acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1): دەسلەپكى تەييارلىق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
يېقىندا، ئۆزۈمگە تايىنىپ يۈرۈپ، بىر نېمىلەرنى قىلىپ، توختىماي قىمىرلاپ يۈرۈپ، ئۆزۈمگە يارىغان بىر ئىككى ئەپنى پۈتتۈرۈپ چىقتىم، ئۇنىڭدىن باشقا دەسلەپ قىلغاننىڭ ئورنىغا ئىككى بېكەتنىڭ ئەپ قۇرۇلىشىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ، تۇنجى قەدەمدە كىرىم قىلغانمۇ بولدۇم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ جەريانلارنى پەقەت ئۆزۈمگە تاياندىم، مەنمۇ يېڭى باشلىغان نۇرغۇنلارغا ئوخشاش بەك كۆپ ئىسسىق – سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۈم، <<يېڭى باشلىغاندا بىرى ياخشى يىتەكلىگەن بولسا…>> دەپ نالە قىلدىم، نالەم نالە پېتى قالدى، ئەمما تەر تۆكۈشنى توختاتمىدىم. ۋەھازاكى، بۈگۈن قۇياش چىقتى. بەلكىم، نۇرغۇن قارا كۆزلەر ماڭا ئوخشاش قۇياشنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى بۇ يازمام نۆلدىن باشلاپ ئەپ ياساش ئارزۇسى بارلارغا بېغىشلىنىدۇ.
يازمىنى باشلاشدىن بۇرۇن، ئەڭ ئاۋۋال سىزنى سۇئال – سوراققا تارتاي:
1. خوش، ئەپ ياساش خىيالىغا قانداق كەلدىڭىز؟
2. سىز پروگرامما يېزىشقا ھەقىقەتەن قىزىقامسىز؟
3. سىزنىڭ ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە ئائىت بىر پىلانىڭىز ۋە غايىڭىز بارمۇ؟
4. ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان پىلانىڭىز بارمۇ؟
5. ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە كۈنىگە، ھەپتىگە، ئېيىغا ئاجرىتالايدىغان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ يوق بولسا ئاجرىتالامسىز؟
6. سىز مانداقلا ئۆگىنىپ قويماقچىمۇ ياكى راۋۇرۇس ئۆگەنمەكچىمۇ؟
7. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ۋە پولاتتەك چىڭ ق*ڭ بارمۇ؟
بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىچىڭىزدە ئويلاڭ. ناۋادا، سۇئاللارغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمىسىڭىز كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز تېخى پۈتمەپتۇ. تەييارلىقىڭىز پۈتكىچە، يەنى، ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە ھەقىقىي بەل باغلىغاندا يۇقارقى سۇئاللارنى قايتا ئوقارسىز، ھازىرچە يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاللاھغا ئامانەت.
ناۋادا، ئۆزىڭىزنى ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشكە تەييار بولغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن، باشقىلاردىن بىر قەدەمنى بولسىمۇ ئالدىدا بېسىپسىز. ئەمدى، قاتتىق قاتتىق دىتال تەييارلىقى قىسمىغا كېلىلى.
iOS سېستىمىسىغا ئەپ ياساش ئۈچۈن، سىزنىڭ بىر OS سېستىمىلىق كومپىيۇتېرىڭىز بولىشى كېرەك. چۈنكى، ئەپ ياساش قورالى بولغان Xcode پەقەت ۋە پەقەت OS سېستىمىسىدا ئىشلەيدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر سېستىمىلىق كومپىيۇتۇتېرلار ئالما شىركىتىنىڭ macbookلىرى ۋە ئۈستەل iOS كومپىيۇتېرلىرىدا مەۋجۇد بولۇپ، دېمەككى، ئالما ئەپى ياساش ئۈچۈن چوقۇم بىر mac كومپىيۇتېرىڭىز بولىشى كېرەك.
