acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121The post ھەقسىز ياكى ئەرزانغا ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟ appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشدىن بۇرۇن، ئەپ بازىرىدا قارلىق، كاككۇك دېگەندەك شىركەت ياكى شەخىسلەرنىڭ ياسىغان ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشدىن تازا قېچىپ، ئەپلەرنىڭ ھەقسىز قىلىنىۋېتىدىغان ھېيت – بايراملىق پائالىيەتلىرىغا ئىشتىھا ساقلاپ ئولتۇراتتىم. بىر زامانلار ئىچىمدە «ئاشۇ ئەپ ئاچقۇچىلار نىمداق پۇلپەرەز ئىنسانلاردۇ، جاپا تارتىپ ياسىغانكى ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقسىز قىلىۋەتسە بولمامدۇ؟» دەپ ئويلايتىم، ھەمدە بىرەر كۈنى مەن ئەپ ياساپ قالسام ھەممىسىنى ھەقسىز قىلىۋېتىمەن دەپ تاس قالغان «ئوچۇق خەت»دىن بىرنى يېزىۋەتكىلى. ھالبۇكى، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ، ئاغزىمغا سائەت چىققاندەك ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي ئەپ بازىرىدا ئون قانچە ھەقسىز ئەپى بار يالاڭتۆش ئەپچىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدىم-دە، بۇ ئەپ ئېچىشنىڭ ئارقىسىدىكى بەدەل ۋە تەرلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندە، تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالدىم، ھەقسىز ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟
ئەلۋەتتە، بۇ خىيالغا كەلگىلى ئۇزاقمۇ بولمىدى، بولۇپمۇ ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىم ھەمدە چىقىملىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە تەڭداش بولماس ئازراققىنا كىرىمگە قاراپ، تاسادىبى ئاچ قالسام قانداق قىلارمەن دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم. بولۇپمۇ، سىناق ئورنىدا «تۈركچەم»، «شېئىرنامە» قاتارلىق ئەپلەرنى ھەقلىق قىلغاندىن كېيىن «ئەپلەرنى ھەقسىز قىلىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا؛ بىرەر خېرىدارنىڭ بىر مۇنچە تەلەپلەرنى قويغاندىن كېيىن ئىنچىكە ھېسابلاپ بەرگەن باھايىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «ئاتتام، نېمانداق قىممەت؟» دېگەندەك پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاندا بۇ خىيالغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ قالىمەن.
بۈگۈنكى يازمامدا، بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم.
![]()
ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ بەدىلى بولىدۇ، ھەتتا يايما ئاچسىڭىزمۇ شۇ. ئەپ ياساشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئاددى بىر ھېساب قىلىپ بېرەي:
1. بىر تال ياخشى كومپىيۇتېر (تەخمىنەن 8 مىڭ سوم)؛
2. ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى، يىللىقى 800 سوم؛
ئەپ ئاچقۇچىنى تاماق يېمەيدۇ، تالادا يېتىپ ئۇخلايدۇ، سودا بازىرىدىكى ھەقسىز WIFIنى ئىشلىتىدۇ دەپ تۇرىلى، ھەپ بوپتۇ، كومپىيۇتېرنى كوچىدىن تېپىۋالدى، قەھۋەسىنى كومپارتىيە بوشو قىلدى دەيلى، ئاۋۇ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى تىم كۇك ھەرگىز بىكاغا قىپ بەرمەيدۇ، ھېچ بولمىسا شۇنىڭ چىقىمىنى بولسىمۇ چىقىرىۋېلىشى كېرەكدە، ئەمما قانداق چىقىرىدۇ؟ ئىلاھا ئامىنغىمۇ؟
![]()
![]()
1. ھەر قانداق بىر ئەپنى ياساش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال «كاللا» كېتىدۇ، پروگراممېرنىڭ كاللىسى نورمال كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ ئىشلەيدۇ، چۈنكى ئۇ «گەپ چۈشەنمەس» كومپىيۇتېرغا لوگىكىلىق بۇيرۇق بىرىش بىلەن بىرگە ماتىماتىكىلىق ئانالىزلەرنى قىلىدۇ. سىزنى ئۈچ كۈن بىكارغا تاپشۇۇق كۆچۈرۈپ بەر دېسە ساراڭمۇ مەن دەيدىغانلىقىڭىزنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟
2. ھە بوپتۇ، پروگراممېر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئەپ ياساشنى ئۆگىنىپلا چۈشكەن دەيلى، بىر ئاددى ئەپنى ياساشقىمۇ ئاز بولسا بىرەر سائەت، ئەپ بازىرىغا يوللاش ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. سەل مۇرەككەپرەك ئەپ بولۇپ قالسا، كۈنىگە ئەڭ ئاز 12 سائەتتىن ئىشلەپ، بىرەر ھەپتە ياكى بىرەر ئاي ئىشلەيدىغان گەپ. سىزنى بىكارغا بىر سائەت خىش تۇشۇپ بەر دېسە توشۇپ بېرەمسىز؟ بوپتۇ، خىش تۇشۇش تەسرەك ئىش دەيلى، ئۈچ كۈن بىكارغا ئەينەك سۈرتۈپ بېرىڭ دېسە قىلامسىز؟
3. ئىنتېرنېت شۇنداق تەرەققىي قىلىپ، يېڭى – يېڭى نەرسىلەر چىقىپ تۇرىدۇ، پروگراممېرلارمۇ ئىشسىز قالماسلىق ئۈچۈن بىكار ۋاقتىدا توختىماي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرمىشىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن 1. نومۇر بىلەن 2. نومۇرلۇق چىقىملارنى قېيىن ئۇكىسى ئۆتەپ قويالمايدۇ ئەمەسمۇ…
![]()
ھەر قانداق كەسىپنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ۋە مۇلازىمەت باھاسى بولىدۇ؛ بىر زەرگەر ھەرگىزمۇ ئالتۇنىنى زىيانغا ساتمايدۇ؛ بىر ناۋاي نېنىنى ھەرگىز بىكارغا بەرمەيدۇ، گىرىمچى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىشلەتكەن ماتىرىياللىرىنىڭ چىقىمىنى بولسىمۇ تىرىلدۈرۈۋالمىسا گىرىم قىلمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىرەر ساتىراشخانىغا بېرىپ بىكارغا چاچ ياساپ قۇيامسىز دەپ بېقىڭ. سودىگەرلەرمۇ تىجارەت قىلسا خېرىدار تالىشىپ باھا چۈشۈرۈشى مۇمكىن، ئەمما ھەر قانچە چۈشۈرسىمۇ ئۆزلىرىگە زىيان چىقمىغۇدەك دەرىجىدە قىلىدۇ.
