Notice: Function _load_textdomain_just_in_time was called incorrectly. Translation loading for the acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Notice: add_theme_support( 'html5' ) فونكسىيە خاتا چاقىرىلغان. سىز يەتكۈزمەكچى بولغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ تىپى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلانى Wordpress دە خاتالىق تېپىش دىن كۆرۈڭ. (بۇ تېكىست 3.6.1 نەشرىدە قوشۇلغان.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Warning: session_start(): Cannot start session when headers already sent in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-content/plugins/wp-uighur-uls/wp-uighur-uls.php on line 20

Warning: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php:6121) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/feed-rss2.php on line 8
تورنام Archives - ئۇيغۇر بلوگى https://uyghur.blog/tag/tornam/ نېمە يېزىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن Wed, 28 Nov 2018 12:06:15 +0000 ug-CN hourly 1 https://wordpress.org/?v=6.8.9 ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/ https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/#comments Sat, 11 Mar 2017 17:45:51 +0000 http://www.uyghur.blog/?p=6553 بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى...

The post ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر ھېكايە بار بولۇپ، بۈگۈنكى يازمامدا مەن مۇشۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈش جەريانىنى ئاددىيلا ھالدا بايان قىلىپ ئۆتكۈسىمەن.

ئىشەنچ ھەققىدە قىسقا بىر ھېكايە

«.BLOG» تور نامىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىق خەۋىرىنى «نۇرقۇت تورى»دا تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن كېيىن، بۇ تور نامىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەمدە WordPressنىڭ ئورگان بېتىدىكى ئېلخەت ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر قانچە تور نامىنى تىزىملىتىش ئېچىلغان ھامان ماڭا ئېلخەت قىلىشقا تىزىملىتىپ قويدۇم، ھەتتا ئېلخەت كەلمەي قالمىسۇن دەپ مەندە بار بارلىق ئېلخەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم تىزىملىتىپ چىقتىم. بۇنىڭ ئىچىدە، «www.uyghur.blog» بار ئىدى ئەلۋەتتە.

شۇنداق قىلىپ ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، «.BLOG» تور نامىنىڭ ماركا-شىركەتلەر ئۈچۈن تىزىملىتىش مەزگىلى(بۇ جەرياندا ماركا ۋە شىركەت – مەھسۇلات نامىنى قوغداش ئۈچۈن ئاۋۋال بىر قىسىم شىركەتلەرگە تىزىملىتىۋېلىشقا ئېچىۋېتىلىدىكەن)، ئاشكارا تىزىملىتىش بۇرۇنقى يۇقىرى باھالىق تىزىملىتىش مەزگىلى(ئالدىدىكى مەشخۇلات تاماملانغاندىن كېيىن شەخسىيلەرگە يۇقىرى باھادا مەلۇم تور ناملىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشقا يول قۇيىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن باھا 200 دوللاردىن باشلىنىدىكەن)نى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن خالىغانچە ئالدىن تىزىملىتىش مەزگىلىگە قەدەر سەۋىر قىلىپ كۈتتۈم، بۇ مەزگىلدە مەن يەنە ئورگان بېتى ئارقىلىق 30 يۇرۇ تۆلەپ، «www.uyghur.blog» نى زاكاس قىلىپ قويدۇم.

ئەلۋەتتە، مەن ئۇ چاغدا «.BLOG» تور نامىنىڭ ئورگان بېتىدىن باشقا يەردىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم، ھەمدە ئورگان بېتىنىڭ ئىقتىدارىغا ئالامەت ئىشىنىپ كەتكەن ئىدىم. شۇڭلاشقا  2016-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر 0گە قەدەر تەقەززالىق بىلەن ساقلىدىم. شۇ كۈنى گېرمانىيە ۋاقتى ئىككى بولغاندا، ئورگان بېتىدىكى ھېساۋاتىمغا كىرسەم، بۇ تورنامى مەندە تىزىملىتىلدى دەپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن راھەت ئۇيقۇغا كىرىپ كەتتىم.

