقىقىي بەل باغلىغاندا يۇقارقى سۇئاللارنى قايتا ئوقارسىز، ھازىرچە يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاللاھغا ئامانەت.

قاتتىق دىتال تەييارلىقى

نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1) - ئۇيغۇربەگ

ناۋادا، ئۆزىڭىزنى ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە تەييار بولغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن، باشقىلاردىن بىر قەدەمنى بولسىمۇ ئالدىدا بېسىپسىز. ئەمدى، قاتتىق قاتتىق دىتال تەييارلىقى قىسمىغا كېلىلى.

iOS سېستىمىسىغا ئەپ ياساش ئۈچۈن، سىزنىڭ بىر OS سېستىمىلىق كومپىيۇتېرىڭىز بولىشى كېرەك. چۈنكى، ئەپ ياساش قورالى بولغان Xcode پەقەت ۋە پەقەت OS سېستىمىسىدا ئىشلەيدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر سېستىمىلىق كومپىيۇتۇتېرلار ئالما شىركىتىنىڭ macbookلىرى ۋە ئۈستەل iOS كومپىيۇتېرلىرىدا مەۋجۇد بولۇپ، دېمەككى، ئالما ئەپى ياساش ئۈچۈن چوقۇم بىر mac كومپىيۇتېرىڭىز بولىشى كېرەك.

مەن شەخسەن <<قارا ئالما>>(يەنى نورمال لەپتوپغا ئالما سېستىمىسىنى قاچىلىغان كومپىيۇتېر) ۋە قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ياخشى بولمىغان Macbook Airلەرنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئىچكى سىغىمى 8 گېگابايت بولغان، كۆرسەتكۈچ كارتىسى 512 مېگابايتتىن كەم بولمىغان Macbook Proنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ئىچكى سىغىمغا 18 گېگابايتلىقىنى، قاتتىق دېسكىنىڭ SSDلىقىنى ئېلىڭ.

خوش، ياسىغان ئەپلىرىڭىزنى سىناشقا ياكى ئەپ بازىرىغا چىقىرىشقا بىر ئالما ئۈسكۈنىسى بولمىسا بولمايدۇ، مەنچە يېڭى ئۆگەنگەندە ئەپلەرنى سىناشقا ئايفون 5 بولسا يېتەرلىك، كېيىنچە، ئەمەلىي ئىھتىياجغا قاراپ چوڭ ئېكرانلىق ئايفون ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەمما 4s  ياكى 4 دېگەندەك ئالما شىركىتى تەرىپىدىن شاللىۋېتىشكە ئۇچراۋاتقان كىچىك ئېكرانلىق ئايفون ئىشلەتمەڭ.

تىل

نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1) - ئۇيغۇربەگ

پروگراممېرلىق جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تورنى ئاختۇرۇش ۋە ماتىرىيال كۆرۈشكە مەجبۇر بولىسىڭىز، شۇڭلاشقا، بىر قانچە تىلنى مەسىلەن خەنسۇچە، ئىنگىلىزچە دېگەندەك تىللارنى بىلىشىڭىز كېرەك، سىزدىن بۇ تىللاردا بۇلبۇل بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھېچ بولمىسا ماتىرىيالنى ئوقۇپ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىڭىز بولىشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قۇبۇل قىلىش ئېلانىغا قارايدىغان بولسىڭىز كۆپىنچىسىدە <<خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنالايدىغان بولۇشى كېرەك>> دەپ يېزىلغان، بۇنى بىكارلا يېزىپ قويمايدۇ، چۈنكى، ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار يوقنىڭ ئورنىدا، بۇ تىللارنى بىلىش – سىزنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇش، بىلىمىڭىزنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ تىللارنى بىلمىسىڭىز، پەقەت ئۇيغۇرچىلا بىلسىڭىز، يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولالىشىڭىز مۇمكىن، مەنمۇ بىرقانچەيلەنگە ھەم شاھىد بولدۇم. ئەمما، باشقىلاردىن ئون ھەسسە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ.