ناۋادا سىز ئازراقلا كىرىمنى دەپ ۋە ياكى بىكار تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن، بوپتۇلا، خېرىدارنىڭمۇ بىرىدىغىنى مۇشۇنچىلىككەن دەپ ئەسلى ئەڭ ئاز 15 مىڭغا پۈتىدىغان ئەپنى بىر ئىككى مىڭغا قىلىپ بەرسىڭىز زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز. بىكارغا ياساپ بەرسىڭىز بولدى بىر جەھەتتىن كەسپىي ئەخلاقىڭىزنى يوقاتقان، يەنە بىر جەھەتتىن خەققە مەدىكار بولدىڭىز دېگەن گەپ. بىر قېتىم ئەرزان ئىشلەپ كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى خېرىدارلىرىڭىزغا ئوخشاش خېرىدارلار، كۇرسىڭىزنى بىر قېتىم چۈشۈردىڭىزمۇ قايتا تىكلىشىڭىز ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاسنى ئۆلتۈرۈشىدىنمۇ بىر تەس. بۇنداق جاپا تارتقاندىن، خېرىدارغا باھانى ياخشى قۇيۇڭ، پۈتۈشكەندىن كېيىن ئەپنى ياخشى پۈتتۈرۈپ بېرىڭ، خېرىدارنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ رازى قىلىڭ. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇڭ.
![]()
بەلكىم، سىز بىرەر ئەپ ياكى تور بېكەتنى بىرە كويغا، بەك بولسا بىرە يۈز كويغا پۈتىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭلاشقا پروگراممېرنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسى ئالامەت قىممەت تۇيۇلغان بولۇشى ياكى ھەقلىق ئەپلەر «گۆشدىن قىممەت» تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ سىزنىڭ پروگراممىرلىق ساھەسىنى شۇنداقلا بازار ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ خالاس.
بىر زامانلارنىڭ ئالدىدا لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر دوستىمىزنىڭ چەمبىرەكتە «ئېلانغا كۆزنى يۇمۇپلا پالانى پۇل خەجلەپ، شىركەتنىڭ ئوبرازى بولغان بىر ماركا لايىھەسىگە بولسا نەچچە مىڭ خەجلەشكە چىدىمايدۇ» دەپ يازغانلىقى ئېسىمدە. ئەمەلىيەتتە، ئۇ شىركەتلەر ئېلانچىلىق شىركەتلىرى بىلەن كۆپ ھەپىلىشىدىغان بولغاچقا ئۇ ساھەنىڭ باھاسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئەمما لايىھە ساھەسىنى بولسا بىلمەيدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئەرزان ھېسابلىنىدىغان بىر نەچچە مىڭلىق لايىھەلەر ئۇلارغا قىممەت تۇيۇلغان بولۇشى ئېنىق.
شۇ تاپتا، دىيارىمىزدا ئەپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر كۆپ، خېرىدار ئاز، سەيياھ پروگراممېرلار ساماندەك، رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە سىز ئىزدەۋاتقان شىركەت\شەخىسلەر سىزگە باھانى ئىنچىكە ھېسابلاپ، ئۆزلىرى قوبۇل قىلالايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكتە، ھەتتا زىيان چىقىدىغان ھالدا تۇرۇقلۇق بەرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىز باھانى 50% چۈشۈرۈشكە، ھەتتا بىكارغا قىلىپ بېرىشكە ئۇرۇنسىڭىز، مۇشۇ ئىشنى قەشقەرگە بېرىپ تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىشقا كەلسەك، 5000 سوملۇق تېلىفون ئالالىغان يەردە 5 كوي پارچە پۇلىڭىز يوقمۇ ئەمەس. پەقەت ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىپ كۆنۈپ باقمىدىڭىز خالاس، شۇڭا سىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، سېتىۋالماسلىق ھەتتا سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز. بىزنىڭ ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دېيىش ھەققىمىزمۇ يوق. ئەمەلىيەتتە، ئەپ بازىرىدىكى ئۇيغۇرچە ھەقلىق ئەپلەر ئىنتايىن ئەرزان بولۇپ، شاپاق نەرقىدە دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز سېتىۋالغان ئاشۇ 5 كويلۇق ئەپ بىلەن باي بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىمىزمۇ خۇدا ھەققى راست. پەقەت، سىز سېتىۋالغان ئاشۇ ھەقلىق ئەپلەرنىڭ پروگراممېرغا بەرگەن مەدىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، نەدىن بىلىسىز، بۇ قوللىشىڭىز بىلەن پروگراممېرلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ سەرخىل ئەپلەرنى ياساپ كېتەمدۇ تېخى. خۇددى مەلۇم ئۈندىدار سالونىدىكى شۇئار بۇيىچە: يوللاش بىزدىن، قوللاش سىزدىن!…
گەپنى قىسقارتساق:
شۇنداقتىمۇ، ۋاقتىنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاتايىن دەسمايى سېلىپ ھەقسىز ئەپ ياساۋاتقانلار بولسا، ئۇلارغا ئىھتىرام بىلدۈرۈپ قۇيۇڭ. ناۋادا، ھەقلىق ئەپ چىقارغان بولسا، سېتىۋالمىسىڭىزمۇ ھەقسىز قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازماڭ. ئۇيغۇر پروگراممىرلىرىنىڭ بىكالىق ئەپ ياساپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. قۇربىتىڭىز يەتسە، ھەقلىق ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى سېتىۋېلىپ شۇنچىلىك چەكلىك شارائىتتىمۇ تىركىشىۋاتقان پروگراممىرلىرىمىزنى قوللاپ بېرىڭ. قونجۇمدىن تۆكۈلسە قوينۇمغا ئەمەسمۇ؟…
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. يازمام ياققان بولسا، بەگنى تارتۇقلىسىڭىز بولىدۇ.
