acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121The post تورنامى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم: تورنامى تاللاش ھەققىدە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
بۈگۈنكى يازمىمىزدا مەن تورنامى ۋە تورنامى تاللاش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ ئۆتىمەن. تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەزكۇر يازمىغا يانداش قالدۇرۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
![]()
تىلىمىزدا بىراۋنىڭ توردىكى تەخەللۇسىنى بىلدۈرىدىغان نامى(网名) بىلەن توربېكەتلەرنىڭ توردىكى ئادرېسىنى ئىشلىتىدىغان ئادرېس(域名) ئۈچۈن ئوخشاش بىر سۆز – «تورنام» ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «ئۇيغۇرچە – خەنچە كومپىيۇتېر ئاتالغۇسى» لۇغىتىدا كېيىنكى سۆز «دائىرە نامى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مېنىڭچە، «دائىرە نامى»دىن بەكرەك «ساھە نامى» دېگەن بۇ سۆز «域名»نىڭ خاسلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيتى، تۈركلەرمۇ بۇ سۆزنى «ئالان ئادى»(ساھە ئىسمى) دەپ دەل ئورنىغا تەرجىمە قىلغان، ئەلۋەتتە، بۇ يازمىمىزدا بۇ ھەقتە تالاش – تارتىش قىلمايمىز.
تور نامى – مەۋھۇم كومپىيۇتېرنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسىنى تور زىيارەتچىلىرىگە تېخىمۇ قولاي ھالدا ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ 1983-يىلى ئامېركىلىق جون موكاپېترىس(Paul Mockapetris) تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان، 1987-يىلى بولسا رەسمى ئۆلچەملىشىپ بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزغا سونۇلۇپ كەڭرى يېيىلىشقا باشلىغان.
تورنامىنىڭ ئاساسلىق رولى نېمە دېگەن ۋاقىتتا، «208.80.152.2» دېگەن سان – سىپىرلاردىن تۈزۈلگەن بىر كومپىيۇتېرنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسىنى بۇ سان – سىپىر بۇيىچە ئەمەس، «www.wikipedia.org»دىن ئىبارەت تېخىمۇ قولاي بىر ئادرېس ئارقىلىق زىيارەت قىلىشدىن ئىبارەت.
يۇقارقى ئۇقۇمنى تېخىمۇ ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق بىر مىسال ئېلىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسى «ئۈرۈمچى شەھەرلىك بلوگچىلار كوچىسى 11-نومۇرلۇق بىنا 4-قەۋەت 10-نومۇرلۇق ئۆي» بولغان بولسا، تورنامىم بولغان «ئۇيغۇربەگنىڭ بلوگى»نى ئىزدەش ئارقىلىق ئالدىدىكى بىر مۇنچە سان – سىپىرلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز دېمەك.
ھازىر دۆلەت ۋە رايون خاراكتىرلىك بولغان تورناملاردىن باشقا، تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان مۇلازىمەت تۈرىدىكى تورناملارغا قەدەر كېڭەيمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە، مەخسۇس دۆلەت ئورگانلىرىغا تەۋە تورناملىرى(gov.cn, edu.cn دېگەندەك) دىن باشقا، زور كۆپ قىسىم تورناملارنى ھەر قانداق كىشىلەر تىزىملىتالايدۇ. شۇنداقلا، بۇ تورناملارنىڭ ئارقا قۇشۇمچىسى ئوخشىمىغىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىقتىدارى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىنىڭ مەقسىدى مەۋھۇم كومپىيۇتېرنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسىنى تور زىيارەتچىلىرىگە تېخىمۇ قولاي ھالدا ئىپادىلەشتىن ئىبارەت.
دۇنياغا داڭلىق تورنامى شىركىتى بولغان godaddyنىڭ تور بېكىتىگە 1234 خىلدىن كۆپرەك تورنامى شەكلى قۇيۇلغان بولۇپ، دىيارىمىزدا ئاساسەن .com, .cn, .net, .biz, .me, .cc, .la قاتارلىق بىر قەدەر مۆتىۋەر بولۇپ قالغان تورناملار ئىشلىتىلمەكتە.