ھالبۇكى، ئەتىسى دەرس ۋاقتى قىزىقىپ ئولتۇرۇپ «www.uyghur.blog» نىڭ WhoIs ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تورنام گېرمانىيەدىكى باشقا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ نامىدا Godaddyدىن تىزىملىتىۋالغان بولۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ھەيران بولۇپ، شۇ ھامان ئورگان بېتى بىلەن ئالاقە قىلدىم، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىگەچكە، بۇ ئىسىمنى تىزىملىتىۋالغان قېرىندىشىم بىلەن ئېلخەتتە ئالاقە قىلدىم، ھەمدە ئىسىمنى بولسا ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ قېرىندىشىم شۇ ھامان جاۋاب قايتۇرۇپ ئىسىمنى قىزىقىش ئورنىدا تىزىملاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ۋەتەندىكى باشقا قېرىندىشىمىزنىڭ ئالاقە قىلىپ ئىسىمنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ئېيتىپ ئۆزۈرخانلىق بىلدۈردى. ئۆيگە قايتىپ ئورگان بېتىدىن تەكشۈرسەم بۇ ئىسىم ھېلىھەم مېنىڭ ھېساۋاتىمدا تۇراتتى-يۇ، ئورگان بېتىدىكى تىزىملىتىش ئورنىدىدىن ئىزدىسەم بۇ ئىسىم بىكار، Godaddyدىن تەكشۈرسەم تىزىملىتىپ بولۇندى دەپ تۇراتتى.

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورگان تەرەپدىن ئېلخەت كېلىپ ئىسىمنىڭ مەندە ئەمەسلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلارغا ئىنتايىن ئاچچىقلاندىم،  «ئەمىسە مېنىڭ ھېساۋاتىمدا تۇرىدىغۇ؟» دەپ ئۇلار بىلەن زاكۇنلىشىپ باقماقچى بولدۇم، ئەمما نېمە پايدىسى؟ دېمەك، ئورگان بەتتە مەسىلە بار ئىكەنتۇق. ئەمما بۇ تور نامنى قولغا چۈشۈرۈش ئارزۇيۇم شۇنداق كۈچلۈك بولغاچقا، WhoIs ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بۇ ئىسىمنى ئۆتكۈزۈۋالغان قېرىندىشىم بىلەن ئالاقە قىلدىم، ئەلۋەتتە، قارشى تەرەپ بۇ ئىسىمنى خېلى يۇقىرى باھاغا ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ھەمدە ئۆزى بىر ئىش قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ كىچىككىنە بىر ئۈمىددە ئۇ قېرىندىشىمغا خەت يازدىم.

خەتنى يازغاندا قارشى تەرەپدىن ئېنىق  رەت كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ھالبۇكى قارشى تەرەپ ئۇزاققا قالمايلا جاۋاب يازدى ھەمدە بۇ ئىسىمنى باشقا نىيەتتە ئەمەس، ساقلاپ قۇيۇش ئۈچۈنلا سېتىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىق ئىشىنى شۇنداقلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى ئوبدان بىلىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىسىمنى مەندىن بۇرۇن بىر قانچەيلەن تۈمەن سوم، ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھادا سورىغان بولسىمۇ بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ماڭا ئۆزى سېتىۋالغان باھادا بېرىشنى خالايدىغانلىقى شۇنداقلا ماڭا بەرسە مېنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. جاۋابدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ئەمما ئۇ قېرىندىشىم سېتىۋالغان باھامۇ ماڭا نىسبەتەن خېلىلا قىممەت ئىدى.

شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن باھا تالىشىشدىن خىجىل بولۇپ ئىسىمنى ھازىرچە ئالماي تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ جاۋاب يازدىم. جاۋابىمنى ئالغان قېرىندىشىمىز شۇ ھامانلا خەت يېزىپ ئەھۋالىمنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، مەندىن مانچە بېرىڭ دېمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىسىمنى ھازىر ماڭا يوللاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، مېنىڭ كېيىنچە ئايغا بۆلۈپ ياكى قاچان پۇل تاپقاندا شۇ چاغدا بەرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ھازىرقىدەك ئىقتىساد زىللىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدىن ئىشەنچ يوقىلىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە، پەقەت بلوگ ئارقىلىق بىر نەرسە يېزىپ تۇرۇپ تونۇمىغان بىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.

بۇ گەپلەردىن تەسىرلىنىپ، ئىىسمنى مەن كۆتۈرەلەيدىغان مىڭ سوملارغا يېقىن بىر پاھانى قويدۇم ھەمدە بۇ پۇلنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى يوللاپ بېرىپ تۇردۇم، بۇ قېرىندىشىممۇ ئاڭغىچە ئىسىمنى ماڭا يۆتكەپ بېرىپ بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە، كېيىن قالدى پۇلنى تۇلۇق يوللىۋەتتىم. ئەمما بۇ قېتىملىق سودىدىن ئۆزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان ئۇشبۇ قېرىندىشىمنىڭ ماڭا قىلغان ئىشەنچى، پۇلنى ئالماي تۇرۇپ مال بەرگەنلىك خىسلىتى ماڭا ھېلىھەم تەسىر قىلماقتا ئىدى.

The post ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/feed/ 23
بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG تور نامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى https://uyghur.blog/bloggerlar-uchun-.BLOG-tor-namini-ishlitishning-artuqchiliqi/ https://uyghur.blog/bloggerlar-uchun-.BLOG-tor-namini-ishlitishning-artuqchiliqi/#comments Sat, 10 Dec 2016 11:01:05 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=6367 ئالدىنقى يازمىمىز «‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى» ئېيتىلغاندەك، بلوگگېرلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ تور نامى ھازىر تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى. ئەلۋەتتە، ھېلىھەم بلوگ ئىشقىدا كۈيۈۋاتقان...

The post بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG تور نامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

ئالدىنقى يازمىمىز «‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى» ئېيتىلغاندەك، بلوگگېرلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ تور نامى ھازىر تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى. ئەلۋەتتە، ھېلىھەم بلوگ ئىشقىدا كۈيۈۋاتقان پىشقەدەم بلوگگېر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، بۇ تور نامىنى كەڭ ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىغا تەشۋىق قىلىشنى ئۆزەمنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۈگۈن بۇ تورنامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە توختىلىمىز ئەلۋەتتە. قىزىققان بولساڭلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت…

1. زىيارەتچىلەرگە تۇنجى زىيارىتىدىلا سىزنىڭ ېكىتىڭىزنىڭ قانداق بېكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلەيسىز

ئاق خالاتىلىق كىشىلەرنى كۆرگەندە تۇنجى بولۇپ ئېسىمىزگە دوختۇر ياكى سېستىرا كېلىدۇ؛ ھەربىي فورم كېيىۋالغاننى كۆرسەك ئەسكەركەن، ساقچى فورمىسىنى كىيگەننى كۆرسەك ساقچىكەن دەپ بېلىمىز ئەلۋەتتە. ناۋادا بۇ كىشىلەر نورمال كاستىيۇم – بۇرۇلكا ياكى كانۋاي كۆينەك كىيىۋالغان بولسا كاللىمىزغا باشقىلاردەك نورمال ئادەمكەن دېگەن خىيال كېچىدۇ. تور نامىمۇ شۇ، ھازىر تور نامى تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىدە، بلوگنى قانداق قىلىپ بلوگ دەپ تونۇتۇشقا قېينىلىۋاتقان بولسىڭىز، .BLOG تور نامىنى ئىشلەتسىڭىز بېكىتىڭىزنى زىيارەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق ئادەم «ھە، بۇ بلوگ ئىكەندە» دەپ بېلىدۇ، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟

2. نوپۇزىڭىزنى ئاشۇرالايسىز

ھازىر تور ناملىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئادرېسىنىڭ ئۇزۇنلىقى تۈپەيلى، نۇرغۇن زىيارەتچىلەر ئۆزلىرى ياقتۇرغان بلوگلارنى زىيارەت قىلىشقا قېينىلىدۇ. ناۋادا سىز .BLOG تور نامىنى ئىشلەتسىڭىز، بلوگىڭىزنىڭ زىيارەتچىلىرى .ME, .CC, .NET دېگەندەك ئەستە تۇتۇش تەسلا بولغان تورنامىغا قارىغاندا ئېنىقلا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تور نامىڭىزنى تېخىمۇ قولاي شەكىلدە ئەستە تۇتالايدۇ،

3. ئىسىم مەنبەسى مول

بىلگىنىڭلاردەك، .COM ياكى .cn دېگەندەك دىيارىمىزدا ئۇمۇملىشىپ بولغان تور نامىنىڭ مەنبەسى كۈندىن كۈنگە تارىيىۋاتقان بولۇپ، تىزىملىتاي دېسىڭىزمۇ تۈزۈك ئىسىملار تېپىلمايدۇ. سىز ياقتۇرغان ئىسىملارنى ئىسىم ھايانكەشلىرى تىزىملىتىۋالغان بولسا، تېخى ئاسمان پەلەك باھا قويۇپ، ئەرۋايىڭىزنى ئۇچۇرىۋېتىدۇ. .BLOG تور نامى بولسا يېڭى ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، ئىسىم مەنبەسى باشقا تور ناملىرىغا قارىغاندا ئىنتايىن مول بولۇپ، سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قىسقا ئىسىملارنى تىزىملىتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن.

4. تور نامىنى ئەستە تۇتۇش ئىنتايىن ئاسان

ئىككىنچى تۈردە ئېيتىلغاندەك، مەزكۇر تور نامى بولمىش BLOGنىڭ تەلەپپۇزى ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوخشاش،  ئۇنىڭ يېزىلىشى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغىمۇ ئۇيغۇن بولۇپ، مەيلى ULY بولسۇن ياكى پىنيىن بولسۇن، ئىككىلىسىدە ئوخشاش. شۇنداق بولغان ئىكەن، زىيارەتچىلەرگە نىسبەتەن بۇ تور نامىنى ئەسكە تۇتۇۋېلىش باشقا تور ناملىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسان بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز ئەلۋەتتە.

خاتىمە

مەزكۇر يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلىرىم بەلكىم مەندىن «ئەمىسە سىزچۇ؟ قاچان ئىشلىتىسىز؟» دەپ سورىشىڭلار تەبىئىي.  ئەمەلىيەتتە، مەنمۇ بىر .BLOG تور نامىدىن بىرنى تىزىملىتىپ قۇيۇپ تۇردۇم، پات يېقىندا شۇنىڭغا كۆچۈشۈم ياكى مۇمكىن، ياكى مۇمكىن ئەمەس. مەزكۇر يازما مۇشۇنداق پۈتۈپ قالىدىغان بولدى.

سىزچۇ؟ .BLOG تور نامىنى سېتىۋالامسىز؟

The post بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG تور نامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/bloggerlar-uchun-.BLOG-tor-namini-ishlitishning-artuqchiliqi/feed/ 7
تورنامى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم: تورنامى تاللاش ھەققىدە https://uyghur.blog/tornami-heqqide-oylighanlirim:-tornami-tallash-heqqide/ https://uyghur.blog/tornami-heqqide-oylighanlirim:-tornami-tallash-heqqide/#comments Sat, 18 Jun 2016 16:13:11 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=6219 بۈگۈنكى يازمىمىزدا مەن تورنامى  ۋە تورنامى تاللاش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ ئۆتىمەن. تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەزكۇر يازمىغا يانداش قالدۇرۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تورنامى دېگەن نېمە؟ تىلىمىزدا بىراۋنىڭ توردىكى...