مەن شەخسەن <<قارا ئالما>>(يەنى نورمال لەپتوپغا ئالما سېستىمىسىنى قاچىلىغان كومپىيۇتېر) ۋە قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ياخشى بولمىغان Macbook Airلەرنى تەۋسىيە قىلمايمەن. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئىچكى سىغىمى 8 گېگابايت بولغان، كۆرسەتكۈچ كارتىسى 512 مېگابايتتىن كەم بولمىغان Macbook Proنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ئىچكى سىغىمغا 18 گېگابايتلىقىنى، قاتتىق دېسكىنىڭ SSDلىقىنى ئېلىڭ.
خوش، ياسىغان ئەپلىرىڭىزنى سىناشقا ياكى ئەپ بازىرىغا چىقىرىشقا بىر ئالما ئۈسكۈنىسى بولمىسا بولمايدۇ، مەنچە يېڭى ئۆگەنگەندە ئەپلەرنى سىناشقا ئايفون 5 بولسا يېتەرلىك، كېيىنچە، ئەمەلىي ئىھتىياجغا قاراپ چوڭ ئېكرانلىق ئايفون ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەمما 4s ياكى 4 دېگەندەك ئالما شىركىتى تەرىپىدىن شاللىۋېتىشكە ئۇچراۋاتقان كىچىك ئېكرانلىق ئايفون ئىشلەتمەڭ.
پروگراممېرلىق جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تورنى ئاختۇرۇش ۋە ماتىرىيال كۆرۈشكە مەجبۇر بولىسىڭىز، شۇڭلاشقا، بىر قانچە تىلنى مەسىلەن خەنسۇچە، ئىنگىلىزچە دېگەندەك تىللارنى بىلىشىڭىز كېرەك، سىزدىن بۇ تىللاردا بۇلبۇل بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھېچ بولمىسا ماتىرىيالنى ئوقۇپ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىڭىز بولىشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قۇبۇل قىلىش ئېلانىغا قارايدىغان بولسىڭىز كۆپىنچىسىدە <<خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنالايدىغان بولۇشى كېرەك>> دەپ يېزىلغان، بۇنى بىكارلا يېزىپ قويمايدۇ، چۈنكى، ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار يوقنىڭ ئورنىدا، بۇ تىللارنى بىلىش – سىزنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇش، بىلىمىڭىزنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ تىللارنى بىلمىسىڭىز، پەقەت ئۇيغۇرچىلا بىلسىڭىز، يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولالىشىڭىز مۇمكىن، مەنمۇ بىرقانچەيلەنگە ھەم شاھىد بولدۇم. ئەمما، باشقىلاردىن ئون ھەسسە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ.
ناۋادا، ئىقتىسادىڭىز ۋە شارائىتىڭىز يار بەرسە، سىزنى مەخسۇس تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆزىگە تايانغاندىن ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دىيارىمىزدا iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىتىدىغان بىر قانچە شىركەتلەر بار، مەسىلەن قارلۇق، ئۇچقۇر دېگەندەك. ئىچكىرىدىمۇ بۇنداق مەكتەپلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەرلەردە سىز قابىل ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيسىز، بىلمىگەن نەرسىڭىزنى سورىيالايسىز، ئەڭ مۇھىمى ۋاقتىڭىزنى كونترول قىلالايسىز. ھەمدە، ئىش تېپىش پۇرسىتىڭىز خېلى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، سىز چەتەلدە بولمىسىڭىزلا، ئازراق چىقىم بىلەن كۆپ ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغان مەخسۇس كۇرسلارنى مەن كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن( ئالاھىدە ئەسكەرتىش، مەن ھېچقانداق كۇرسلاردىن ئېلان ھەققى ئالمىدىم جۇمۇ…)
ناۋادا، سىز كۇرسكا تىزىملىتىپ بولغان بولسىڭىز، ئاللاھغا ئامانەت، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
خوش، مەخسۇس كۇرسلارغا بېرىش ئىمكانىيىتىڭىز ياكى ئىقتىسادىڭىز بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ۋاقىتتا، ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆگىنىشكە مەجبۇر دېمەككى، ماڭا ئوخشاش(ھاڭراپ يىغلاۋاتقان چىراي ئىپادىسى)، لېكىن، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، پروگراممېرلار يىغىلغان ئەڭ چوڭ بېكەت stackoverflowدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دىيىلىشىچە، نۆۋەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان پروگراممېرلارنىڭ 30%تى ئۆزى ئۆگىنىپ يېتىشكەنلەركەن، دېمەك، ئۆزىگە تايىنىپ ئۆگىنىشتە سىز يالغۇز ئەمەس، ئەمما، سىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق ۋە بەدەلدۇر خالاس. قېنى، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزەر سېلىڭ…
ھازىر iOS ئەپىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئىككى تىلنى تاللاشقا بولىدۇ، يەنى Objective-C ۋە Swift. ئالما شىركىتى iOS سېستىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن بىرى نىگىزى C تىلى بولغان Objective-Cنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، iOS 8 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوچۇق كودلۇق بولغان Swift تىلىنى ئېلان قىلدى، ھازىر Swift تىلى 2.2 نەشىرىگە چىققان بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ كەلمەكتە.