![]()
ئەلۋەتتە، بىر توربېكەت ياكى بلوگ قۇرۇشتىن بۇرۇن ھەممىمىزنىڭ ئويلايدىغىنى بىر ياخشى تورنامى تېپىشتۇر. ياخشى تورنامنى بىر بالىغا قۇيۇلغان ياخشى ئىسىمغا ئوخشاتساق كەم بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ھەم ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، دىيارىمىزدا بىر قەدەم نام تېپىۋاتقان توربېكەت – بلوگلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋە مەنىلىك تورنامى بار. ئۇنداقتا، دىيارىمىزدا تورنامى تاللاش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
ھەممىڭلارغا ئايان بولغاندەك، دىيارىمىزنىڭ تور شارائىتى ئىچكىرى ۋە دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ قوللايدىغان ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ھەممىسى تام سىرتىغا چىقىرىپ قۇيۇلغان، خەنچە ئىزدەش ماتورلىرى بولسا ئۇيغۇرچىنى يەكلەيدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ سەۋىيەسى چەكلىك بولغاچقا، بىزنىڭ SEO ئەلالاشتۇرۇش ئىشىنى قىلىشىمىز، يەنى توردىن ئۇچۇر ئىزدەش ئىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىشىنى قىلىش بىزدە ئانچە ئۈنۈمى يوق، پايدىسىز بىر ئىش. كۆپىنچە زىيارەتچىلىرىمىز توربېكەتلەرنى ئۇلىنىش توربېكەتلىرىدىن چىكىپ كىرىش ياكى بىۋاستە تورنامىمىزنىڭ يىزىپ كىرىشكە ئۆگەنگەن، بولۇپمۇ يېقىندىن بىرى زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىۋاستە تورنامىنى بىۋاستە زىيارەت قىلىدىغانلار كۆپەيدى، شۇڭلاشقا، خەنسۇلاردەك قالايمىقان تورنامى بىلەن توربېكەت قۇرۇش بىزنىڭ رىئاللىقىمىزغا ئۇيغۇن ئەمەس.
مەنچە، دىيارىمىزنىڭ ۋە زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تورنامى تاللاشتا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. دىيارىمىزدا بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان .com, .cn, .net دېگەندەك تورناملارنى تاللاش كېرەك؛
ئالدىدا ئېيتقاندەك، كۆپىنچە زىيارەتچىلىرىمىز توربېكەتلەرنى ئۇلىنىش توربېكەتلىرىدىن چىكىپ كىرىش ياكى بىۋاستە تورنامىمىزنىڭ يىزىپ كىرىشكە كۆنگەن بولۇپ، نۇرغۇن زىيارەتچىلىرىمىز تورنامى دېسە .com, .cn, .netنىلا ئېسىگە ئالىدۇ، ھەتتاكى بەزى تورداشلار comدىن باشقا تورنامىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. تۈركىيە ۋە يۇرتتىكى چېغىمدا، «بلوگىڭىز ئېچىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ» دەپ شىكايەت قىلغان تورداشلارنى كۆپ كۆرگەن بولۇپ، ئۇلار بلوگىمنىڭ ئادرېسىنىڭ uyghurbeg.cn ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ھېلىمۇ ياخشى، .cn تورنامىمۇ دىيارىمىزدا يېقىندىن بىرى خېلى ئۇمۇملاشقان بولۇپ، يېڭىدىن چىقىۋاتقان .xyz, .vip, .cc دېگەندەك ۋە ياكى .info, .org دېگەندەك خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇد بولغان ئەمما دىيارىمىزدا كۆپلەپ ئىشلىتىلمىگەن تورنامنى ئاساسەن بىلمەيدۇ، يازالمايدۇ. شۇڭلاشقا، تورنامى تاللىغاندا ئامال بار.com, .cn, .net قۇشۇمچىلىق تورنامى تاللاش كېرەك. بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن .me تورنامىنى تاللىساقمۇ بولىدۇ.
