Notice: Function _load_textdomain_just_in_time was called incorrectly. Translation loading for the acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Notice: add_theme_support( 'html5' ) فونكسىيە خاتا چاقىرىلغان. سىز يەتكۈزمەكچى بولغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ تىپى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلانى Wordpress دە خاتالىق تېپىش دىن كۆرۈڭ. (بۇ تېكىست 3.6.1 نەشرىدە قوشۇلغان.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Warning: session_start(): Cannot start session when headers already sent in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-content/plugins/wp-uighur-uls/wp-uighur-uls.php on line 20

Warning: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php:6121) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/feed-rss2.php on line 8
تور نامى Archives - ئۇيغۇر بلوگى https://uyghur.blog/tag/tor-nami/ نېمە يېزىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن Wed, 28 Nov 2018 11:53:33 +0000 ug-CN hourly 1 https://wordpress.org/?v=6.8.6 ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى تىزىملىتىش دەرسلىكى https://uyghur.blog/heqsiz-birinchi-derijilik-tor-namlirini-tizimlitish-dersliki/ https://uyghur.blog/heqsiz-birinchi-derijilik-tor-namlirini-tizimlitish-dersliki/#comments Sun, 01 Jan 2017 13:07:24 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=6382 بۇنىڭدىن نەچچە يىل مۇقەددەم، مەن ئۇيغۇربەگ بلوگىمىزدا «بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى <.TK>گە ئېرىشىش قوللانمىسى» نامىدا شۇ زامانلار داڭلىقراق بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ھەقسىز تور نامى TKنى تىزىملىتىش ھەققىدە...

The post ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى تىزىملىتىش دەرسلىكى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

بۇنىڭدىن نەچچە يىل مۇقەددەم، مەن ئۇيغۇربەگ بلوگىمىزدا «بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى <.TK>گە ئېرىشىش قوللانمىسى» نامىدا شۇ زامانلار داڭلىقراق بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ھەقسىز تور نامى TKنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈنكى يازمامدا بولسا، ئاشۇ تور نامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر قانچە ھەقسىز تور ناملىرىنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. تور نامىنىڭ باھاسى گۆشدىنمۇ قىممەت بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ دەۋردە بەلكىم مەزكۇر تور ناملىرى سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىھتىياجلىرىڭلارنى قاندۇرۇپ قالار دېگەن ئۈمىددىمەن.

ئالدى بىلەن بۈگۈنكى ئولجىلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي:

يۇقاردىكىلىرى مەن بۈگۈن تىزىملىتىۋالغان تور ناملىرىدىن بىر قىسمى خالاس. ئەلۋەتتە، مەن تور نامى ھايانكەشچىلىكى بىلەن شۇغۇللانمىغاندىكىن مۇشۇنچىلىكلا تىزىملىتىپ قويۇپ تۇردۇم. خوش، ئەمدى يازمىنىڭ مۇھىم قىسمىغا كېلەيلى. بۇرۇنقى ئۇسۇلۇم بۇيىچە يازمىلارنى قەدەممۇ – قەدەم ئېلىپ بارغۇسىمىز.

Freenom ھەققىدە

ئەڭ ئاۋۋال بىزگە مۇت تور نامى بىرىۋاتقان Freenom بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى. Freenomنىڭ خەنچە تور بېكىتىدە ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەقسىز تورنامى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى يېزىپتۇ(ئازراق پو ئېتىپتۇ دەيلى). گوللاندىيەدە قۇرۇلغان مەزكۇر ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى شىركىتى 12 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىسى بار ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەت. مەزكۇر شىركەت پەقەت ھەقسىز تور ناملىرىنى تەمىنلەپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە ھەقلىق تور ناملىرى، تور بوشلۇقى ۋە بۇلۇت بوشلۇقى مۇلازىمىتى شۇنداقلا ئېنتېرنېت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەت تەمىنلەۋاتقان ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرى تۆۋەندىكىدە:

.TK / .ML / .GA / .CF / .GQ

بۇ تور ناملىرىنى دەسلەپتە ئەڭ كۆپ بىر يىللىق تىزىملاتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ۋاقتى توشقاندا يېڭىلاشمۇ ھەقسىز. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تور ناملىرى باشقا ھەقلىق تور ناملىرىدەكلا  DNSنى ئۆزگەرتىش(دىققەت:DNA دېمىدۇق ھە…)، ياكى URL يۆتكەش ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى يازمىمىزدىمۇ مۇشۇ تور ناملىرىنى تىزىملىتىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

تىزىملىتىش باسقۇچلىرى

1. بۇ يەرنى چىكىپ Freenomنىڭ باش بېتىگە كىرىڭ:

مېنى چىكىڭ مېنى!

2. بەت ئېچىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەككە تىزىملاتماقچى بولغان تور نامىڭىزنى كىرگۈزىمىز ۋە 检查可用性نى باسىمىز:

ئۆرنەك ئۈچۈن مەن aypatem دەپ ئىزدىدىم.

 ئەگەر تىزىملاتماقچى بولغان تور نامىڭىز بار بولسا يۇقارقى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ ناۋادا يوق بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ:

ۋە ياكى بەزىلىرىنى باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان، بەزىلىرى بار بولغان ئەھۋالمۇ بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

3. تور نامىڭىز بار بولسا 现在获取نى باسسىڭىز بولىدۇ(قايسىسى بار بولسا شۇنى بېسىۋېرىڭ، ھەممىسى ھەقسىز). ئۇنىڭدىن كېيىن بەت ئۈستىدە تۆۋەندىكىدەك مال ھارۋىسى كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردىن 完成نى باسىمىز:

4. بۇ يەردىن كېيىن بەتلەر ئىنگىلىزچە بولۇپ كېتىدۇ، تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك:

Forward this domain دېگەن تور نامى يۆتكىلىش مۇلازىمىتى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەرگە مەن https://www.uyghur.blog/ دەپ تولدۇرۇپ قويدۇم، ئاندىن قىزىل بەلگە قويغان يەردىن 12 ئاي دېگەننى تاللايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن Continue دېگەننى باسىمىز.

5. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز تىزىملاتماقچى بولغان تور نامى تىزىملىكى بىلەن سىزنىڭ تىزىملىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىغان كۆزنەك چىقىدۇ، بۇ يەرگە ئېلخەت ئادرېسىمىزنى يازىمىز ۋە Verify my email دېگەن كونۇپكىنى باسىمىز:

ئاندىن كەلگەن ئېلخەتتىكى ئادرېسنى چېكىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرىدىغان يەرلەر چىقىدۇ، بۇ يەرلەرنى تولدۇرۇپ I have read and agree to the Terms & Conditions دېگەن تاللاشنى تاللاپ Complete Order كونۇپكىسىنى باسىمىز.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ تور ناملىرىنى تىزىملىتىش تاماملانغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكدىن Click here to go to your Client Areaنى بېسىپ ئۇ يەردىن چىققان كۆزنەكنىڭ تىزىملىكىدىن My Domainsگە كىرسىڭىز تىزىملاتقان تور ناملىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز. تور ناملىرىڭىزنى باشقۇرماقچى بولسىڭىز مۇشۇ يەردىن باشقۇرسىڭىز بولىدۇ.

قېنى، سىزمۇ تەلىيىڭىزنى بىر سىناپ باقمامسىز؟

The post ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى تىزىملىتىش دەرسلىكى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/heqsiz-birinchi-derijilik-tor-namlirini-tizimlitish-dersliki/feed/ 8