گەپكە كەلسەك، ئەپ ئېچىشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ئىككى تىلدىن ئەڭ ئازىدا بىرىنى ياخشى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ. توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا كۆرە، Swift تىلى ئىشلىتىش، چۈشىنىش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە Objective-Cدىن ئاسان بولۇپ، ھازىر ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يېڭى تىللارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، نۇرغۇن شىركەت ۋە ئاچقۇچىلار بەس – بەستە Swiftغا كۆچۈشمەكتە. Objective-C بولسا، بىر مۆتىۋەر تىل بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەنبە ۋە ماتىرىياللار Swiftغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ.
يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن Swiftدىن باشلىسىڭىز باشتا ئاسان توختىشى مۇمكىن، ئەمما، ھېچقانداق پروگرامما ئاساسىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا، ئالمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك Cocoa, Cocoa touch تېخنىكا ۋە APIلىرىنى چۈشۈنۈشتە قېينىلىشىڭىز مۇمكىن(چۈنكى بۇلارنىڭ ئىزاھ كودلىرى ئاساسەن Objective-Cدە يېزىلغان). Objective-Cنى ئۆگەنسىڭىز، Swiftغا قارىغاندا سەل قېيىنراق ئۆگىنىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما تور دۇنياسىدا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال ۋە مەنبەلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئىچكىرىلەپ كىرىشىڭىز Swiftغا قارىغاندا سەل ئاسانغا توختىشى مۇمكىن.
شۇڭا، بۇرۇن پروگراممېرلىق قىلىپ باققان، پروگرامما لوگىكىسىغا پىششىق بولسىڭىز بىۋاستە Swiftدىن باشلاڭ. بۇرۇن ھېچقانداق پروگرامما ئاساسىڭىز بولمىسا، Objective-Cدىن باشلاش تېخىمۇ مەنتىقىلىق.
(داۋامى بار)
داۋامىنى يوللاشدىن بۇرۇن تۇرايىمدا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى يازمىنى ئوقۇپ ئىلھام ئېلىپ تۇرۇڭ:
پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم
The post نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(1): دەسلەپكى تەييارلىق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
بەلكىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭلاردەك، بىر نەچچە ئايدىن بىرى مېنىڭ توردىكى ۋە بلوگدىكى ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنلەپ، سەپرايىم ئۆرلەپ، گەپلىرىم قالايمىقانلىشىپ دېگەندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇربەگ» ۋە «ئەپچىلەم» دېگەن ئىككى ئەپ ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالدى. مەن سىلەرنى ئۆز كۆرگەچكە، ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان FBIنىڭ مەخپىيەتلىكىدىن بىرنى ئاشكارلاپ ئۆتۈۋېتەي، مەنمۇ ھازىر iOS پروگراممىلىرى ئېچىشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن…
شۇنداق، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ بىلمەي ئەمەس، مەقسەتلىك ھالدا iOS پروگراممىسى ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. باشتا بۇ مەقسەت قىزىقىشدىن چىققان بولسا، كېيىنرەك جەمئىيەتتىكى ئاچچىق رىئاللىقلاردىن ئالغان كەچۈرمىشلىرىمدىن چىقارغان قارارىمدىن مەنبەلەندى. نىھايەت، بۇ يولغا چىققاندىن كېيىن باشلاپ ئالتە ئايدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم، ئەمما، ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا سوقۇلۇپ يۈرۈپ، قىلغان نەرسەم ئىككى تال ئەپ بولدى. لېكىن شۇنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۇ جەرياندا مەن يەنە مۇنداق قىممەتلىك بەش تۇيغۇغا ئېرىشتىم. بەلكىم، پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەن باشقا ئەزىمەتلەرگە مەزكۇر يازما ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بىرەلىسە ئەجەپ ئەمەس.