2. تورنامىغا ئىشلەتكەن سۆز ئامال بار قىسقا، مەنىلىك بولىشى كېرەك؛
تورنامى تاللىغاندا، ئۇيغۇر تىلىدا بار بولغان، ئىغچام، مەنىلىك، قىسقا شۇنداقلا ئەستە تۇتۇشقا قولاي بىر سۆزلۈك ئىسىم قۇيۇش كېرەك. ناۋادا، ئۇيغۇرچىدا ئەسلى مەۋجۇد بولغان ئىسىملار تىزىملىتىپ بولۇنغان بولسا، ئۆزىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ سۆز ئادىتىگە ئۇيغۇن ئاساستا سۆز ياسىساقمۇ بولىدۇ(مەسىلەن، مېنىڭ تورنامىم ئۇيغۇربەگدەك). ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى ئۆزى ياسىغان سۆز بولسۇن ۋە ياكى ئەسلىدىكى سۆز بولسۇن تورنامىغا ئىشلەتكەن سۆزنىڭ بۇغۇم سانىنىڭ تۆتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
3. تورنامىغا ئىشلەتكەن سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا بولىشى كېرەك؛
تورنامى تىزىملاتقاندا، تىزىملاتقان تورنامىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسىغا ئۇيغۇن بولىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
4. تورنامىغا ئىشلەتكەن سۆزلەر داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ماركىسى بولماسلىقى كېرەك؛
نورمالدا، شىركەتلەرنىڭ ماركىسىنى تىزىملىتىش چەكلەنمىگەن، مەسىلەن شىنجاڭدا يورۇق يۇلتۇز دەپ ماركا ئىشلەتكەن بىر شىركەت بار بولۇپ، ناۋادا سىز يورۇق يۇلتۇز دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تورنامى تىزىملاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ھەتتا، داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ماركىسىنى تىزىملاتقىلى بولسىلا تىزىملاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەمما، مەيلى خەلقئارالىق ياكى دۆلەت ئىچىدىكى بولسۇن، داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ماركىسى ياكى مەھسۇلات نامىنى ئىشلىتىپ تورنامى تىزىملىتىۋالغان بولسىڭىز(مۇمكىن دەپ تۇرايلى)، ناۋادا بۇنى شۇ شىركەتلەرگە سېتىپ بەرسىڭىز قانداقكىن، بولمىسا، ئۇ شىركەتلەر سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىپ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق سېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
5. باشقا تورناملارنى دورىماسلىق كېرەك؛
نۇرغۇن تورداشلار بار(مەيلى بىزدە ياكى خەقتە)، بىرەر توربېكەت ياكى بلوگ داڭىق چىقىرىپ قالسا، شۇ ھامانلا شۇلارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باشقا تورنامى تىزىملىتىپ، تاغتۇرا بەتتىن بىرنى قۇرۇپ بولىدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ پەخىرلىك ۋە داڭلىق تورخۇمارىمىز داڭىق چىقىرىۋىدى، www.turhumar.com, www.torhumar.cn دېگەندەك تاغتۇرا ئىسىملارمۇ ئوتتۇرىغا چۈشتى. بۇنداق قىلمىشنى ئەخلاق نۇقتىسىدىن باھا بېرىپ يۈرمىسەكمۇ، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ بۇنداق تاغتورا بېكەتلەرنى قۇرغانلار ياكى قىلغان ئىشىغا چۇشلۇق نەتىجە يارىتالمايدۇ، پەقەت بىھۇدە زېھىن ۋە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرىدۇ خالاس. ئۇنىڭدىن باشقا، تاغتۇرا قىلىش مەقسەددە قىلىنماي تىزىملىتىلغان تورناملىرىنىڭمۇ تەرەققىياتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ بىر خاسلىقى بولغان ياخشى، شۇڭا تورنامى تىزىملاتقاندىمۇ، ئامال بار باشقىلارنىڭ نامىنى دوراپ ئەمەس، ئۆزىمىزگىلا خاس بولغان تورنامى تىزىملىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
6. تورنامنى دۆلەت – ئىچى سىرتىدىكى ئىشەنچلىك توربېكەتلەردىن تىزىملىتىش كېرەك؛
بۇ ئاساسلىقى ئىسىمنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن دېيىلگەن گەپ بولۇپ، ھازىر تور دۇنياسىدا تورنامى تىجارىتى قىلىدىغان ئۇششاق – چوڭ شىركەتلەر ئىنتايىن كۆپ. بەزى ئۇششاق شىركەتلەر خېرىدار جەلىپ قىلىش تورنامى باھاسىنى تۇنجى يىلى ئىنتايىن ئەرزان قىلىپ «يەكچۈك تاشلاپ» ئەزانغا ئامراق كىشىلەرنى «ئوۋلايدۇ»، تۇنجى يىللىقى ئەرزانغا تورنامى سېتىۋالغان بىلەن، بۇ ئىسىمنىڭ كېلەر يىللىق باھاسى نورمال باھادىن خېلى ئۆرە بولىدۇ، تېخى سىزنىڭ تورنامىنى يۆتكەپ چىكىتىشىڭىزگە يول قويمايدۇ، ياخشى تورنامىڭىز بولۇپ قالسا «بۇلاپ كېتىدۇ». بۇنداق ئۇششاق شىركەتلەرنىڭ سېتىشدىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئەلا مۇلازىمەت ۋ ە بىخەتەرلىك ئۈچۈن، تورنامىنى ئامال بار كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق شىركەتلەردىن تىزىملىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كېيىن تورنامىغا ئالاقىدار تالاش – تارتىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سەزگۈر ئىسىملارنى تىزىملىتىش ئىھتىياجى ياكى مەخپىيەتلىك زۆرۈرىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن سىرتقى نورمال ئەھۋالدا، ئىسىم تىزىملاتقاندا ھەقىقىي كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، گەرچە، تورنامىغا ULY ئىشلىتىش مەسىلىسى. مەن ULY تەرەپتارى بولساممۇ، زىيارەتچىنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن، ULY بولمىغان لاتىنچىنى ئىشلىتىشنىمۇ قوبۇل قىلىمەن. لېكىن، مېنىڭ ئىزدىنىپ بېقىشىمچە، ULYغا چۈشىدىغان نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملار مەۋجۇد بولۇپ، ياخشى تورنام مەنبەسى ULYدا خېلىلا مول، ئۇنىڭدىن باشقا «قاچانغىچە بىر يېزىقنىڭ بىر قانچە ۋارىيانتىسىنى ئىشلىتىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىمىز؟»، شۇڭا ئامال بار تورنامىغا بولسىمۇ ULY ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيىمەنكى، ياخشى تورنام دېگەنلىك ياخشى توربېكەت دېگەنلىك ئەمەس. تورنامنى ياخشى تاللاپ، مەزمۇن ۋە گۈزەللىككە كۈچىيەلمىسىڭىز، بېكىتىڭىزنى ھامىنى ماڭدۇرۇپ كېتەلمەيسىز.
تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوي – پىكىرلىرى بولسا، ئورتاقلاشساق بولىدۇ. ئىنكاسدا كۆرۈشەيلى…
The post تورنامى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم: تورنامى تاللاش ھەققىدە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>The post پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>
بەلكىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭلاردەك، بىر نەچچە ئايدىن بىرى مېنىڭ توردىكى ۋە بلوگدىكى ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنلەپ، سەپرايىم ئۆرلەپ، گەپلىرىم قالايمىقانلىشىپ دېگەندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇربەگ» ۋە «ئەپچىلەم» دېگەن ئىككى ئەپ ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالدى. مەن سىلەرنى ئۆز كۆرگەچكە، ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان FBIنىڭ مەخپىيەتلىكىدىن بىرنى ئاشكارلاپ ئۆتۈۋېتەي، مەنمۇ ھازىر iOS پروگراممىلىرى ئېچىشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن…
شۇنداق، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ بىلمەي ئەمەس، مەقسەتلىك ھالدا iOS پروگراممىسى ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. باشتا بۇ مەقسەت قىزىقىشدىن چىققان بولسا، كېيىنرەك جەمئىيەتتىكى ئاچچىق رىئاللىقلاردىن ئالغان كەچۈرمىشلىرىمدىن چىقارغان قارارىمدىن مەنبەلەندى. نىھايەت، بۇ يولغا چىققاندىن كېيىن باشلاپ ئالتە ئايدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم، ئەمما، ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا سوقۇلۇپ يۈرۈپ، قىلغان نەرسەم ئىككى تال ئەپ بولدى. لېكىن شۇنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۇ جەرياندا مەن يەنە مۇنداق قىممەتلىك بەش تۇيغۇغا ئېرىشتىم. بەلكىم، پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەن باشقا ئەزىمەتلەرگە مەزكۇر يازما ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بىرەلىسە ئەجەپ ئەمەس.
