iOS_banner

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا، iOS ئەپ ياساشقا لازىملىق قاتتىق دېتاللار ۋە بىر قىسىم خىياللىرىمنى ئورتاقلاشقان ئىدىم، بۈگۈنكى يازمامدا مەن تۇقتىلىق قىلىپ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى ۋە كىتابلار ھەققىدە توختالغۇسىمەن. قىزىققانلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت.

يەنە باشقا قايسى تىللارنى ئۆگىنىشىم كېرەك؟

prog-languages

دەسلەپكى قەدەمدە ئاساسىڭىزنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، توردىن مەزمۇن ئوقۇش قىسمىغا كېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، توربېكەتكە لازىملىق بولغان HTML ۋە CSS تىلىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. بۇ گەپنىڭ ئاڭلاپ قورقۇپ كەتمەڭ، Swift ياكى Objective-C ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. بۇ تىللار شىركەت ياكى ئەپنىڭ تەلىپى بۇيىچە كېيىنچە ھەتتا JS ئۆگىنىشىڭىزمۇ مۇمكىن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، مەن   Swift ياكى Objective-Cدىن بىرىنىلا ئۆگەنسەم بولدى دېگەن خىيالنى پەقەت قىلماڭ.

ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى جەزمەن ئالامدىم؟

membercenter-login

مېنىڭ نەزىرىمدە، iOS سېستىمىسىغا ئەپ ياساشنىڭ Android سېستىمىسىغا ئەپ ياساشقا قارىغاندا بىر كەمچىلىكى، iOS ئەپىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكۈنىسىدە بىۋاستە سىنىيالمايمىز. پەقەتلا، Xcode تەمىنلىگەن تەقلىد پروگراممىسى(模拟器)دىلا سىنىيالايمىز. ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكۈنىمىزدە ئەپنى سىناش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك.

 

ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى – ئالما شىركىتىنىڭ iOS  ۋە OS سېستىمىسى شۇنداقلا سافارى تور كۆرگۈچى ئۈچۈن چىقارغان ھەقلىق مۇلازىمىتى بولۇپ، ئادەتتە بۇ ئۈچىنىڭ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(开发者账号) ئايرىم – ئايرىم بولىدۇ. يەنى، سىز ئۈچىلا سېتىمىغا ئەپ ياسىماقچى بولسىڭىز ئۈچ ھېساۋات ئېلىشىڭىز لازىم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر بىر ئاچقۇچى ھېساۋاتى ئوخشاش ۋاقىتتا شەخسى ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(个人开发者账号) ۋە كارخانا ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(企业开发者账号) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، يىللىق باھاسى ئوخشىمايدۇ، ئەمما، ئىقتىدارى ئاساسەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. نورمالدا، شەخسى ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنىڭ يىللىق ئىجارە ھەققى 99 دوللار بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرسا 688 سوم بولىدۇ.

 

ئۇنداقتا، ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنىڭ قانداق رولى بار؟

 

1. ياسىغان ئەپلەرنى ئۈسكۈنىلەردە سىناشقا لازىم بولىدۇ؛

2. ئەپلىرىمىزنى پىرىسلاش ۋە بوغچىلاش(打包)قا لازىم بولىدۇ؛

3. ئەپلىرىمىزنى ئەپ بازىرىغا يوللاشقا لازىم بولىدۇ؛

4. iOS سېستىمىسىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئەڭ ئاۋۋال چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

5. ۋە باشقىلار؛

 

بىر ياخشى ئىش شۇكى، بىر ئەپ ئاچقۇچى ئارقىلىق يۈز ئۈسكۈنىگە ئەپ سىناش كېنىشكىسى تارقاتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ناۋادا دوستىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى بولسا، ئۈسكۈنىڭىزنى تىزىملىتىپ كېنىشكا تارقىتىپ بەرسىلا، سىز ئەپ ئاچقۇچى ئالمىسىڭىزمۇ ئەپلەرنى ئۈسكۈنىڭىزدە سىنىيالايسىز. ناۋادا دوست تاپالمىسىڭىز مېنى ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن بىر ئۈسكۈنىنىڭ كېنىشكىنى 100 سومغا تەمىنلەپ بىرەلەيمەن.