ئەپ ياساشنى قەيەردە ئۆگەنسەم بولا؟

resources-coding-school

ناۋادا، ئىقتىسادىڭىز ۋە شارائىتىڭىز يار بەرسە، سىزنى مەخسۇس تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆزىگە تايانغاندىن ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دىيارىمىزدا iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىتىدىغان بىر قانچە شىركەتلەر بار، مەسىلەن قارلۇق، ئۇچقۇر دېگەندەك. ئىچكىرىدىمۇ بۇنداق مەكتەپلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەرلەردە سىز قابىل ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيسىز، بىلمىگەن نەرسىڭىزنى سورىيالايسىز، ئەڭ مۇھىمى ۋاقتىڭىزنى كونترول قىلالايسىز. ھەمدە، ئىش تېپىش پۇرسىتىڭىز خېلى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، سىز چەتەلدە بولمىسىڭىزلا، ئازراق چىقىم بىلەن كۆپ ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغان مەخسۇس كۇرسلارنى مەن كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن( ئالاھىدە ئەسكەرتىش، مەن ھېچقانداق كۇرسلاردىن ئېلان ھەققى ئالمىدىم جۇمۇ…)

ناۋادا، سىز كۇرسكا تىزىملىتىپ بولغان بولسىڭىز، ئاللاھغا ئامانەت، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

خوش، مەخسۇس كۇرسلارغا بېرىش ئىمكانىيىتىڭىز ياكى ئىقتىسادىڭىز بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ۋاقىتتا، ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆگىنىشكە مەجبۇر دېمەككى، ماڭا ئوخشاش(ھاڭراپ يىغلاۋاتقان چىراي ئىپادىسى)، لېكىن، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، پروگراممېرلار يىغىلغان ئەڭ چوڭ بېكەت stackoverflowدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دىيىلىشىچە، نۆۋەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان پروگراممېرلارنىڭ 30%تى ئۆزى ئۆگىنىپ يېتىشكەنلەركەن، دېمەك، ئۆزىگە تايىنىپ ئۆگىنىشتە سىز يالغۇز ئەمەس، ئەمما، سىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق ۋە بەدەلدۇر خالاس. قېنى، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزەر سېلىڭ…

Objective-C ئۆگەنسەممۇ ياكى Swift ئۆگەنسەم؟

نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1) - ئۇيغۇربەگ

ھازىر iOS ئەپىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئىككى تىلنى تاللاشقا بولىدۇ، يەنى Objective-C ۋە Swift. ئالما شىركىتى iOS سېستىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن بىرى نىگىزى C تىلى بولغان Objective-Cنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، iOS 8 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوچۇق كودلۇق بولغان Swift تىلىنى ئېلان قىلدى، ھازىر Swift تىلى 2.2 نەشىرىگە چىققان بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ كەلمەكتە.

گەپكە كەلسەك، ئەپ ئېچىشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ئىككى تىلدىن ئەڭ ئازىدا بىرىنى ياخشى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ. توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا كۆرە، Swift تىلى ئىشلىتىش، چۈشىنىش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە Objective-Cدىن ئاسان بولۇپ، ھازىر ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يېڭى تىللارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، نۇرغۇن شىركەت ۋە ئاچقۇچىلار بەس – بەستە Swiftغا كۆچۈشمەكتە. Objective-C بولسا، بىر مۆتىۋەر تىل بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەنبە ۋە ماتىرىياللار Swiftغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ.

يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن Swiftدىن باشلىسىڭىز باشتا ئاسان توختىشى مۇمكىن، ئەمما، ھېچقانداق پروگرامما ئاساسىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا، ئالمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك Cocoa, Cocoa touch تېخنىكا ۋە APIلىرىنى چۈشۈنۈشتە قېينىلىشىڭىز مۇمكىن(چۈنكى بۇلارنىڭ ئىزاھ كودلىرى ئاساسەن Objective-Cدە يېزىلغان). Objective-Cنى ئۆگەنسىڭىز، Swiftغا قارىغاندا سەل قېيىنراق ئۆگىنىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما تور دۇنياسىدا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال ۋە مەنبەلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئىچكىرىلەپ كىرىشىڭىز Swiftغا قارىغاندا سەل ئاسانغا توختىشى مۇمكىن.

شۇڭا، بۇرۇن پروگراممېرلىق قىلىپ باققان، پروگرامما لوگىكىسىغا پىششىق بولسىڭىز بىۋاستە Swiftدىن باشلاڭ. بۇرۇن ھېچقانداق پروگرامما ئاساسىڭىز بولمىسا، Objective-Cدىن باشلاش تېخىمۇ مەنتىقىلىق.

 

(داۋامى بار)

 

 

داۋامىنى يوللاشدىن بۇرۇن تۇرايىمدا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى يازمىنى ئوقۇپ ئىلھام ئېلىپ تۇرۇڭ:

 

پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم