Notice: Function _load_textdomain_just_in_time was called incorrectly. Translation loading for the acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Notice: add_theme_support( 'html5' ) فونكسىيە خاتا چاقىرىلغان. سىز يەتكۈزمەكچى بولغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ تىپى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلانى Wordpress دە خاتالىق تېپىش دىن كۆرۈڭ. (بۇ تېكىست 3.6.1 نەشرىدە قوشۇلغان.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Warning: session_start(): Cannot start session when headers already sent in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-content/plugins/wp-uighur-uls/wp-uighur-uls.php on line 20

Warning: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php:6121) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/feed-rss2.php on line 8
ئۇيغۇربەگ Archives - ئۇيغۇر بلوگى https://uyghur.blog/tag/uyghurbeg/ نېمە يېزىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن Wed, 28 Nov 2018 11:36:25 +0000 ug-CN hourly 1 https://wordpress.org/?v=6.8.9 ھەقسىز ياكى ئەرزانغا ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟ https://uyghur.blog/heqsiz-yaki-erzangha-ep-yasap-sarangmu-biz/ https://uyghur.blog/heqsiz-yaki-erzangha-ep-yasap-sarangmu-biz/#comments Tue, 14 Feb 2017 16:33:39 +0000 http://www.uyghur.blog/?p=6492 ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشدىن بۇرۇن، ئەپ بازىرىدا قارلىق، كاككۇك دېگەندەك شىركەت ياكى شەخىسلەرنىڭ ياسىغان ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشدىن تازا قېچىپ، ئەپلەرنىڭ ھەقسىز قىلىنىۋېتىدىغان ھېيت – بايراملىق پائالىيەتلىرىغا...

The post ھەقسىز ياكى ئەرزانغا ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟ appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشدىن بۇرۇن، ئەپ بازىرىدا قارلىق، كاككۇك دېگەندەك شىركەت ياكى شەخىسلەرنىڭ ياسىغان ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشدىن تازا قېچىپ، ئەپلەرنىڭ ھەقسىز قىلىنىۋېتىدىغان ھېيت – بايراملىق پائالىيەتلىرىغا ئىشتىھا ساقلاپ ئولتۇراتتىم. بىر زامانلار ئىچىمدە «ئاشۇ ئەپ ئاچقۇچىلار نىمداق پۇلپەرەز ئىنسانلاردۇ، جاپا تارتىپ ياسىغانكى ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقسىز قىلىۋەتسە بولمامدۇ؟» دەپ ئويلايتىم، ھەمدە بىرەر كۈنى مەن ئەپ ياساپ قالسام ھەممىسىنى ھەقسىز قىلىۋېتىمەن دەپ تاس قالغان «ئوچۇق خەت»دىن بىرنى يېزىۋەتكىلى. ھالبۇكى، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ، ئاغزىمغا سائەت چىققاندەك ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي ئەپ بازىرىدا ئون قانچە ھەقسىز ئەپى بار يالاڭتۆش ئەپچىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدىم-دە، بۇ ئەپ ئېچىشنىڭ ئارقىسىدىكى بەدەل ۋە تەرلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندە، تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالدىم، ھەقسىز ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟

ئەلۋەتتە، بۇ خىيالغا كەلگىلى ئۇزاقمۇ بولمىدى، بولۇپمۇ ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىم ھەمدە چىقىملىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە تەڭداش بولماس ئازراققىنا كىرىمگە قاراپ، تاسادىبى ئاچ قالسام قانداق قىلارمەن دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم. بولۇپمۇ، سىناق ئورنىدا «تۈركچەم»، «شېئىرنامە» قاتارلىق ئەپلەرنى ھەقلىق قىلغاندىن كېيىن «ئەپلەرنى ھەقسىز قىلىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا؛ بىرەر خېرىدارنىڭ بىر مۇنچە تەلەپلەرنى قويغاندىن كېيىن ئىنچىكە ھېسابلاپ بەرگەن باھايىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «ئاتتام، نېمانداق قىممەت؟» دېگەندەك پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاندا بۇ خىيالغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ قالىمەن.

 

بۈگۈنكى يازمامدا، بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم.

ئەپ ياساشنىڭ ماددى چىقىملىرى

best-methods-finding-app-developer

ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ بەدىلى بولىدۇ، ھەتتا يايما ئاچسىڭىزمۇ شۇ. ئەپ ياساشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئاددى بىر ھېساب قىلىپ بېرەي:

1. بىر تال ياخشى كومپىيۇتېر (تەخمىنەن 8 مىڭ سوم)؛

2. ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى، يىللىقى 800 سوم؛

 

ئەپ ئاچقۇچىنى تاماق يېمەيدۇ، تالادا يېتىپ ئۇخلايدۇ، سودا بازىرىدىكى ھەقسىز WIFIنى ئىشلىتىدۇ دەپ تۇرىلى، ھەپ بوپتۇ، كومپىيۇتېرنى كوچىدىن تېپىۋالدى، قەھۋەسىنى كومپارتىيە بوشو قىلدى دەيلى، ئاۋۇ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى تىم كۇك ھەرگىز بىكاغا قىپ بەرمەيدۇ، ھېچ بولمىسا شۇنىڭ چىقىمىنى بولسىمۇ چىقىرىۋېلىشى كېرەكدە، ئەمما قانداق چىقىرىدۇ؟ ئىلاھا ئامىنغىمۇ؟

6358242828223834963403222

ئەپ ياساشنىڭ مەنىۋى چىقىملىرى

slider-0

1. ھەر قانداق بىر ئەپنى ياساش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال «كاللا» كېتىدۇ، پروگراممېرنىڭ كاللىسى نورمال كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ ئىشلەيدۇ، چۈنكى ئۇ «گەپ چۈشەنمەس» كومپىيۇتېرغا لوگىكىلىق بۇيرۇق بىرىش بىلەن بىرگە ماتىماتىكىلىق ئانالىزلەرنى قىلىدۇ. سىزنى ئۈچ كۈن بىكارغا تاپشۇۇق كۆچۈرۈپ بەر دېسە ساراڭمۇ مەن دەيدىغانلىقىڭىزنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟

 

2. ھە بوپتۇ، پروگراممېر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئەپ ياساشنى ئۆگىنىپلا چۈشكەن دەيلى، بىر ئاددى ئەپنى ياساشقىمۇ ئاز بولسا بىرەر سائەت، ئەپ بازىرىغا يوللاش ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. سەل مۇرەككەپرەك ئەپ بولۇپ قالسا، كۈنىگە ئەڭ ئاز 12 سائەتتىن ئىشلەپ، بىرەر ھەپتە ياكى بىرەر ئاي ئىشلەيدىغان گەپ. سىزنى بىكارغا بىر سائەت خىش تۇشۇپ بەر دېسە توشۇپ بېرەمسىز؟ بوپتۇ، خىش تۇشۇش تەسرەك ئىش دەيلى، ئۈچ كۈن بىكارغا ئەينەك سۈرتۈپ بېرىڭ دېسە قىلامسىز؟

 

3. ئىنتېرنېت شۇنداق تەرەققىي قىلىپ، يېڭى – يېڭى نەرسىلەر چىقىپ تۇرىدۇ، پروگراممېرلارمۇ ئىشسىز قالماسلىق ئۈچۈن بىكار ۋاقتىدا توختىماي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرمىشىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن 1. نومۇر بىلەن 2. نومۇرلۇق چىقىملارنى قېيىن ئۇكىسى ئۆتەپ قويالمايدۇ ئەمەسمۇ…

پروگراممېر بولسىڭىز ھەقسىز\ئەرزانغا ئەپ ياسىماڭ!

Mobile-Apps-Jacksonville-C7-Creative-904-993-0301

ھەر قانداق كەسىپنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ۋە مۇلازىمەت باھاسى بولىدۇ؛ بىر زەرگەر ھەرگىزمۇ ئالتۇنىنى زىيانغا ساتمايدۇ؛ بىر ناۋاي نېنىنى ھەرگىز بىكارغا بەرمەيدۇ، گىرىمچى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىشلەتكەن ماتىرىياللىرىنىڭ چىقىمىنى بولسىمۇ تىرىلدۈرۈۋالمىسا گىرىم قىلمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىرەر ساتىراشخانىغا بېرىپ بىكارغا چاچ ياساپ قۇيامسىز دەپ بېقىڭ. سودىگەرلەرمۇ تىجارەت قىلسا خېرىدار تالىشىپ باھا چۈشۈرۈشى مۇمكىن، ئەمما ھەر قانچە چۈشۈرسىمۇ ئۆزلىرىگە زىيان چىقمىغۇدەك دەرىجىدە قىلىدۇ.