نۇرغۇنلىرىمىزغا ئورتاق مۇنداق بىر ئىش بار، يەنى پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا بىر پىشقان ۋە تەجرىبىلىك پروگراممېرنىڭ بىزنى يىتەكلەپ مېڭىشىنى، بولسا «كاللىسىدىكى ئۇماچنى بىزنىڭ كاللىمىزغا قۇيۇپ قۇيۇشىنى» ئۈمىد قىلىمىز. شەخسەن مەنمۇ iOS پروگراممىرلىقىنى يېڭى باشلىغاندا، مەن بىلىدىغان پروگراممىرلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن تەكلىپ سوراپ، بىلمىگەن نەرسىلىرىمنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ يۈرگەن. كېيىن، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشىنىڭ بارلىقىنى، بەزىدە ياردەم لازىم بولغاندا بىزگە شۇ ھامان جاۋاب بىرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈم شۇ يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىشقا تىرىشتىم.
گەرچە، يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش جەريانى يېڭى باشلىغانلىقىم ئۈچۈن سەل كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ چىقتىم ۋە ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. بۇ جەرياندا، چىقمىغان تور بېكەت، بارمىغان بلوگ قالمىدى. لېكىن شۇ مۇشەققەتلىك جەرياندا مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش، يېڭى ئۇچۇرلارنى قانداق قوبۇل قىلىش ھەققىدە شۇنداق ئېسىل ساۋاققا ئىگە بولدۇمكى، ئەسلى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۆزىمىز ئىكەنمىز. يەنى، يولۇققان مەسىلىلىرىمىزنى باشقىلار ھەل قىلىپ بەرگەندىن، ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەپ ھەل قىلىشقا ئىزدىنىدىغان بولساق، شۇ ئىزدىنىش جەريانىمىزنىڭ ئەسلى ئىنتايىن قىممەت بىر ئۆگىنىش جەريانى بولىدىكەن. شۇنداقلا، بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەجرىبە توپلايدىكەنمىز.
iOS پروگراممىرلىقىنى باشلايمەن دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا بۇ ئويۇمنى بىر قانچە دوستلارغا ئېيتتىم. ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىرىڭلار بىلگىنىڭلاردەك، مەن تەبىئىي پەنچىمۇ ئەمەس، ھەمدە بەكرەك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۈچلۈكرەك ئاساسىم بار. ئاكىلىرىممۇ مېنىڭ ئەسلى يۇرتقا قايتىپ، ئىجتىمائىي پەندە، يەنى ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە خىزمەت قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان ئىدى. لېكىن رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چىقىپ قالغان iOS پروگراممىرى بولىمەن دېگەن گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزى دوستلىرىم ماڭا دوستانە تەكلىپ بېرىشتى ۋە « سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيتىڭىز » دېيىشكەن ئىدى. گەرچە، بۇ گەپكە مەنمۇ ئۆزۈم قوشۇلغان بولساممۇ، ئەمما، بىر ئىشقا قىزىقسام ئوتتەك كىرىشىپ كېتىدىغان ئەسكى خۇيۇمنىڭ تەسىرىدە، بەل قويۇۋەتكۈم كەلمىدى ۋە «تۈركچەم» پۈتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ مۇستەقىل ھالدا پروگرامما تۈزەلەيدىغانلىقىمغا چىن پۈتتۈم.