The post ھەقسىز ياكى ئەرزانغا ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟ appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(3): تەۋسىيە دەرسلىك ۋە بېكەتلەر appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
ئالدىنقى يازمىمىزدا بىز لازىملىق كىتاب ۋە بىر قىسىم تەييارلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشقان ئىدىم. ئەلۋەتتە، كىتاب بىلەنلا قالماي يەنە بىر قىسىم زۆرۈر دەرسلىكنى كۆرۈپ چىقىشىمىزمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈنكى يازمىمىزدا ئاساسلىقى مەن ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچراتقان ھەمدە ماڭا نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىغان مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇسىمەن.
1. ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ iOS 7 ئۈچۈن ئەپ ياساشقا مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق دەرسى(Objective-C تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، ئىنگىلىزچە تىل، خەنچە خەت):
كۆرۈش ئادرېسى: http://open.163.com/special/opencourse/ios7.html
2. ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ iOS 8 ئۈچۈن ئەپ ياساشقا مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق دەرسى(Swift تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، ئىنگىلىزچە تىل، خەنچە خەت):
كۆرۈش ئادرېسى: http://open.163.com/special/opencourse/ios8.html
3. خەنلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايفون ئەپ ئۇستازى لى مىڭجىيىنىڭ شىركىتى بولمىش شىياۋماگې (小马哥)نىڭ كەسپى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەقسىز تارقاتقان ئاساس دەرسلىكى(Objective-C تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، تىلى خەنچە، چۈشۈرۈش قەدەم باسقۇچىنى كۆرۈش ئادرېسىدىن ئۆگۈنىۋېلىڭ):
كۆرۈش ئادرېسى: http://520it.com/f/list-5e4e600be03f447194a6af100360bec1.html
4. كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى چۈئەنجى بوكې(传智播客)نىڭ ھەقسىز تارقاتقان iOS ئاساس دەرسلىكى(Objective-C تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، تىلى خەنچە):
كۆرۈش ئادرېسى: http://dvd.boxuegu.com/course/87.html
5. كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى چۈئەنجى بوكې(传智播客)نىڭ ھەقسىز تارقاتقان Swift ئاساس دەرسلىكى(Swift تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، تىلى خەنچە):
كۆرۈش ئادرېسى: http://dvd.boxuegu.com/course/91.html
6. كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى چۈئەنجى بوكې(传智播客)نىڭ ھەقسىز تارقاتقان UI ئاساس دەرسلىكى(Objective-C تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيدۇ، تىلى خەنچە):
كۆرۈش ئادرېسى: http://dvd.boxuegu.com/course/92.html
يۇقارقى دەرسلىكنى چوقۇم تەپسىلى ۋە ئەستايىدىل كۆۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ قىسىمدا مەن ئەپ ياساش جەريانىدا كۆپرەك پايدىلىنىدىغان بىر قىسىم توربېكەتلەرنى ھەمبەھىرلەپ ئۆتكۈسىمەن(ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىبى يوق).
كود، ئۈچۈنچى تەرەپ مەنبە چۈشۈرۈش تور بېكەتلىرى:
1. http://code4app.net/forum.php
ئۇچۇر – مۇنازىرە تور بېكەتلىرى:
1. http://www.cocoachina.com/bbs/
3.Google
لايىھە تور بېكەتلىرى:
ئەپ ياساشتا لازىملىق بولىدىغان ئايكون چۈشۈرۈش تور بېكەتلىرى:
1. https://www.iconfinder.com/
دەرسلىك تور بېكەتلىرى(ئاساسىڭىز چىقىپ بولغاندا كۆرسىڭىز بولىدۇ):
2. http://www.jikexueyuan.com/
مەن ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش جەريانىدا خېلى كۆپ پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان دەرسلىكلەرنى توپلام ھالەتتە شاپاق نەرقىدە سېتىۋېتىمەن، دەرسلىكنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:![]()
![]()
توپلام ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرسلىكلەر:
1. مەزكۇر يازمىدا تىلغا ئالغان ئاساس دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى؛
2. Udemyدىكى قىممىتى 700 سوملۇق ئەپ ئېچىش دەرسلىكى(ئىنگىلىزچە، مەن 250 سومغا سېتىۋالغان)؛
3. 极客学院نىڭ ھەقلىق ئەزالارغا ئېچىۋېتىلگەن ئەپ ئېچىش دەرسلىكلىرى(ھەممىسى)؛
4. ئەپچى ئۇستاملار ۋە تەربىيىلەش مەركەزلىرى بولمىش 华章، 李明杰، 传智播客… قاتارلىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى تەمىنلىگەن دەرسلىك ۋە ئەمەلىي مەشىقلەر…
5. Objective-C, Swift ئاساس دەرسلىكلىرى ۋەھاكازالار؛
مەزكۇر توپلام دەرسلىكلەرنىڭ باھاسى : شاپاق نەرقىدە 50 سوم
سېتىۋېلىش ئۇسۇلى: uyghurbeg@yahoo.com
نامىدىكى ئالىپاي ھېساۋاتىمغا پۇلنى ئۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، بەيدۇ بوشلۇقىدىن «uyghurbeg» دەپ ئىزدەپ مېنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، پۇل تۆلىگەنلىك ئىسپاتىنى رەسىم قىلىپ ئەۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.مەن دەرسلىكلەرنى خەت قالدۇرغان شۇ ھېساۋاتىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ قويىمەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دەرسلىك ماڭا ئائىت بولمىغاچقا، دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك سۇئال ۋە ياكى تېخنىكىلىق ئىشلارغا ياردەم بېرەلمەيمەن.
يازمىنىڭ داۋامى بار.
The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(3): تەۋسىيە دەرسلىك ۋە بېكەتلەر appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(2): تەۋسىيە كىتابلار appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا، iOS ئەپ ياساشقا لازىملىق قاتتىق دېتاللار ۋە بىر قىسىم خىياللىرىمنى ئورتاقلاشقان ئىدىم، بۈگۈنكى يازمامدا مەن تۇقتىلىق قىلىپ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى ۋە كىتابلار ھەققىدە توختالغۇسىمەن. قىزىققانلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت.