The post تورنامى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم: تورنامى تاللاش ھەققىدە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
domains

بۈگۈنكى يازمىمىزدا مەن تورنامى  ۋە تورنامى تاللاش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ ئۆتىمەن. تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەزكۇر يازمىغا يانداش قالدۇرۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تورنامى دېگەن نېمە؟

domains1

تىلىمىزدا بىراۋنىڭ توردىكى تەخەللۇسىنى بىلدۈرىدىغان نامى(网名) بىلەن توربېكەتلەرنىڭ توردىكى ئادرېسىنى ئىشلىتىدىغان ئادرېس(域名) ئۈچۈن ئوخشاش بىر سۆز – «تورنام» ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «ئۇيغۇرچە – خەنچە كومپىيۇتېر ئاتالغۇسى» لۇغىتىدا كېيىنكى سۆز «دائىرە نامى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مېنىڭچە، «دائىرە نامى»دىن بەكرەك «ساھە نامى» دېگەن بۇ سۆز «域名»نىڭ خاسلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيتى، تۈركلەرمۇ بۇ سۆزنى «ئالان ئادى»(ساھە ئىسمى) دەپ دەل ئورنىغا تەرجىمە قىلغان، ئەلۋەتتە، بۇ يازمىمىزدا بۇ ھەقتە تالاش – تارتىش قىلمايمىز.

تور نامى – مەۋھۇم كومپىيۇتېرنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسىنى تور زىيارەتچىلىرىگە تېخىمۇ قولاي ھالدا ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ 1983-يىلى ئامېركىلىق جون موكاپېترىس(Paul Mockapetris) تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان، 1987-يىلى بولسا رەسمى ئۆلچەملىشىپ بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزغا سونۇلۇپ كەڭرى يېيىلىشقا باشلىغان.

تورنامىنىڭ ئاساسلىق رولى نېمە دېگەن ۋاقىتتا، «208.80.152.2» دېگەن سان – سىپىرلاردىن تۈزۈلگەن بىر كومپىيۇتېرنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسىنى بۇ سان – سىپىر بۇيىچە ئەمەس، «www.wikipedia.org»دىن ئىبارەت تېخىمۇ قولاي بىر ئادرېس ئارقىلىق زىيارەت قىلىشدىن ئىبارەت.

يۇقارقى ئۇقۇمنى تېخىمۇ ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق بىر مىسال ئېلىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسى «ئۈرۈمچى شەھەرلىك بلوگچىلار كوچىسى 11-نومۇرلۇق بىنا 4-قەۋەت 10-نومۇرلۇق ئۆي» بولغان بولسا، تورنامىم بولغان «ئۇيغۇربەگنىڭ بلوگى»نى ئىزدەش ئارقىلىق ئالدىدىكى بىر مۇنچە سان – سىپىرلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز دېمەك.

ھازىر دۆلەت ۋە رايون خاراكتىرلىك بولغان تورناملاردىن باشقا، تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان مۇلازىمەت تۈرىدىكى تورناملارغا قەدەر كېڭەيمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە، مەخسۇس دۆلەت ئورگانلىرىغا تەۋە تورناملىرى(gov.cn, edu.cn دېگەندەك) دىن باشقا، زور كۆپ قىسىم تورناملارنى ھەر قانداق كىشىلەر تىزىملىتالايدۇ. شۇنداقلا، بۇ تورناملارنىڭ ئارقا قۇشۇمچىسى ئوخشىمىغىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىقتىدارى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىنىڭ مەقسىدى مەۋھۇم كومپىيۇتېرنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسىنى تور زىيارەتچىلىرىگە تېخىمۇ قولاي ھالدا ئىپادىلەشتىن ئىبارەت.