ئەسلى، پروگراممېر بولۇش ئۇنچىۋالا رىۋايەت تۈسى ئالغان ئىشمۇ ئەمەسكەن. مەن بۇ جەرياندا كېلىپ چىقىشى ئىجتىمائىي پەندىن بولغان پروگراممىرلارنى، چەتئەل تىلى بىلمەي تۇرۇقلۇق، ئۆزى ئىزدىنىپ كامالەتكە يەتكەن نەۋقىرانلارنىمۇ ئۇچراتتىم. پروگراممېر بولۇش ھەققىدە ئىككىلىنىۋاتقان ياشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەسلى سىزمۇ پروگراممېر بولۇشقا ماس كېلىسىز. مەندەك HTML تىلىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرىنىڭ ئالدىدا سىز ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ.
پروگرامما تۈزۈشنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قوبۇل قىلىش ئېلانىغا دىققىتىمنى ئاغدۇرۇپ قوياتتىم. مەيلى ئۇيغۇر ياكى خەنسۇ ۋە شىركەتلىرى بولسۇن، پروگراممېرلارغا بولغان تەلەپتە مەلۇم پروگرامما تىلىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى تەلەپ قىلىناتتى. مەن ئۇ چاغلاردا بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ تەلىپى « سەل ئەقىلگە سىغمايدىغان تەلەپكەن» دەپ ئويلىغان ئىدىم.
كېيىن، مەن «ئەپچىلەم » ناملىق ئەپنى ئېچىش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرگەن ۋاقىتتا شۇنداق بىر ئەھۋالن بايقىدىمكى، نۇرغۇن قىممەتلىك دەرسلىكلەر، ماتىرىياللار، ئىزاھاتلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزچە بولىدىكەن ۋە ياكى ئىنگىلىزچە بىكەتلەردىن تاپقىلى بولىدىكەن. خەنچە ۋە ياكى تۈركچە مەنبەلەردىن تېپىلغان مەزمۇنلار ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش توغرا كېلىدىكەن. پروگراممېر بولماقچى بولغان ناۋادا سىز ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ بەلكى يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما، ئىنگىلىزچە بىلسىڭىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۈرئىتىڭىز ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەتراپىمىزغا باققىنىمىزدا ياخشى پروگراممېرلارنىڭ ئاساسەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرىمىز. يەنى، ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ يەنىلا ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ.
پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمدا يۈرگەندە، مەن بىلىدىغان پروگراممېر دوستلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش جەريانىغا تولىمۇ قىزىقاتتىم. تورلاردىنمۇ پروگراممېرلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ۋە ياكى شۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى تېپىپ ئوقۇيتۇم. بولۇپمۇ، مەندەك ئوقۇتقۇچىسىز قالغان، پەقەتلا ئۆزىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان ھەۋەسكار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يولغا كىرىش – خۇددى بارسا كەلمەس يولدەك، كىرسە چىقماس ھاڭدەك تۇيغۇ بىرەتتى.
ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلاپ ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ئالمىغان كىتاب، ئالمىغان دەرسلىك قالمىدى. لېكىن بىر دەرسلىكنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىدىم. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن كۆرۈپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشدىن باشقا ئىش قىلمىدىم. كېيىن دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بۇيىچە، بىر كىتابنى تۈگىتىپ چىقىشقا تىرىشتىم ۋە باشقا بىر دەرسلىكنى كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇنىڭغىمۇ ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئۈچ ئايدا مەن خۇددى بىر نەرسە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. دوستلارنىڭ «سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيسىز» دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم. چۈشكۈنلۈشۈپ بەل قۇيۇۋېتىشكە ئاران – ئاران تۇردۇم، لېكىن پۇشقىقىمدىن يەل بىرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ سەۋەبىدىن بەل قويۇۋەتمىدىم.