نۇرغۇنلىرىمىزغا ئورتاق مۇنداق بىر ئىش بار، يەنى پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا بىر پىشقان ۋە تەجرىبىلىك پروگراممېرنىڭ بىزنى يىتەكلەپ مېڭىشىنى، بولسا «كاللىسىدىكى ئۇماچنى بىزنىڭ كاللىمىزغا قۇيۇپ قۇيۇشىنى» ئۈمىد قىلىمىز. شەخسەن مەنمۇ iOS پروگراممىرلىقىنى يېڭى باشلىغاندا، مەن بىلىدىغان پروگراممىرلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن تەكلىپ سوراپ، بىلمىگەن نەرسىلىرىمنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ يۈرگەن. كېيىن، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشىنىڭ بارلىقىنى، بەزىدە ياردەم لازىم بولغاندا بىزگە شۇ ھامان جاۋاب بىرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈم شۇ يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىشقا تىرىشتىم.
گەرچە، يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش جەريانى يېڭى باشلىغانلىقىم ئۈچۈن سەل كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ چىقتىم ۋە ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. بۇ جەرياندا، چىقمىغان تور بېكەت، بارمىغان بلوگ قالمىدى. لېكىن شۇ مۇشەققەتلىك جەرياندا مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش، يېڭى ئۇچۇرلارنى قانداق قوبۇل قىلىش ھەققىدە شۇنداق ئېسىل ساۋاققا ئىگە بولدۇمكى، ئەسلى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۆزىمىز ئىكەنمىز. يەنى، يولۇققان مەسىلىلىرىمىزنى باشقىلار ھەل قىلىپ بەرگەندىن، ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەپ ھەل قىلىشقا ئىزدىنىدىغان بولساق، شۇ ئىزدىنىش جەريانىمىزنىڭ ئەسلى ئىنتايىن قىممەت بىر ئۆگىنىش جەريانى بولىدىكەن. شۇنداقلا، بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەجرىبە توپلايدىكەنمىز.
iOS پروگراممىرلىقىنى باشلايمەن دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا بۇ ئويۇمنى بىر قانچە دوستلارغا ئېيتتىم. ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىرىڭلار بىلگىنىڭلاردەك، مەن تەبىئىي پەنچىمۇ ئەمەس، ھەمدە بەكرەك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۈچلۈكرەك ئاساسىم بار. ئاكىلىرىممۇ مېنىڭ ئەسلى يۇرتقا قايتىپ، ئىجتىمائىي پەندە، يەنى ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە خىزمەت قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان ئىدى. لېكىن رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چىقىپ قالغان iOS پروگراممىرى بولىمەن دېگەن گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزى دوستلىرىم ماڭا دوستانە تەكلىپ بېرىشتى ۋە « سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيتىڭىز » دېيىشكەن ئىدى. گەرچە، بۇ گەپكە مەنمۇ ئۆزۈم قوشۇلغان بولساممۇ، ئەمما، بىر ئىشقا قىزىقسام ئوتتەك كىرىشىپ كېتىدىغان ئەسكى خۇيۇمنىڭ تەسىرىدە، بەل قويۇۋەتكۈم كەلمىدى ۋە «تۈركچەم» پۈتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ مۇستەقىل ھالدا پروگرامما تۈزەلەيدىغانلىقىمغا چىن پۈتتۈم.