دەسلەپكى قەدەمدە ئاساسىڭىزنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، توردىن مەزمۇن ئوقۇش قىسمىغا كېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، توربېكەتكە لازىملىق بولغان HTML ۋە CSS تىلىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. بۇ گەپنىڭ ئاڭلاپ قورقۇپ كەتمەڭ، Swift ياكى Objective-C ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. بۇ تىللار شىركەت ياكى ئەپنىڭ تەلىپى بۇيىچە كېيىنچە ھەتتا JS ئۆگىنىشىڭىزمۇ مۇمكىن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، مەن Swift ياكى Objective-Cدىن بىرىنىلا ئۆگەنسەم بولدى دېگەن خىيالنى پەقەت قىلماڭ.
مېنىڭ نەزىرىمدە، iOS سېستىمىسىغا ئەپ ياساشنىڭ Android سېستىمىسىغا ئەپ ياساشقا قارىغاندا بىر كەمچىلىكى، iOS ئەپىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكۈنىسىدە بىۋاستە سىنىيالمايمىز. پەقەتلا، Xcode تەمىنلىگەن تەقلىد پروگراممىسى(模拟器)دىلا سىنىيالايمىز. ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكۈنىمىزدە ئەپنى سىناش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك.
ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى – ئالما شىركىتىنىڭ iOS ۋە OS سېستىمىسى شۇنداقلا سافارى تور كۆرگۈچى ئۈچۈن چىقارغان ھەقلىق مۇلازىمىتى بولۇپ، ئادەتتە بۇ ئۈچىنىڭ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(开发者账号) ئايرىم – ئايرىم بولىدۇ. يەنى، سىز ئۈچىلا سېتىمىغا ئەپ ياسىماقچى بولسىڭىز ئۈچ ھېساۋات ئېلىشىڭىز لازىم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر بىر ئاچقۇچى ھېساۋاتى ئوخشاش ۋاقىتتا شەخسى ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(个人开发者账号) ۋە كارخانا ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى(企业开发者账号) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، يىللىق باھاسى ئوخشىمايدۇ، ئەمما، ئىقتىدارى ئاساسەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. نورمالدا، شەخسى ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنىڭ يىللىق ئىجارە ھەققى 99 دوللار بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرسا 688 سوم بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنىڭ قانداق رولى بار؟
1. ياسىغان ئەپلەرنى ئۈسكۈنىلەردە سىناشقا لازىم بولىدۇ؛
2. ئەپلىرىمىزنى پىرىسلاش ۋە بوغچىلاش(打包)قا لازىم بولىدۇ؛
3. ئەپلىرىمىزنى ئەپ بازىرىغا يوللاشقا لازىم بولىدۇ؛
4. iOS سېستىمىسىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئەڭ ئاۋۋال چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
5. ۋە باشقىلار؛
بىر ياخشى ئىش شۇكى، بىر ئەپ ئاچقۇچى ئارقىلىق يۈز ئۈسكۈنىگە ئەپ سىناش كېنىشكىسى تارقاتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ناۋادا دوستىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى بولسا، ئۈسكۈنىڭىزنى تىزىملىتىپ كېنىشكا تارقىتىپ بەرسىلا، سىز ئەپ ئاچقۇچى ئالمىسىڭىزمۇ ئەپلەرنى ئۈسكۈنىڭىزدە سىنىيالايسىز. ناۋادا دوست تاپالمىسىڭىز مېنى ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن بىر ئۈسكۈنىنىڭ كېنىشكىنى 100 سومغا تەمىنلەپ بىرەلەيمەن.
خۇلاسىگە كەلسەك، ناۋادا سىز ياسىغان ئەپلىرىڭىزنى ئۈسكۈنىلەردە سىناشقا ئىھتىياجلىق بولمىسىڭىز ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ ناۋادا، پەقەت ئۈسكۈنىلەردىلا سىناش نىيىتىڭىز بولۇپ، ئەپ بازىرىغا يوللاش نىيىتىڭىز بولمىسا مەن ئارقىلىق بىر ئەپ سىناش كېنىشكىسى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ؛ ناۋادا، ئەپ بازىرىغا يوللاش نېيىتىڭىز بولسا، بىر ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى چوقۇم ئېلىڭ.
iOS سېستىمىسىغا ئەپ ئېچىش جەريانىدا مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە كىتابلارنى سېتىۋالغان، گەرچە، كىتابلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىغان بولساممۇ، تورداشلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى دەپ قارىغان كىتابلاردىن بىرقانچىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇناي. كىتاب ئىسمىنى چەكسىڭىز كىتابلارنىڭ تاۋباۋ ياكى ئامازوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئادرېسىغا بارىدۇ(تەۋسىيەم، ئامال بار كىتابلارنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى تېپىپ كۆرۈپ بېقىپ، ماس كەلسە ئاندىن قەغەز نۇسخىسىنى سېتىۋېلىڭ).
دەسلەپكى سەۋىيە ئۈچۈن تەۋسىيە كىتابلار(كىتاب ئىسمىنى باسسىڭىز تاۋباۋدىكى ئادرېسىغا ئۇلىنىدۇ؛ مەزكۇر يازمىنى ئۇيغۇربەگنىڭ ئەپىدىن كۆرۈۋاتقانلار تاۋباۋدىن كىتاب ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەڭ):
1. iOS开发指南:从零基础到App Store上架 第3版
4. Swift开发实战权威指南 Swift从入门到精通 Swift语言实战入门
ئوتتۇرا سەۋىيە ئۈچۈن تەۋسىيە كىتابلار:
3. 疯狂iOS讲义 – بۇ كىتاب ئىككى قىسىم
ئېسىڭىزدە يۇقارقى كىتابلار پەقەت ئاساسى سەۋىيەدىكى كىتابلار بولۇپ، ئەپ ئېچىشقا دائىر زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كىتابلاردىكى بىلىملەردىن پايدىلىنىپلا بىلەن رەسىمى بىر ئەپ ياساپ چىقىشىڭىز مۈشكۈل. ئەمما، ئاساسىڭىز تىكلىنىدۇ.