 

ناۋادا سىز ئازراقلا كىرىمنى دەپ ۋە ياكى بىكار تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن، بوپتۇلا، خېرىدارنىڭمۇ بىرىدىغىنى مۇشۇنچىلىككەن دەپ ئەسلى ئەڭ ئاز 15 مىڭغا پۈتىدىغان ئەپنى بىر ئىككى مىڭغا قىلىپ بەرسىڭىز زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز. بىكارغا ياساپ بەرسىڭىز بولدى بىر جەھەتتىن كەسپىي ئەخلاقىڭىزنى يوقاتقان، يەنە بىر جەھەتتىن خەققە مەدىكار بولدىڭىز دېگەن گەپ. بىر قېتىم ئەرزان ئىشلەپ كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى خېرىدارلىرىڭىزغا ئوخشاش خېرىدارلار، كۇرسىڭىزنى بىر قېتىم چۈشۈردىڭىزمۇ قايتا تىكلىشىڭىز ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاسنى ئۆلتۈرۈشىدىنمۇ بىر تەس. بۇنداق جاپا تارتقاندىن، خېرىدارغا باھانى ياخشى قۇيۇڭ، پۈتۈشكەندىن كېيىن ئەپنى ياخشى پۈتتۈرۈپ بېرىڭ، خېرىدارنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ رازى قىلىڭ. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇڭ.

خېرىدار بولسىڭىز پروگراممېر بىلەن باھا تالاشماڭ، ھەقلىق ئەپ بولسا سېتىۋېلىڭ

imageC

بەلكىم، سىز بىرەر ئەپ ياكى تور بېكەتنى بىرە كويغا، بەك بولسا بىرە يۈز كويغا پۈتىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭلاشقا پروگراممېرنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسى ئالامەت قىممەت تۇيۇلغان بولۇشى ياكى ھەقلىق ئەپلەر «گۆشدىن قىممەت» تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ سىزنىڭ پروگراممىرلىق ساھەسىنى شۇنداقلا بازار ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ خالاس.

 

بىر زامانلارنىڭ ئالدىدا لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر دوستىمىزنىڭ چەمبىرەكتە «ئېلانغا كۆزنى يۇمۇپلا پالانى پۇل خەجلەپ، شىركەتنىڭ ئوبرازى بولغان بىر ماركا لايىھەسىگە بولسا نەچچە مىڭ خەجلەشكە چىدىمايدۇ» دەپ يازغانلىقى ئېسىمدە. ئەمەلىيەتتە، ئۇ شىركەتلەر ئېلانچىلىق شىركەتلىرى بىلەن كۆپ ھەپىلىشىدىغان بولغاچقا ئۇ ساھەنىڭ باھاسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئەمما لايىھە ساھەسىنى بولسا بىلمەيدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئەرزان ھېسابلىنىدىغان بىر نەچچە مىڭلىق لايىھەلەر ئۇلارغا قىممەت تۇيۇلغان بولۇشى ئېنىق.

 

شۇ تاپتا، دىيارىمىزدا ئەپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر كۆپ، خېرىدار ئاز،  سەيياھ پروگراممېرلار ساماندەك، رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە سىز ئىزدەۋاتقان شىركەت\شەخىسلەر سىزگە باھانى ئىنچىكە ھېسابلاپ، ئۆزلىرى قوبۇل قىلالايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكتە، ھەتتا زىيان چىقىدىغان ھالدا تۇرۇقلۇق بەرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىز باھانى 50% چۈشۈرۈشكە، ھەتتا بىكارغا قىلىپ بېرىشكە ئۇرۇنسىڭىز، مۇشۇ ئىشنى قەشقەرگە بېرىپ تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

 

ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىشقا كەلسەك، 5000 سوملۇق تېلىفون ئالالىغان يەردە 5 كوي پارچە پۇلىڭىز يوقمۇ ئەمەس. پەقەت ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىپ كۆنۈپ باقمىدىڭىز خالاس، شۇڭا سىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، سېتىۋالماسلىق ھەتتا سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز. بىزنىڭ ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دېيىش ھەققىمىزمۇ يوق. ئەمەلىيەتتە، ئەپ بازىرىدىكى ئۇيغۇرچە ھەقلىق ئەپلەر ئىنتايىن ئەرزان بولۇپ، شاپاق نەرقىدە دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز سېتىۋالغان ئاشۇ 5 كويلۇق ئەپ بىلەن باي بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىمىزمۇ خۇدا ھەققى راست. پەقەت، سىز سېتىۋالغان ئاشۇ ھەقلىق ئەپلەرنىڭ پروگراممېرغا بەرگەن مەدىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، نەدىن بىلىسىز، بۇ قوللىشىڭىز بىلەن پروگراممېرلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ سەرخىل ئەپلەرنى ياساپ كېتەمدۇ تېخى. خۇددى مەلۇم ئۈندىدار سالونىدىكى شۇئار بۇيىچە: يوللاش بىزدىن، قوللاش سىزدىن!…

گەپنى قىسقارتساق:
شۇنداقتىمۇ، ۋاقتىنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاتايىن دەسمايى سېلىپ ھەقسىز ئەپ ياساۋاتقانلار بولسا، ئۇلارغا ئىھتىرام بىلدۈرۈپ قۇيۇڭ. ناۋادا، ھەقلىق ئەپ چىقارغان بولسا، سېتىۋالمىسىڭىزمۇ ھەقسىز قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازماڭ. ئۇيغۇر پروگراممىرلىرىنىڭ بىكالىق ئەپ ياساپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. قۇربىتىڭىز يەتسە، ھەقلىق ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى سېتىۋېلىپ شۇنچىلىك چەكلىك شارائىتتىمۇ تىركىشىۋاتقان پروگراممىرلىرىمىزنى قوللاپ بېرىڭ. قونجۇمدىن تۆكۈلسە قوينۇمغا ئەمەسمۇ؟…
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. يازمام ياققان بولسا، بەگنى تارتۇقلىسىڭىز بولىدۇ.

The post ھەقسىز ياكى ئەرزانغا ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟ appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/heqsiz-yaki-erzangha-ep-yasap-sarangmu-biz/feed/ 21
پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم https://uyghur.blog/programma-tuzushni-oginish-dawamidiki-5-tuyghum/ https://uyghur.blog/programma-tuzushni-oginish-dawamidiki-5-tuyghum/#comments Mon, 04 May 2015 18:54:51 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=5702 بەلكىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭلاردەك، بىر نەچچە ئايدىن بىرى مېنىڭ توردىكى ۋە بلوگدىكى ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنلەپ، سەپرايىم ئۆرلەپ، گەپلىرىم قالايمىقانلىشىپ دېگەندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇربەگ» ۋە...

The post پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم - ئۇيغۇربەگ بلوگى

بەلكىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭلاردەك، بىر نەچچە ئايدىن بىرى مېنىڭ توردىكى ۋە بلوگدىكى ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنلەپ، سەپرايىم ئۆرلەپ، گەپلىرىم قالايمىقانلىشىپ دېگەندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇربەگ» ۋە «ئەپچىلەم» دېگەن ئىككى ئەپ ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالدى.  مەن سىلەرنى ئۆز كۆرگەچكە، ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان FBIنىڭ مەخپىيەتلىكىدىن بىرنى ئاشكارلاپ ئۆتۈۋېتەي، مەنمۇ ھازىر iOS پروگراممىلىرى ئېچىشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن…

شۇنداق، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ بىلمەي ئەمەس، مەقسەتلىك ھالدا iOS پروگراممىسى ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. باشتا بۇ مەقسەت قىزىقىشدىن چىققان بولسا، كېيىنرەك جەمئىيەتتىكى ئاچچىق رىئاللىقلاردىن ئالغان كەچۈرمىشلىرىمدىن چىقارغان قارارىمدىن مەنبەلەندى. نىھايەت، بۇ يولغا چىققاندىن كېيىن باشلاپ ئالتە ئايدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم، ئەمما، ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا سوقۇلۇپ يۈرۈپ، قىلغان نەرسەم ئىككى تال ئەپ بولدى. لېكىن شۇنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۇ جەرياندا مەن يەنە مۇنداق قىممەتلىك بەش تۇيغۇغا ئېرىشتىم. بەلكىم، پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەن باشقا ئەزىمەتلەرگە مەزكۇر يازما ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بىرەلىسە ئەجەپ ئەمەس.

1. ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى يەنىلا ئۆزىڭىز

o-TEACHER-FOR-AMERICA-facebook_

نۇرغۇنلىرىمىزغا ئورتاق مۇنداق بىر ئىش بار، يەنى پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا بىر پىشقان ۋە تەجرىبىلىك پروگراممېرنىڭ بىزنى يىتەكلەپ مېڭىشىنى، بولسا «كاللىسىدىكى ئۇماچنى بىزنىڭ كاللىمىزغا قۇيۇپ قۇيۇشىنى» ئۈمىد قىلىمىز. شەخسەن مەنمۇ iOS پروگراممىرلىقىنى يېڭى باشلىغاندا، مەن بىلىدىغان پروگراممىرلارنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن تەكلىپ سوراپ، بىلمىگەن نەرسىلىرىمنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ يۈرگەن. كېيىن، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشىنىڭ بارلىقىنى، بەزىدە ياردەم لازىم بولغاندا بىزگە شۇ ھامان جاۋاب بىرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈم شۇ يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىشقا تىرىشتىم.

گەرچە، يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش جەريانى يېڭى باشلىغانلىقىم ئۈچۈن سەل كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ چىقتىم ۋە ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. بۇ جەرياندا، چىقمىغان تور بېكەت، بارمىغان بلوگ قالمىدى. لېكىن شۇ مۇشەققەتلىك جەرياندا مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش، يېڭى ئۇچۇرلارنى قانداق قوبۇل قىلىش ھەققىدە شۇنداق ئېسىل ساۋاققا ئىگە بولدۇمكى، ئەسلى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۆزىمىز ئىكەنمىز. يەنى، يولۇققان مەسىلىلىرىمىزنى باشقىلار ھەل قىلىپ بەرگەندىن، ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەپ ھەل قىلىشقا ئىزدىنىدىغان بولساق، شۇ ئىزدىنىش جەريانىمىزنىڭ ئەسلى ئىنتايىن قىممەت بىر ئۆگىنىش جەريانى بولىدىكەن. شۇنداقلا، بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەجرىبە توپلايدىكەنمىز.

2. سىزمۇ پروگراممېر بولۇشقا ماس كېلىسىز

ComputerProgrammer_program-page-graphics-700x275_ iOS پروگراممىرلىقىنى باشلايمەن دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا بۇ ئويۇمنى بىر قانچە دوستلارغا ئېيتتىم. ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىرىڭلار بىلگىنىڭلاردەك، مەن تەبىئىي پەنچىمۇ ئەمەس، ھەمدە بەكرەك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە كۈچلۈكرەك ئاساسىم بار. ئاكىلىرىممۇ مېنىڭ ئەسلى يۇرتقا قايتىپ، ئىجتىمائىي پەندە، يەنى ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە خىزمەت قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان ئىدى. لېكىن رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چىقىپ قالغان iOS پروگراممىرى بولىمەن دېگەن گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزى دوستلىرىم ماڭا دوستانە تەكلىپ بېرىشتى ۋە « سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيتىڭىز » دېيىشكەن ئىدى. گەرچە، بۇ گەپكە مەنمۇ ئۆزۈم قوشۇلغان بولساممۇ، ئەمما، بىر ئىشقا قىزىقسام ئوتتەك كىرىشىپ كېتىدىغان ئەسكى خۇيۇمنىڭ تەسىرىدە، بەل قويۇۋەتكۈم كەلمىدى ۋە «تۈركچەم» پۈتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ مۇستەقىل ھالدا پروگرامما تۈزەلەيدىغانلىقىمغا چىن پۈتتۈم.

ئەسلى، پروگراممېر بولۇش ئۇنچىۋالا رىۋايەت تۈسى ئالغان ئىشمۇ ئەمەسكەن. مەن بۇ جەرياندا كېلىپ چىقىشى ئىجتىمائىي پەندىن بولغان پروگراممىرلارنى، چەتئەل تىلى بىلمەي تۇرۇقلۇق، ئۆزى ئىزدىنىپ كامالەتكە يەتكەن نەۋقىرانلارنىمۇ ئۇچراتتىم. پروگراممېر بولۇش ھەققىدە ئىككىلىنىۋاتقان ياشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەسلى سىزمۇ پروگراممېر بولۇشقا ماس كېلىسىز. مەندەك  HTML تىلىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرىنىڭ ئالدىدا سىز ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ.

3. ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق

_65998940_100424217_ پروگرامما تۈزۈشنى باشلاشنىڭ ئالدىدا، ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ پروگراممېر قوبۇل قىلىش ئېلانىغا دىققىتىمنى ئاغدۇرۇپ قوياتتىم. مەيلى ئۇيغۇر ياكى خەنسۇ ۋە شىركەتلىرى بولسۇن، پروگراممېرلارغا بولغان تەلەپتە مەلۇم پروگرامما تىلىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى تەلەپ قىلىناتتى. مەن ئۇ چاغلاردا بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ تەلىپى « سەل ئەقىلگە سىغمايدىغان تەلەپكەن» دەپ ئويلىغان ئىدىم.

كېيىن، مەن «ئەپچىلەم » ناملىق ئەپنى ئېچىش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرگەن ۋاقىتتا شۇنداق بىر ئەھۋالن بايقىدىمكى، نۇرغۇن قىممەتلىك دەرسلىكلەر، ماتىرىياللار، ئىزاھاتلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزچە بولىدىكەن ۋە ياكى ئىنگىلىزچە بىكەتلەردىن تاپقىلى بولىدىكەن. خەنچە ۋە ياكى تۈركچە مەنبەلەردىن تېپىلغان مەزمۇنلار ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنگىلىزچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش توغرا كېلىدىكەن. پروگراممېر بولماقچى بولغان ناۋادا سىز ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ بەلكى يەنىلا ياخشى پروگراممېر بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما، ئىنگىلىزچە بىلسىڭىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۈرئىتىڭىز ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەتراپىمىزغا باققىنىمىزدا ياخشى پروگراممېرلارنىڭ ئاساسەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرىمىز. يەنى، ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ يەنىلا ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ.

4. پروگراممېر بولۇش – بارسا كەلمەس يول ئەمەس

signs-not-to-be-a-programmer-miserable_ پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمدا يۈرگەندە، مەن بىلىدىغان پروگراممېر دوستلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش جەريانىغا تولىمۇ قىزىقاتتىم. تورلاردىنمۇ پروگراممېرلارنىڭ پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ۋە ياكى شۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى تېپىپ ئوقۇيتۇم. بولۇپمۇ، مەندەك ئوقۇتقۇچىسىز قالغان، پەقەتلا ئۆزىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان ھەۋەسكار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يولغا كىرىش – خۇددى بارسا كەلمەس يولدەك، كىرسە چىقماس ھاڭدەك تۇيغۇ بىرەتتى.

ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىشنى باشلاپ ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ئالمىغان كىتاب، ئالمىغان دەرسلىك قالمىدى. لېكىن بىر دەرسلىكنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىدىم. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن كۆرۈپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشدىن باشقا ئىش قىلمىدىم. كېيىن دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بۇيىچە، بىر كىتابنى تۈگىتىپ چىقىشقا تىرىشتىم ۋە باشقا بىر دەرسلىكنى كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇنىڭغىمۇ ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئۈچ ئايدا مەن خۇددى بىر نەرسە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. دوستلارنىڭ «سىز پروگراممېر بولۇشقا ماس كەلمەيسىز» دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم. چۈشكۈنلۈشۈپ بەل قۇيۇۋېتىشكە ئاران – ئاران تۇردۇم، لېكىن پۇشقىقىمدىن يەل بىرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ سەۋەبىدىن بەل قويۇۋەتمىدىم.

