Notice: Function _load_textdomain_just_in_time was called incorrectly. Translation loading for the acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Notice: add_theme_support( 'html5' ) فونكسىيە خاتا چاقىرىلغان. سىز يەتكۈزمەكچى بولغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ تىپى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلانى Wordpress دە خاتالىق تېپىش دىن كۆرۈڭ. (بۇ تېكىست 3.6.1 نەشرىدە قوشۇلغان.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Warning: session_start(): Cannot start session when headers already sent in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-content/plugins/wp-uighur-uls/wp-uighur-uls.php on line 20

Warning: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php:6121) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/feed-rss2.php on line 8
ساندان Archives - ئۇيغۇر بلوگى https://uyghur.blog/tag/sandan/ نېمە يېزىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن Tue, 27 Nov 2018 10:45:41 +0000 ug-CN hourly 1 https://wordpress.org/?v=6.8.6 phpMyAdmin بىلەن ساندان زاپاسلاش & ئەسلىگە ئەكىلىش https://uyghur.blog/phpMyAdmin-bilen-sandan-zapaslash-&-eslige-ekilish/ https://uyghur.blog/phpMyAdmin-bilen-sandan-zapaslash-&-eslige-ekilish/#comments Sat, 04 Feb 2017 21:34:55 +0000 http://www.uyghur.blog/?p=6459 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۇزاق بولدى دىدارلاشمىدۇق، دىدارلىشىش تۈگۈل مۇڭداشمىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا بلوگگېرلارنىڭ جېنىغا ئەسقاتقۇدەق بىر نەرسە يازاي دەپ يەڭنى شىلەپ، بەلنى باغلاپ، چاينى قېنىق دەملەپ...

The post phpMyAdmin بىلەن ساندان زاپاسلاش & ئەسلىگە ئەكىلىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
Phpmyadmin بىلەن ساندان زاپاسلاش & ئەسلىگە ئەكىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۇزاق بولدى دىدارلاشمىدۇق، دىدارلىشىش تۈگۈل مۇڭداشمىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا بلوگگېرلارنىڭ جېنىغا ئەسقاتقۇدەق بىر نەرسە يازاي دەپ يەڭنى شىلەپ، بەلنى باغلاپ، چاينى قېنىق دەملەپ ئولتۇرۇپتىمەن. «ئۇيغۇربەگ»نىڭ تارىخىنى بىلىدىغانلار بىلىشى مۇمكىن، بۇرۇن بىر قېتىم سانداننى يۇۋەتكەن، بىر قېتىم خاككېرلار ياساپ كېتىپ «بەگلىك» ۋەيران بولغان بولغان چاغلار بولغان. مېنىڭ دەردىمگە ئوخشاش دەردنى تارتىۋاتقانلارمۇ كۆپ ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ يازمىنى مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۇلۇققانلار ئۈچۈن ئاتايىن تەييارلىشىم.

قول بىلەن زاپاسلاش

ئەلۋەتتە، بىر بلوگگېر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ساندانىڭىزنى قول بىلەن زاپاسلاشنى ئۆگىنىپ قويۇشىڭىزنىڭ سىزگە ئىنتايىن كۆپ پايدىسى بار. قول بىلەن زاپاسلاشنىڭ ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، بارلىق جەريانغا بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ. قەدەم باسقۇچلىرى بولسا تۆۋەندىكىچە:

1. phpMyAdminغا كېرىڭ(قانداق كېرىشنى بىلەلمىسىڭىز ئۆيۈمگە كېلىڭ، چاقچاق ھە، قانداق كىرىشنى بوشلۇق تەمىنلىگۈچىدىن سورىسىڭىز ھايت دەپ دەپ بېرىدۇ). phpMyAdminنىڭ گۈزەل جامالى نورمالدا تۆۋەندىكىدەك بولىدۇphpadmin-02
ناۋادا چەتئەللىككە تەككەن بىرى بولسا جامالى تۆۋەندىكىدەك بولۇشىمۇ مۇمكىن:

phpadmin-01

2. ئۈستىدىكى تىزىملىكلەردىن «چىقىرىش»(يولداشلارچە:导出، چەتئەلچە: :Export )نى بېسىڭ.

phpadmin-03

3. بۇ يەردىن «ئىجرا قىل»(يولداشلارچە:执行، چەتئەلچە: :Go) دېگەننى باسساق بولىدۇ. ساندان .sql ھۆججىتى نامىدا كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈشكە باشلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ساندان زاپاسلاش تاماملاندى. بۇ يازما ئارقىلىق ساندان زاپاسلاشنىڭ خىش توشۇشدىنمۇ ئاسان ئىكەنلىكىنلىكى مەركىزى خەلق رادىئو

ئۇيغۇربەگدىن ئۈستەك: سانداننى ئەسلىگە ئەپ كېلىش

بىر كۈنى سانداننى ئەسلىگە ئېلىپ كېلىش ئىھتىياجى تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تورىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش ھەققىدىمۇ سەل توختىلىپ ئۆتەيلىك.

1. يەنە يۇقارقى phpMyAdminغا يېنىپ كېلەيلۇق:

phpadmin-02

2. بۇ يەردىن «كىرگۈزۈش»(يولداشلارچە:导入، چەتئەلچە: :Import) دېگەن كونۇپكىنى بېسىڭ.

3. «从计算机中上传»نىڭ يېنىدىكى كونۇپكىنى بېسىپ سانداننى تاللاپ بېرىڭ ھەمدە «ئىجرا قىل»(يولداشلارچە:执行، چەتئەلچە: :Go) دېگەننى بېسىڭ.

شۇنىڭ بىلەن سانداننى ئەسلىگە ئېلىپ كېلىش تاماملاندى.

يازمىمىز يارىدىمۇ؟

كېلەركى يازمىمىزدا مەن ساندان زاپاسلاشقا ئىشلىتىدىغان، ئۆزەمنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن بىر قانچە قىستۇرمىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكۈسىمەن، ئۇنتۇپ قالسام ئېسىمگە سالارسىلەر. ئىنكاس يېزىش سىلەردىن، يازما يېزىش مەندىن بولسۇن، ئاللاھغا ئامانەت.

The post phpMyAdmin بىلەن ساندان زاپاسلاش & ئەسلىگە ئەكىلىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/phpMyAdmin-bilen-sandan-zapaslash-&-eslige-ekilish/feed/ 6