دۇنياغا داڭلىق تورنامى شىركىتى بولغان godaddyنىڭ تور بېكىتىگە 1234 خىلدىن كۆپرەك تورنامى شەكلى قۇيۇلغان بولۇپ، دىيارىمىزدا ئاساسەن .com, .cn, .net, .biz, .me, .cc, .la قاتارلىق بىر قەدەر مۆتىۋەر بولۇپ قالغان تورناملار ئىشلىتىلمەكتە.

تورنامى تاللاش ھەققىدە

Chossing-a-Domain-Name-810x500

ئەلۋەتتە، بىر توربېكەت ياكى بلوگ قۇرۇشتىن بۇرۇن ھەممىمىزنىڭ ئويلايدىغىنى بىر ياخشى تورنامى تېپىشتۇر. ياخشى تورنامنى بىر بالىغا قۇيۇلغان ياخشى ئىسىمغا ئوخشاتساق كەم بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ھەم ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، دىيارىمىزدا بىر قەدەم نام تېپىۋاتقان توربېكەت – بلوگلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋە مەنىلىك تورنامى بار. ئۇنداقتا، دىيارىمىزدا تورنامى تاللاش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

ھەممىڭلارغا ئايان بولغاندەك، دىيارىمىزنىڭ تور شارائىتى ئىچكىرى ۋە دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ قوللايدىغان ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ھەممىسى تام سىرتىغا چىقىرىپ قۇيۇلغان، خەنچە ئىزدەش ماتورلىرى بولسا ئۇيغۇرچىنى يەكلەيدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ سەۋىيەسى چەكلىك بولغاچقا، بىزنىڭ SEO ئەلالاشتۇرۇش ئىشىنى قىلىشىمىز، يەنى توردىن ئۇچۇر ئىزدەش ئىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىشىنى قىلىش بىزدە ئانچە ئۈنۈمى يوق، پايدىسىز بىر ئىش. كۆپىنچە زىيارەتچىلىرىمىز توربېكەتلەرنى ئۇلىنىش توربېكەتلىرىدىن چىكىپ كىرىش ياكى بىۋاستە تورنامىمىزنىڭ يىزىپ كىرىشكە ئۆگەنگەن، بولۇپمۇ يېقىندىن بىرى زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىۋاستە تورنامىنى بىۋاستە زىيارەت قىلىدىغانلار كۆپەيدى، شۇڭلاشقا، خەنسۇلاردەك قالايمىقان تورنامى بىلەن توربېكەت قۇرۇش بىزنىڭ رىئاللىقىمىزغا ئۇيغۇن ئەمەس.

مەنچە، دىيارىمىزنىڭ ۋە زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تورنامى تاللاشتا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. دىيارىمىزدا بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان .com, .cn, .net دېگەندەك تورناملارنى تاللاش كېرەك؛

ئالدىدا ئېيتقاندەك، كۆپىنچە زىيارەتچىلىرىمىز توربېكەتلەرنى ئۇلىنىش توربېكەتلىرىدىن چىكىپ كىرىش ياكى بىۋاستە تورنامىمىزنىڭ يىزىپ كىرىشكە كۆنگەن بولۇپ، نۇرغۇن زىيارەتچىلىرىمىز تورنامى دېسە .com, .cn, .netنىلا ئېسىگە ئالىدۇ، ھەتتاكى بەزى تورداشلار comدىن باشقا تورنامىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. تۈركىيە ۋە يۇرتتىكى چېغىمدا، «بلوگىڭىز ئېچىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ» دەپ شىكايەت قىلغان تورداشلارنى كۆپ كۆرگەن بولۇپ، ئۇلار بلوگىمنىڭ ئادرېسىنىڭ uyghurbeg.cn ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ھېلىمۇ ياخشى، .cn تورنامىمۇ دىيارىمىزدا يېقىندىن بىرى خېلى ئۇمۇملاشقان بولۇپ، يېڭىدىن چىقىۋاتقان .xyz, .vip, .cc دېگەندەك ۋە ياكى .info, .org دېگەندەك خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇد بولغان ئەمما دىيارىمىزدا كۆپلەپ ئىشلىتىلمىگەن تورنامنى ئاساسەن بىلمەيدۇ، يازالمايدۇ. شۇڭلاشقا،  تورنامى تاللىغاندا ئامال بار.com, .cn, .net قۇشۇمچىلىق تورنامى تاللاش كېرەك.  بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن .me تورنامىنى تاللىساقمۇ بولىدۇ.