داۋامى بار…
The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(2): تەۋسىيە كىتابلار appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1): دەسلەپكى تەييارلىق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
يېقىندا، ئۆزۈمگە تايىنىپ يۈرۈپ، بىر نېمىلەرنى قىلىپ، توختىماي قىمىرلاپ يۈرۈپ، ئۆزۈمگە يارىغان بىر ئىككى ئەپنى پۈتتۈرۈپ چىقتىم، ئۇنىڭدىن باشقا دەسلەپ قىلغاننىڭ ئورنىغا ئىككى بېكەتنىڭ ئەپ قۇرۇلىشىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ، تۇنجى قەدەمدە كىرىم قىلغانمۇ بولدۇم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ جەريانلارنى پەقەت ئۆزۈمگە تاياندىم، مەنمۇ يېڭى باشلىغان نۇرغۇنلارغا ئوخشاش بەك كۆپ ئىسسىق – سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۈم، <<يېڭى باشلىغاندا بىرى ياخشى يىتەكلىگەن بولسا…>> دەپ نالە قىلدىم، نالەم نالە پېتى قالدى، ئەمما تەر تۆكۈشنى توختاتمىدىم. ۋەھازاكى، بۈگۈن قۇياش چىقتى. بەلكىم، نۇرغۇن قارا كۆزلەر ماڭا ئوخشاش قۇياشنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى بۇ يازمام نۆلدىن باشلاپ ئەپ ياساش ئارزۇسى بارلارغا بېغىشلىنىدۇ.
يازمىنى باشلاشدىن بۇرۇن، ئەڭ ئاۋۋال سىزنى سۇئال – سوراققا تارتاي:
1. خوش، ئەپ ياساش خىيالىغا قانداق كەلدىڭىز؟
2. سىز پروگرامما يېزىشقا ھەقىقەتەن قىزىقامسىز؟
3. سىزنىڭ ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە ئائىت بىر پىلانىڭىز ۋە غايىڭىز بارمۇ؟
4. ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان پىلانىڭىز بارمۇ؟
5. ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە كۈنىگە، ھەپتىگە، ئېيىغا ئاجرىتالايدىغان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ يوق بولسا ئاجرىتالامسىز؟
6. سىز مانداقلا ئۆگىنىپ قويماقچىمۇ ياكى راۋۇرۇس ئۆگەنمەكچىمۇ؟
7. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ۋە پولاتتەك چىڭ ق*ڭ بارمۇ؟
بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىچىڭىزدە ئويلاڭ. ناۋادا، سۇئاللارغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمىسىڭىز كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز تېخى پۈتمەپتۇ. تەييارلىقىڭىز پۈتكىچە، يەنى، ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە ھەقىقىي بەل باغلىغاندا يۇقارقى سۇئاللارنى قايتا ئوقارسىز، ھازىرچە يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاللاھغا ئامانەت.
ناۋادا، ئۆزىڭىزنى ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە تەييار بولغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن، باشقىلاردىن بىر قەدەمنى بولسىمۇ ئالدىدا بېسىپسىز. ئەمدى، قاتتىق قاتتىق دىتال تەييارلىقى قىسمىغا كېلىلى.
iOS سېستىمىسىغا ئەپ ياساش ئۈچۈن، سىزنىڭ بىر OS سېستىمىلىق كومپىيۇتېرىڭىز بولىشى كېرەك. چۈنكى، ئەپ ياساش قورالى بولغان Xcode پەقەت ۋە پەقەت OS سېستىمىسىدا ئىشلەيدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر سېستىمىلىق كومپىيۇتۇتېرلار ئالما شىركىتىنىڭ macbookلىرى ۋە ئۈستەل iOS كومپىيۇتېرلىرىدا مەۋجۇد بولۇپ، دېمەككى، ئالما ئەپى ياساش ئۈچۈن چوقۇم بىر mac كومپىيۇتېرىڭىز بولىشى كېرەك.
مەن شەخسەن <<قارا ئالما>>(يەنى نورمال لەپتوپغا ئالما سېستىمىسىنى قاچىلىغان كومپىيۇتېر) ۋە قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ياخشى بولمىغان Macbook Airلەرنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئىچكى سىغىمى 8 گېگابايت بولغان، كۆرسەتكۈچ كارتىسى 512 مېگابايتتىن كەم بولمىغان Macbook Proنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ئىچكى سىغىمغا 18 گېگابايتلىقىنى، قاتتىق دېسكىنىڭ SSDلىقىنى ئېلىڭ.
خوش، ياسىغان ئەپلىرىڭىزنى سىناشقا ياكى ئەپ بازىرىغا چىقىرىشقا بىر ئالما ئۈسكۈنىسى بولمىسا بولمايدۇ، مەنچە يېڭى ئۆگەنگەندە ئەپلەرنى سىناشقا ئايفون 5 بولسا يېتەرلىك، كېيىنچە، ئەمەلىي ئىھتىياجغا قاراپ چوڭ ئېكرانلىق ئايفون ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەمما 4s ياكى 4 دېگەندەك ئالما شىركىتى تەرىپىدىن شاللىۋېتىشكە ئۇچراۋاتقان كىچىك ئېكرانلىق ئايفون ئىشلەتمەڭ.
پروگراممېرلىق جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تورنى ئاختۇرۇش ۋە ماتىرىيال كۆرۈشكە مەجبۇر بولىسىڭىز، شۇڭلاشقا، بىر قانچە تىلنى مەسىلەن خەنسۇچە، ئىنگىلىزچە دېگەندەك تىللارنى بىلىشىڭىز كېرەك، سىزدىن بۇ تىللاردا بۇلبۇل بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھېچ بولمىسا ماتىرىيالنى ئوقۇپ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىڭىز بولىشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قۇبۇل قىلىش ئېلانىغا قارايدىغان بولسىڭىز كۆپىنچىسىدە <<خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنالايدىغان بولۇشى كېرەك>> دەپ يېزىلغان، بۇنى بىكارلا يېزىپ قويمايدۇ، چۈنكى، ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار يوقنىڭ ئورنىدا، بۇ تىللارنى بىلىش – سىزنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇش، بىلىمىڭىزنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ تىللارنى بىلمىسىڭىز، پەقەت ئۇيغۇرچىلا بىلسىڭىز، يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولالىشىڭىز مۇمكىن، مەنمۇ بىرقانچەيلەنگە ھەم شاھىد بولدۇم. ئەمما، باشقىلاردىن ئون ھەسسە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ.