ئەسلى، پروگراممېر بولۇش ئۇنچىۋالا رىۋايەت تۈسى ئالغان ئىشمۇ ئەمەسكەن. مەن بۇ جەرياندا كېلىپ چىقىشى ئىجتىمائىي پەندىن بولغان پروگراممىرلارنى، چەتئەل تىلى بىلمەي تۇرۇقلۇق، ئۆزى ئىزدىنىپ كامالەتكە يەتكەن نەۋقىرانلارنىمۇ ئۇچراتتىم. پروگراممېر بولۇش ھەققىدە ئىككىلىنىۋاتقان ياشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەسلى سىزمۇ پروگراممېر بولۇشقا ماس كېلىسىز. مەندەك HTML تىلىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرىنىڭ ئالدىدا سىز ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ.
پروگرامما تۈزۈشنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قوبۇل قىلىش ئېلانىغا دىققىتىمنى ئاغدۇرۇپ قوياتتىم. مەيلى ئۇيغۇر ياكى خەنسۇ ۋە شىركەتلىرى بولسۇن، پروگراممېرلارغا بولغان تەلەپتە مەلۇم پروگرامما تىلىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى تەلەپ قىلىناتتى. مەن ئۇ چاغلاردا بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ تەلىپى « سەل ئەقىلگە سىغمايدىغان تەلەپكەن» دەپ ئويلىغان ئىدىم.
كېيىن، مەن «ئەپچىلەم » ناملىق ئەپنى ئېچىش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرگەن ۋاقىتتا شۇنداق بىر ئەھۋالن بايقىدىمكى، نۇرغۇن قىممەتلىك دەرسلىكلەر، ماتىرىياللار، ئىزاھاتلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزچە بولىدىكەن ۋە ياكى ئىنگىلىزچە بىكەتلەردىن تاپقىلى بولىدىكەن. خەنچە ۋە ياكى تۈركچە مەنبەلەردىن تېپىلغان مەزمۇنلار ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش توغرا كېلىدىكەن. پروگراممېر بولماقچى بولغان ناۋادا سىز ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ بەلكى يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما، ئىنگىلىزچە بىلسىڭىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۈرئىتىڭىز ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەتراپىمىزغا باققىنىمىزدا ياخشى پروگراممېرلارنىڭ ئاساسەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرىمىز. يەنى، ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ يەنىلا ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ.
پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمدا يۈرگەندە، مەن بىلىدىغان پروگراممېر دوستلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش جەريانىغا تولىمۇ قىزىقاتتىم. تورلاردىنمۇ پروگراممېرلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ۋە ياكى شۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى تېپىپ ئوقۇيتۇم. بولۇپمۇ، مەندەك ئوقۇتقۇچىسىز قالغان، پەقەتلا ئۆزىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان ھەۋەسكار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يولغا كىرىش – خۇددى بارسا كەلمەس يولدەك، كىرسە چىقماس ھاڭدەك تۇيغۇ بىرەتتى.
ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلاپ ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ئالمىغان كىتاب، ئالمىغان دەرسلىك قالمىدى. لېكىن بىر دەرسلىكنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىدىم. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن كۆرۈپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشدىن باشقا ئىش قىلمىدىم. كېيىن دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بۇيىچە، بىر كىتابنى تۈگىتىپ چىقىشقا تىرىشتىم ۋە باشقا بىر دەرسلىكنى كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇنىڭغىمۇ ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئۈچ ئايدا مەن خۇددى بىر نەرسە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. دوستلارنىڭ «سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيسىز» دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم. چۈشكۈنلۈشۈپ بەل قۇيۇۋېتىشكە ئاران – ئاران تۇردۇم، لېكىن پۇشقىقىمدىن يەل بىرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ سەۋەبىدىن بەل قويۇۋەتمىدىم.