2. تورنامىغا ئىشلەتكەن سۆز ئامال بار قىسقا، مەنىلىك بولىشى كېرەك؛

تورنامى تاللىغاندا، ئۇيغۇر تىلىدا بار بولغان، ئىغچام، مەنىلىك، قىسقا شۇنداقلا ئەستە تۇتۇشقا قولاي بىر سۆزلۈك ئىسىم قۇيۇش كېرەك. ناۋادا، ئۇيغۇرچىدا ئەسلى مەۋجۇد بولغان ئىسىملار تىزىملىتىپ بولۇنغان بولسا، ئۆزىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ  سۆز ئادىتىگە ئۇيغۇن ئاساستا سۆز ياسىساقمۇ بولىدۇ(مەسىلەن، مېنىڭ تورنامىم ئۇيغۇربەگدەك). ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى ئۆزى ياسىغان سۆز بولسۇن ۋە ياكى ئەسلىدىكى سۆز بولسۇن تورنامىغا ئىشلەتكەن سۆزنىڭ بۇغۇم سانىنىڭ تۆتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

3. تورنامىغا ئىشلەتكەن سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا بولىشى كېرەك؛

تورنامى تىزىملاتقاندا، تىزىملاتقان تورنامىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسىغا ئۇيغۇن بولىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

4. تورنامىغا ئىشلەتكەن سۆزلەر داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ماركىسى بولماسلىقى كېرەك؛

نورمالدا، شىركەتلەرنىڭ ماركىسىنى تىزىملىتىش چەكلەنمىگەن، مەسىلەن شىنجاڭدا يورۇق يۇلتۇز دەپ ماركا ئىشلەتكەن بىر شىركەت بار بولۇپ، ناۋادا سىز يورۇق يۇلتۇز دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تورنامى تىزىملاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ھەتتا، داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ماركىسىنى تىزىملاتقىلى بولسىلا تىزىملاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەمما، مەيلى خەلقئارالىق ياكى دۆلەت ئىچىدىكى بولسۇن، داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ماركىسى ياكى مەھسۇلات نامىنى ئىشلىتىپ تورنامى تىزىملىتىۋالغان بولسىڭىز(مۇمكىن دەپ تۇرايلى)، ناۋادا بۇنى شۇ شىركەتلەرگە سېتىپ بەرسىڭىز قانداقكىن، بولمىسا، ئۇ شىركەتلەر سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىپ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق سېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

5. باشقا تورناملارنى دورىماسلىق كېرەك؛

نۇرغۇن تورداشلار بار(مەيلى بىزدە ياكى خەقتە)، بىرەر توربېكەت ياكى بلوگ داڭىق چىقىرىپ قالسا، شۇ ھامانلا شۇلارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باشقا تورنامى تىزىملىتىپ، تاغتۇرا بەتتىن بىرنى قۇرۇپ بولىدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ پەخىرلىك ۋە داڭلىق تورخۇمارىمىز داڭىق چىقىرىۋىدى،  www.turhumar.com, www.torhumar.cn دېگەندەك تاغتۇرا ئىسىملارمۇ ئوتتۇرىغا چۈشتى. بۇنداق قىلمىشنى ئەخلاق نۇقتىسىدىن باھا بېرىپ يۈرمىسەكمۇ، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ بۇنداق تاغتورا بېكەتلەرنى قۇرغانلار ياكى قىلغان ئىشىغا چۇشلۇق نەتىجە يارىتالمايدۇ، پەقەت بىھۇدە زېھىن ۋە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرىدۇ خالاس. ئۇنىڭدىن باشقا، تاغتۇرا قىلىش مەقسەددە قىلىنماي تىزىملىتىلغان تورناملىرىنىڭمۇ تەرەققىياتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ بىر خاسلىقى بولغان ياخشى، شۇڭا تورنامى تىزىملاتقاندىمۇ، ئامال بار باشقىلارنىڭ نامىنى دوراپ ئەمەس، ئۆزىمىزگىلا خاس بولغان تورنامى تىزىملىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