ناۋادا، ئىقتىسادىڭىز ۋە شارائىتىڭىز يار بەرسە، سىزنى مەخسۇس تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆزىگە تايانغاندىن ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دىيارىمىزدا iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىتىدىغان بىر قانچە شىركەتلەر بار، مەسىلەن قارلۇق، ئۇچقۇر دېگەندەك. ئىچكىرىدىمۇ بۇنداق مەكتەپلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەرلەردە سىز قابىل ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيسىز، بىلمىگەن نەرسىڭىزنى سورىيالايسىز، ئەڭ مۇھىمى ۋاقتىڭىزنى كونترول قىلالايسىز. ھەمدە، ئىش تېپىش پۇرسىتىڭىز خېلى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، سىز چەتەلدە بولمىسىڭىزلا، ئازراق چىقىم بىلەن كۆپ ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغان مەخسۇس كۇرسلارنى مەن كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن( ئالاھىدە ئەسكەرتىش، مەن ھېچقانداق كۇرسلاردىن ئېلان ھەققى ئالمىدىم جۇمۇ…)
ناۋادا، سىز كۇرسكا تىزىملىتىپ بولغان بولسىڭىز، ئاللاھغا ئامانەت، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
خوش، مەخسۇس كۇرسلارغا بېرىش ئىمكانىيىتىڭىز ياكى ئىقتىسادىڭىز بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ۋاقىتتا، ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆگىنىشكە مەجبۇر دېمەككى، ماڭا ئوخشاش(ھاڭراپ يىغلاۋاتقان چىراي ئىپادىسى)، لېكىن، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، پروگراممېرلار يىغىلغان ئەڭ چوڭ بېكەت stackoverflowدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دىيىلىشىچە، نۆۋەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان پروگراممېرلارنىڭ 30%تى ئۆزى ئۆگىنىپ يېتىشكەنلەركەن، دېمەك، ئۆزىگە تايىنىپ ئۆگىنىشتە سىز يالغۇز ئەمەس، ئەمما، سىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق ۋە بەدەلدۇر خالاس. قېنى، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزەر سېلىڭ…
ھازىر iOS ئەپىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئىككى تىلنى تاللاشقا بولىدۇ، يەنى Objective-C ۋە Swift. ئالما شىركىتى iOS سېستىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن بىرى نىگىزى C تىلى بولغان Objective-Cنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، iOS 8 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوچۇق كودلۇق بولغان Swift تىلىنى ئېلان قىلدى، ھازىر Swift تىلى 2.2 نەشىرىگە چىققان بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ كەلمەكتە.
گەپكە كەلسەك، ئەپ ئېچىشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ئىككى تىلدىن ئەڭ ئازىدا بىرىنى ياخشى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ. توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا كۆرە، Swift تىلى ئىشلىتىش، چۈشىنىش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە Objective-Cدىن ئاسان بولۇپ، ھازىر ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يېڭى تىللارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، نۇرغۇن شىركەت ۋە ئاچقۇچىلار بەس – بەستە Swiftغا كۆچۈشمەكتە. Objective-C بولسا، بىر مۆتىۋەر تىل بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەنبە ۋە ماتىرىياللار Swiftغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ.
يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن Swiftدىن باشلىسىڭىز باشتا ئاسان توختىشى مۇمكىن، ئەمما، ھېچقانداق پروگرامما ئاساسىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا، ئالمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك Cocoa, Cocoa touch تېخنىكا ۋە APIلىرىنى چۈشۈنۈشتە قېينىلىشىڭىز مۇمكىن(چۈنكى بۇلارنىڭ ئىزاھ كودلىرى ئاساسەن Objective-Cدە يېزىلغان). Objective-Cنى ئۆگەنسىڭىز، Swiftغا قارىغاندا سەل قېيىنراق ئۆگىنىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما تور دۇنياسىدا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال ۋە مەنبەلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئىچكىرىلەپ كىرىشىڭىز Swiftغا قارىغاندا سەل ئاسانغا توختىشى مۇمكىن.
شۇڭا، بۇرۇن پروگراممېرلىق قىلىپ باققان، پروگرامما لوگىكىسىغا پىششىق بولسىڭىز بىۋاستە Swiftدىن باشلاڭ. بۇرۇن ھېچقانداق پروگرامما ئاساسىڭىز بولمىسا، Objective-Cدىن باشلاش تېخىمۇ مەنتىقىلىق.
(داۋامى بار)
داۋامىنى يوللاشدىن بۇرۇن تۇرايىمدا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى يازمىنى ئوقۇپ ئىلھام ئېلىپ تۇرۇڭ:
پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم
The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1): دەسلەپكى تەييارلىق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post بىر كۇنۇپكا بىلەن رەسىمنى ھەر قايسى رازمىلىق ئەپ ئايكونلىرىغا ئايلاندۇرۇش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
يېقىندا بىر قانچە كىچىك ئەپنى ياساش جەريانىدا، ئەپ ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ھەر قايسى رازمىدىكى ئەپ ئايكونلىرىنى تەييارلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمما، لايىھە ئىشلىرىنى ياخشى قىلالمىغاچقا، ھەر قايسى رازمىدىكى ئايكونلارنى تەييارلاش ماڭا قېيىن توختىدى. تور بېكەتلەردىن ئاقتۇرۇش ئارقىلىق بۇنىڭ چارىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپتىم.
1. ئاۋۋال 1024 * 1024 رازمىلىق ئەپ ئايكونىنى لايىھەلەپ تەييار قىلىڭ.
2. تۆۋەندىكى بەتنى ئېچىڭ:
3. click this button to upload دېگەننى بېسىڭ. رەسىمدىكىدەك:
4. بىر قانچە سىكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن ئەپ ئايكونلىرى ھاسىل بولىدۇ، رەسىمدىكىدەك:
5. ئۈستىكىدى بوشلۇقتا سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى تولدۇرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
تولدۇرغاندىن كىيىن، مەزكۇر بېكەت iPad, iPhone ئەپلىرى، Android سېستىمىسى ئەپلىرىگە،شۇنداقلا iTunesArtWork ئۈچۈن كېرەكلىك ھەرخىل رازمىدىكى ئەپ ئايكونلىرى تەييار قىلىپ بېرىدۇ.
سىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.