ئاخىرى كىتابمۇ تۈگىدى، دەرسلىكمۇ تۈگىدى، كاللامغا ئانچە-مۇنچە ئۇقۇملارنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، بىر ئەپنى ئاچقان ھامان شۇ ئەپلەرنىڭ قايسى – قايسى تېخنىكىلارنى قوللانغانلىقىنى چۈشەنگىدەك بولغانلىقىمنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ئاينىڭ بىكارغا ئۆتمىگەنلىكىگە ئىشەندىم. بولۇپمۇ، «ئەپچىلەم»نى 10 كۈندەك ۋاقىتتا پۈتتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بۇ مەزگىللەردە بىكار يۈرمىگەنلىكىمگە تېخىمۇ چىن پۈتتۈم.
كېيىن باشقىلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ھېس قىلدىمكى، يېڭى باشلىغاندا ئۈنۈم كۆرۈشكە ئالدىراش نۇرغۇن ھەۋەسكارلاردا بولىدىغان ئىشكەن. پروگراممېرلىق – بىلىم بىلەن تەڭ، تەجرىبىگە ھەم بەكرەك مۇھتاج بىر كەسىپ بولغاچقا، ئۆگەنگۈچىلەردىن ئاساسىي بىلىملەر بىلەن تەڭ، قول تىقىپ تەجرىبە توپلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ناۋادا، باشلىغاندا ھېچنېمە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولغان بولسىڭىز ئەنسىرىمەڭ، كۆپرەك كود يېزىپ بېرىڭ، كۆپرەك باشقىلارنىڭ يازغان نەرسىسىنى قايتىلاپ بېرىڭ، كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ بېرىڭ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يولىڭىزنىڭ ئېچىلىپ ماڭغانلىقىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ قالىسىز.
پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەنلەرنىڭ نۇرغۇنىدا ياخشىراق بىر ماتېرىيال تېپىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. شەخسەن مەن پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمنى باشلىغاندا، قايسى ماتېرىيالنى كۆرۈشنى، قايسى دەرسلىكنى تىڭشاشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن كىتابلارنى ئېلىۋەردىم. ياخشىراق تۇيۇلغان دەرسلىكلەرنى سېتىۋالدىم. لېكىن ئۆگىنىش داۋامىدا ھېس قىلدىمكى، سېتىۋالغان كىتاب ۋە ياكى دەرسلىكلەرنىڭ بەزىلىرى ماڭا ماس كەلمىدى، بەزىلىرى بەك ئاددى بولسا، بەزىلىرى بەك مۇرەككەپ دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بەردى. قاراپ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى بىر ئاينى ماتېرىيال تاللاش بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋەتتىم.
كېيىن، بىر قانچە دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر نوپۇزلۇق نەشىرىياتنىڭ Ojcective C ھەققىدىكى بىر كىتاب ۋە iOS پروگرامما ئېچىش ھەققىدىكى باشقا بىر كىتابىنى سېتىۋالدىم. ئاندىن، خەنچە بىر بېكەتنىڭ دەرسلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇ ماتىرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەنلەر ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيالنىڭ بولۇشى ياخشى باشلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسى بار ياشلارغا تەۋسىيەرىم، ئىشنىڭ بېشىنى ئۆگەنمەكچى بولغان تىلىڭىزغا ئائىت نوپۇزلۇق كىتابلارنى تېپىپ كۆرۈشتىن باشلاڭ.
ئەلۋەتتە، مەن تېخى ئۆزۈمنى پروگراممېر بولدۇم دەپ ئويلىمايمەن، ئالدىمدا باسىدىغان يولۇمنىڭ كۆپلىكى ئۆزۈمگە ئايان. مەزكۇر يازمىمۇ، مېنىڭ مۇشۇ ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش جەريانىمدا ئېرىشكەن كىچىككىنە تۇيغۇلىرىم بولۇپ، ئاللاھ خالىسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى داۋاملىق ئورتاقلىشىپ تۇرغۇسىمەن.
مەزكۇر يازما تامامەن ئىجادىيدۇر. رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
The post پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.
]]>