6. تورنامنى دۆلەت – ئىچى سىرتىدىكى ئىشەنچلىك توربېكەتلەردىن تىزىملىتىش كېرەك؛

بۇ ئاساسلىقى ئىسىمنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن دېيىلگەن گەپ بولۇپ، ھازىر تور دۇنياسىدا تورنامى تىجارىتى قىلىدىغان ئۇششاق – چوڭ شىركەتلەر ئىنتايىن كۆپ. بەزى ئۇششاق شىركەتلەر خېرىدار جەلىپ قىلىش تورنامى باھاسىنى تۇنجى يىلى ئىنتايىن ئەرزان قىلىپ «يەكچۈك تاشلاپ» ئەزانغا ئامراق كىشىلەرنى «ئوۋلايدۇ»، تۇنجى يىللىقى ئەرزانغا تورنامى سېتىۋالغان بىلەن، بۇ ئىسىمنىڭ كېلەر يىللىق باھاسى نورمال باھادىن خېلى ئۆرە بولىدۇ، تېخى سىزنىڭ تورنامىنى يۆتكەپ چىكىتىشىڭىزگە يول قويمايدۇ، ياخشى تورنامىڭىز بولۇپ قالسا «بۇلاپ كېتىدۇ». بۇنداق ئۇششاق شىركەتلەرنىڭ سېتىشدىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئەلا مۇلازىمەت ۋ ە بىخەتەرلىك ئۈچۈن، تورنامىنى ئامال بار كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق شىركەتلەردىن تىزىملىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كېيىن تورنامىغا ئالاقىدار تالاش – تارتىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سەزگۈر ئىسىملارنى تىزىملىتىش ئىھتىياجى ياكى مەخپىيەتلىك زۆرۈرىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن سىرتقى نورمال ئەھۋالدا، ئىسىم تىزىملاتقاندا ھەقىقىي كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، گەرچە، تورنامىغا ULY ئىشلىتىش مەسىلىسى. مەن ULY تەرەپتارى بولساممۇ، زىيارەتچىنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن، ULY بولمىغان لاتىنچىنى ئىشلىتىشنىمۇ قوبۇل قىلىمەن. لېكىن، مېنىڭ ئىزدىنىپ بېقىشىمچە، ULYغا چۈشىدىغان نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملار مەۋجۇد بولۇپ، ياخشى تورنام مەنبەسى ULYدا خېلىلا مول، ئۇنىڭدىن باشقا «قاچانغىچە بىر يېزىقنىڭ بىر قانچە ۋارىيانتىسىنى ئىشلىتىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىمىز؟»، شۇڭا ئامال بار تورنامىغا بولسىمۇ ULY ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيىمەنكى، ياخشى تورنام دېگەنلىك ياخشى توربېكەت دېگەنلىك ئەمەس. تورنامنى ياخشى تاللاپ، مەزمۇن ۋە گۈزەللىككە كۈچىيەلمىسىڭىز، بېكىتىڭىزنى ھامىنى ماڭدۇرۇپ كېتەلمەيسىز.

تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوي – پىكىرلىرى بولسا، ئورتاقلاشساق بولىدۇ. ئىنكاسدا كۆرۈشەيلى…

The post تورنامى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم: تورنامى تاللاش ھەققىدە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/tornami-heqqide-oylighanlirim:-tornami-tallash-heqqide/feed/ 30