The post بىر كۇنۇپكا بىلەن رەسىمنى ھەر قايسى رازمىلىق ئەپ ئايكونلىرىغا ئايلاندۇرۇش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
بەلكىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭلاردەك، بىر نەچچە ئايدىن بىرى مېنىڭ توردىكى ۋە بلوگدىكى ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنلەپ، سەپرايىم ئۆرلەپ، گەپلىرىم قالايمىقانلىشىپ دېگەندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇربەگ» ۋە «ئەپچىلەم» دېگەن ئىككى ئەپ ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالدى. مەن سىلەرنى ئۆز كۆرگەچكە، ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان FBIنىڭ مەخپىيەتلىكىدىن بىرنى ئاشكارلاپ ئۆتۈۋېتەي، مەنمۇ ھازىر iOS پروگراممىلىرى ئېچىشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن…
شۇنداق، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ بىلمەي ئەمەس، مەقسەتلىك ھالدا iOS پروگراممىسى ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. باشتا بۇ مەقسەت قىزىقىشدىن چىققان بولسا، كېيىنرەك جەمئىيەتتىكى ئاچچىق رىئاللىقلاردىن ئالغان كەچۈرمىشلىرىمدىن چىقارغان قارارىمدىن مەنبەلەندى. نىھايەت، بۇ يولغا چىققاندىن كېيىن باشلاپ ئالتە ئايدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم، ئەمما، ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا سوقۇلۇپ يۈرۈپ، قىلغان نەرسەم ئىككى تال ئەپ بولدى. لېكىن شۇنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۇ جەرياندا مەن يەنە مۇنداق قىممەتلىك بەش تۇيغۇغا ئېرىشتىم. بەلكىم، پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەن باشقا ئەزىمەتلەرگە مەزكۇر يازما ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بىرەلىسە ئەجەپ ئەمەس.
نۇرغۇنلىرىمىزغا ئورتاق مۇنداق بىر ئىش بار، يەنى پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا بىر پىشقان ۋە تەجرىبىلىك پروگراممېرنىڭ بىزنى يىتەكلەپ مېڭىشىنى، بولسا «كاللىسىدىكى ئۇماچنى بىزنىڭ كاللىمىزغا قۇيۇپ قۇيۇشىنى» ئۈمىد قىلىمىز. شەخسەن مەنمۇ iOS پروگراممىرلىقىنى يېڭى باشلىغاندا، مەن بىلىدىغان پروگراممىرلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن تەكلىپ سوراپ، بىلمىگەن نەرسىلىرىمنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ يۈرگەن. كېيىن، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشىنىڭ بارلىقىنى، بەزىدە ياردەم لازىم بولغاندا بىزگە شۇ ھامان جاۋاب بىرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈم شۇ يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىشقا تىرىشتىم.
گەرچە، يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش جەريانى يېڭى باشلىغانلىقىم ئۈچۈن سەل كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ چىقتىم ۋە ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. بۇ جەرياندا، چىقمىغان تور بېكەت، بارمىغان بلوگ قالمىدى. لېكىن شۇ مۇشەققەتلىك جەرياندا مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش، يېڭى ئۇچۇرلارنى قانداق قوبۇل قىلىش ھەققىدە شۇنداق ئېسىل ساۋاققا ئىگە بولدۇمكى، ئەسلى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۆزىمىز ئىكەنمىز. يەنى، يولۇققان مەسىلىلىرىمىزنى باشقىلار ھەل قىلىپ بەرگەندىن، ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەپ ھەل قىلىشقا ئىزدىنىدىغان بولساق، شۇ ئىزدىنىش جەريانىمىزنىڭ ئەسلى ئىنتايىن قىممەت بىر ئۆگىنىش جەريانى بولىدىكەن. شۇنداقلا، بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەجرىبە توپلايدىكەنمىز.
iOS پروگراممىرلىقىنى باشلايمەن دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا بۇ ئويۇمنى بىر قانچە دوستلارغا ئېيتتىم. ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىرىڭلار بىلگىنىڭلاردەك، مەن تەبىئىي پەنچىمۇ ئەمەس، ھەمدە بەكرەك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۈچلۈكرەك ئاساسىم بار. ئاكىلىرىممۇ مېنىڭ ئەسلى يۇرتقا قايتىپ، ئىجتىمائىي پەندە، يەنى ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە خىزمەت قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان ئىدى. لېكىن رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چىقىپ قالغان iOS پروگراممىرى بولىمەن دېگەن گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزى دوستلىرىم ماڭا دوستانە تەكلىپ بېرىشتى ۋە « سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيتىڭىز » دېيىشكەن ئىدى. گەرچە، بۇ گەپكە مەنمۇ ئۆزۈم قوشۇلغان بولساممۇ، ئەمما، بىر ئىشقا قىزىقسام ئوتتەك كىرىشىپ كېتىدىغان ئەسكى خۇيۇمنىڭ تەسىرىدە، بەل قويۇۋەتكۈم كەلمىدى ۋە «تۈركچەم» پۈتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ مۇستەقىل ھالدا پروگرامما تۈزەلەيدىغانلىقىمغا چىن پۈتتۈم.
ئەسلى، پروگراممېر بولۇش ئۇنچىۋالا رىۋايەت تۈسى ئالغان ئىشمۇ ئەمەسكەن. مەن بۇ جەرياندا كېلىپ چىقىشى ئىجتىمائىي پەندىن بولغان پروگراممىرلارنى، چەتئەل تىلى بىلمەي تۇرۇقلۇق، ئۆزى ئىزدىنىپ كامالەتكە يەتكەن نەۋقىرانلارنىمۇ ئۇچراتتىم. پروگراممېر بولۇش ھەققىدە ئىككىلىنىۋاتقان ياشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەسلى سىزمۇ پروگراممېر بولۇشقا ماس كېلىسىز. مەندەك HTML تىلىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرىنىڭ ئالدىدا سىز ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ.
پروگرامما تۈزۈشنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قوبۇل قىلىش ئېلانىغا دىققىتىمنى ئاغدۇرۇپ قوياتتىم. مەيلى ئۇيغۇر ياكى خەنسۇ ۋە شىركەتلىرى بولسۇن، پروگراممېرلارغا بولغان تەلەپتە مەلۇم پروگرامما تىلىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى تەلەپ قىلىناتتى. مەن ئۇ چاغلاردا بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ تەلىپى « سەل ئەقىلگە سىغمايدىغان تەلەپكەن» دەپ ئويلىغان ئىدىم.