ئاخىرى كىتابمۇ تۈگىدى، دەرسلىكمۇ تۈگىدى، كاللامغا ئانچە-مۇنچە ئۇقۇملارنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، بىر ئەپنى ئاچقان ھامان شۇ ئەپلەرنىڭ قايسى – قايسى تېخنىكىلارنى قوللانغانلىقىنى چۈشەنگىدەك بولغانلىقىمنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ئاينىڭ بىكارغا ئۆتمىگەنلىكىگە ئىشەندىم. بولۇپمۇ، «ئەپچىلەم»نى 10 كۈندەك ۋاقىتتا پۈتتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بۇ مەزگىللەردە بىكار يۈرمىگەنلىكىمگە تېخىمۇ چىن پۈتتۈم.
كېيىن باشقىلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ھېس قىلدىمكى، يېڭى باشلىغاندا ئۈنۈم كۆرۈشكە ئالدىراش نۇرغۇن ھەۋەسكارلاردا بولىدىغان ئىشكەن. پروگراممېرلىق – بىلىم بىلەن تەڭ، تەجرىبىگە ھەم بەكرەك مۇھتاج بىر كەسىپ بولغاچقا، ئۆگەنگۈچىلەردىن ئاساسىي بىلىملەر بىلەن تەڭ، قول تىقىپ تەجرىبە توپلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ناۋادا، باشلىغاندا ھېچنېمە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولغان بولسىڭىز ئەنسىرىمەڭ، كۆپرەك كود يېزىپ بېرىڭ، كۆپرەك باشقىلارنىڭ يازغان نەرسىسىنى قايتىلاپ بېرىڭ، كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ بېرىڭ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يولىڭىزنىڭ ئېچىلىپ ماڭغانلىقىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ قالىسىز.
پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەنلەرنىڭ نۇرغۇنىدا ياخشىراق بىر ماتېرىيال تېپىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. شەخسەن مەن پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمنى باشلىغاندا، قايسى ماتېرىيالنى كۆرۈشنى، قايسى دەرسلىكنى تىڭشاشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن كىتابلارنى ئېلىۋەردىم. ياخشىراق تۇيۇلغان دەرسلىكلەرنى سېتىۋالدىم. لېكىن ئۆگىنىش داۋامىدا ھېس قىلدىمكى، سېتىۋالغان كىتاب ۋە ياكى دەرسلىكلەرنىڭ بەزىلىرى ماڭا ماس كەلمىدى، بەزىلىرى بەك ئاددى بولسا، بەزىلىرى بەك مۇرەككەپ دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بەردى. قاراپ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى بىر ئاينى ماتېرىيال تاللاش بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋەتتىم.
كېيىن، بىر قانچە دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر نوپۇزلۇق نەشىرىياتنىڭ Ojcective C ھەققىدىكى بىر كىتاب ۋە iOS پروگرامما ئېچىش ھەققىدىكى باشقا بىر كىتابىنى سېتىۋالدىم. ئاندىن، خەنچە بىر بېكەتنىڭ دەرسلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇ ماتىرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەنلەر ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيالنىڭ بولۇشى ياخشى باشلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسى بار ياشلارغا تەۋسىيەرىم، ئىشنىڭ بېشىنى ئۆگەنمەكچى بولغان تىلىڭىزغا ئائىت نوپۇزلۇق كىتابلارنى تېپىپ كۆرۈشتىن باشلاڭ.
ئەلۋەتتە، مەن تېخى ئۆزۈمنى پروگراممېر بولدۇم دەپ ئويلىمايمەن، ئالدىمدا باسىدىغان يولۇمنىڭ كۆپلىكى ئۆزۈمگە ئايان. مەزكۇر يازمىمۇ، مېنىڭ مۇشۇ ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش جەريانىمدا ئېرىشكەن كىچىككىنە تۇيغۇلىرىم بولۇپ، ئاللاھ خالىسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى داۋاملىق ئورتاقلىشىپ تۇرغۇسىمەن.
مەزكۇر يازما تامامەن ئىجادىيدۇر. رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
The post پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>