 

خۇلاسىگە كەلسەك، ناۋادا سىز ياسىغان ئەپلىرىڭىزنى ئۈسكۈنىلەردە سىناشقا ئىھتىياجلىق بولمىسىڭىز ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ ناۋادا، پەقەت ئۈسكۈنىلەردىلا سىناش نىيىتىڭىز بولۇپ، ئەپ بازىرىغا يوللاش نىيىتىڭىز بولمىسا مەن ئارقىلىق بىر ئەپ سىناش كېنىشكىسى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ؛  ناۋادا، ئەپ بازىرىغا يوللاش نېيىتىڭىز بولسا، بىر ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى چوقۇم ئېلىڭ.

تەۋسىيە كىتابلار

ios-development

iOS سېستىمىسىغا ئەپ ئېچىش جەريانىدا مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە كىتابلارنى سېتىۋالغان، گەرچە، كىتابلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىغان بولساممۇ، تورداشلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى دەپ قارىغان كىتابلاردىن بىرقانچىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇناي. كىتاب ئىسمىنى چەكسىڭىز كىتابلارنىڭ تاۋباۋ ياكى ئامازوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئادرېسىغا بارىدۇ(تەۋسىيەم، ئامال بار كىتابلارنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى تېپىپ كۆرۈپ بېقىپ، ماس كەلسە ئاندىن قەغەز نۇسخىسىنى سېتىۋېلىڭ).

 

دەسلەپكى سەۋىيە ئۈچۈن تەۋسىيە كىتابلار(كىتاب ئىسمىنى باسسىڭىز تاۋباۋدىكى ئادرېسىغا ئۇلىنىدۇ؛ مەزكۇر يازمىنى ئۇيغۇربەگنىڭ ئەپىدىن كۆرۈۋاتقانلار تاۋباۋدىن كىتاب ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەڭ):

 

1. iOS开发指南:从零基础到App Store上架 第3版

TB1K7aTLVXXXXcYXFXXXXXXXXXX_!!0-item_pic.jpg_430x430q90

 

2. Objective-C程序设计 第6版

TB1IBfWKFXXXXaiXpXXXXXXXXXX_!!0-item_pic.jpg_430x430q90

 

3. 精通iOS开发 第7版

TB1BIrXKVXXXXabXFXXXXXXXXXX_!!2-item_pic.png_600x600

 

4. Swift开发实战权威指南 Swift从入门到精通 Swift语言实战入门

TB1MNWqGVXXXXbuXVXXXXXXXXXX_!!0-item_pic.jpg_430x430q90

 

ئوتتۇرا سەۋىيە ئۈچۈن تەۋسىيە كىتابلار:

 

1.  iOS开发进阶

TB1BFZ7GVXXXXc1XXXXXXXXXXXX_!!0-item_pic.jpg_430x430q90

 

2. iOS开发范例实战宝典

TB10PU2HFXXXXacXFXXXXXXXXXX_!!0-item_pic.jpg_430x430q90

 

3. 疯狂iOS讲义 – بۇ كىتاب ئىككى قىسىم

TB10sg3FFXXXXa.XVXXXXXXXXXX_!!2-item_pic.png_430x430q90

 

 

ئېسىڭىزدە يۇقارقى كىتابلار پەقەت ئاساسى سەۋىيەدىكى كىتابلار بولۇپ، ئەپ ئېچىشقا دائىر زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كىتابلاردىكى بىلىملەردىن پايدىلىنىپلا بىلەن رەسىمى بىر ئەپ ياساپ چىقىشىڭىز مۈشكۈل. ئەمما، ئاساسىڭىز تىكلىنىدۇ.

 

داۋامى بار…