كېيىن، مەن «ئەپچىلەم » ناملىق ئەپنى ئېچىش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرگەن ۋاقىتتا شۇنداق بىر ئەھۋالن بايقىدىمكى، نۇرغۇن قىممەتلىك دەرسلىكلەر، ماتىرىياللار، ئىزاھاتلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزچە بولىدىكەن ۋە ياكى ئىنگىلىزچە بىكەتلەردىن تاپقىلى بولىدىكەن. خەنچە ۋە ياكى تۈركچە مەنبەلەردىن تېپىلغان مەزمۇنلار ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش توغرا كېلىدىكەن. پروگراممېر بولماقچى بولغان ناۋادا سىز ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ بەلكى يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما، ئىنگىلىزچە بىلسىڭىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۈرئىتىڭىز ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەتراپىمىزغا باققىنىمىزدا ياخشى پروگراممېرلارنىڭ ئاساسەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرىمىز. يەنى، ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ يەنىلا ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ.
پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمدا يۈرگەندە، مەن بىلىدىغان پروگراممېر دوستلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش جەريانىغا تولىمۇ قىزىقاتتىم. تورلاردىنمۇ پروگراممېرلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ۋە ياكى شۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى تېپىپ ئوقۇيتۇم. بولۇپمۇ، مەندەك ئوقۇتقۇچىسىز قالغان، پەقەتلا ئۆزىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان ھەۋەسكار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يولغا كىرىش – خۇددى بارسا كەلمەس يولدەك، كىرسە چىقماس ھاڭدەك تۇيغۇ بىرەتتى.
ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلاپ ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ئالمىغان كىتاب، ئالمىغان دەرسلىك قالمىدى. لېكىن بىر دەرسلىكنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىدىم. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن كۆرۈپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشدىن باشقا ئىش قىلمىدىم. كېيىن دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بۇيىچە، بىر كىتابنى تۈگىتىپ چىقىشقا تىرىشتىم ۋە باشقا بىر دەرسلىكنى كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇنىڭغىمۇ ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئۈچ ئايدا مەن خۇددى بىر نەرسە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. دوستلارنىڭ «سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيسىز» دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم. چۈشكۈنلۈشۈپ بەل قۇيۇۋېتىشكە ئاران – ئاران تۇردۇم، لېكىن پۇشقىقىمدىن يەل بىرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ سەۋەبىدىن بەل قويۇۋەتمىدىم.
ئاخىرى كىتابمۇ تۈگىدى، دەرسلىكمۇ تۈگىدى، كاللامغا ئانچە-مۇنچە ئۇقۇملارنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، بىر ئەپنى ئاچقان ھامان شۇ ئەپلەرنىڭ قايسى – قايسى تېخنىكىلارنى قوللانغانلىقىنى چۈشەنگىدەك بولغانلىقىمنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ئاينىڭ بىكارغا ئۆتمىگەنلىكىگە ئىشەندىم. بولۇپمۇ، «ئەپچىلەم»نى 10 كۈندەك ۋاقىتتا پۈتتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بۇ مەزگىللەردە بىكار يۈرمىگەنلىكىمگە تېخىمۇ چىن پۈتتۈم.
كېيىن باشقىلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ھېس قىلدىمكى، يېڭى باشلىغاندا ئۈنۈم كۆرۈشكە ئالدىراش نۇرغۇن ھەۋەسكارلاردا بولىدىغان ئىشكەن. پروگراممېرلىق – بىلىم بىلەن تەڭ، تەجرىبىگە ھەم بەكرەك مۇھتاج بىر كەسىپ بولغاچقا، ئۆگەنگۈچىلەردىن ئاساسىي بىلىملەر بىلەن تەڭ، قول تىقىپ تەجرىبە توپلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ناۋادا، باشلىغاندا ھېچنېمە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولغان بولسىڭىز ئەنسىرىمەڭ، كۆپرەك كود يېزىپ بېرىڭ، كۆپرەك باشقىلارنىڭ يازغان نەرسىسىنى قايتىلاپ بېرىڭ، كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ بېرىڭ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يولىڭىزنىڭ ئېچىلىپ ماڭغانلىقىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ قالىسىز.
پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەنلەرنىڭ نۇرغۇنىدا ياخشىراق بىر ماتېرىيال تېپىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. شەخسەن مەن پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمنى باشلىغاندا، قايسى ماتېرىيالنى كۆرۈشنى، قايسى دەرسلىكنى تىڭشاشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن كىتابلارنى ئېلىۋەردىم. ياخشىراق تۇيۇلغان دەرسلىكلەرنى سېتىۋالدىم. لېكىن ئۆگىنىش داۋامىدا ھېس قىلدىمكى، سېتىۋالغان كىتاب ۋە ياكى دەرسلىكلەرنىڭ بەزىلىرى ماڭا ماس كەلمىدى، بەزىلىرى بەك ئاددى بولسا، بەزىلىرى بەك مۇرەككەپ دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بەردى. قاراپ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى بىر ئاينى ماتېرىيال تاللاش بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋەتتىم.
كېيىن، بىر قانچە دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر نوپۇزلۇق نەشىرىياتنىڭ Ojcective C ھەققىدىكى بىر كىتاب ۋە iOS پروگرامما ئېچىش ھەققىدىكى باشقا بىر كىتابىنى سېتىۋالدىم. ئاندىن، خەنچە بىر بېكەتنىڭ دەرسلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇ ماتىرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەنلەر ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيالنىڭ بولۇشى ياخشى باشلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسى بار ياشلارغا تەۋسىيەرىم، ئىشنىڭ بېشىنى ئۆگەنمەكچى بولغان تىلىڭىزغا ئائىت نوپۇزلۇق كىتابلارنى تېپىپ كۆرۈشتىن باشلاڭ.
ئەلۋەتتە، مەن تېخى ئۆزۈمنى پروگراممېر بولدۇم دەپ ئويلىمايمەن، ئالدىمدا باسىدىغان يولۇمنىڭ كۆپلىكى ئۆزۈمگە ئايان. مەزكۇر يازمىمۇ، مېنىڭ مۇشۇ ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش جەريانىمدا ئېرىشكەن كىچىككىنە تۇيغۇلىرىم بولۇپ، ئاللاھ خالىسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى داۋاملىق ئورتاقلىشىپ تۇرغۇسىمەن.
مەزكۇر يازما تامامەن ئىجادىيدۇر. رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
The post پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>