ئاخىرى كىتابمۇ تۈگىدى، دەرسلىكمۇ تۈگىدى، كاللامغا ئانچە-مۇنچە ئۇقۇملارنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، بىر ئەپنى ئاچقان ھامان شۇ ئەپلەرنىڭ قايسى – قايسى تېخنىكىلارنى قوللانغانلىقىنى چۈشەنگىدەك بولغانلىقىمنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ئاينىڭ بىكارغا ئۆتمىگەنلىكىگە ئىشەندىم. بولۇپمۇ، «ئەپچىلەم»نى 10 كۈندەك ۋاقىتتا پۈتتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بۇ مەزگىللەردە بىكار يۈرمىگەنلىكىمگە تېخىمۇ چىن پۈتتۈم.

كېيىن باشقىلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ھېس قىلدىمكى، يېڭى باشلىغاندا ئۈنۈم كۆرۈشكە ئالدىراش نۇرغۇن ھەۋەسكارلاردا بولىدىغان ئىشكەن. پروگراممېرلىق – بىلىم بىلەن تەڭ، تەجرىبىگە ھەم بەكرەك مۇھتاج بىر كەسىپ بولغاچقا، ئۆگەنگۈچىلەردىن ئاساسىي بىلىملەر بىلەن تەڭ، قول تىقىپ تەجرىبە توپلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ناۋادا، باشلىغاندا ھېچنېمە يۇقمىغاندەك تۇيغۇدا بولغان بولسىڭىز ئەنسىرىمەڭ، كۆپرەك كود يېزىپ بېرىڭ، كۆپرەك باشقىلارنىڭ يازغان نەرسىسىنى قايتىلاپ بېرىڭ، كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ بېرىڭ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يولىڭىزنىڭ ئېچىلىپ ماڭغانلىقىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ قالىسىز.

5. ياخشى ماتېرىيال – ياخشى باشلىنىش

books3-980x360_پروگراممېر بولۇش ئارزۇيىدا يۈرگەنلەرنىڭ نۇرغۇنىدا ياخشىراق بىر ماتېرىيال تېپىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. شەخسەن مەن پروگراممېر بولۇش ئارزۇيۇمنى باشلىغاندا، قايسى ماتېرىيالنى كۆرۈشنى، قايسى دەرسلىكنى تىڭشاشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن كىتابلارنى ئېلىۋەردىم. ياخشىراق تۇيۇلغان دەرسلىكلەرنى سېتىۋالدىم. لېكىن ئۆگىنىش داۋامىدا ھېس قىلدىمكى، سېتىۋالغان كىتاب ۋە ياكى دەرسلىكلەرنىڭ بەزىلىرى ماڭا ماس كەلمىدى، بەزىلىرى بەك ئاددى بولسا، بەزىلىرى بەك مۇرەككەپ دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بەردى. قاراپ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى بىر ئاينى ماتېرىيال تاللاش بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋەتتىم.

كېيىن، بىر قانچە دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىر نوپۇزلۇق نەشىرىياتنىڭ Ojcective C ھەققىدىكى بىر كىتاب ۋە iOS پروگرامما ئېچىش ھەققىدىكى باشقا بىر كىتابىنى سېتىۋالدىم. ئاندىن، خەنچە بىر بېكەتنىڭ دەرسلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشكە باشلىدىم. بۇ ماتىرىياللارنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەنلەر ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيالنىڭ بولۇشى ياخشى باشلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا، پروگراممېر بولۇش ئارزۇسى بار ياشلارغا تەۋسىيەرىم، ئىشنىڭ بېشىنى ئۆگەنمەكچى بولغان تىلىڭىزغا ئائىت نوپۇزلۇق كىتابلارنى تېپىپ كۆرۈشتىن باشلاڭ.

ئاخىرقى سۆز

ئەلۋەتتە، مەن تېخى ئۆزۈمنى پروگراممېر بولدۇم دەپ ئويلىمايمەن، ئالدىمدا باسىدىغان يولۇمنىڭ كۆپلىكى ئۆزۈمگە ئايان. مەزكۇر يازمىمۇ، مېنىڭ مۇشۇ ئالتە ئايلىق ئۆگىنىش جەريانىمدا ئېرىشكەن كىچىككىنە تۇيغۇلىرىم بولۇپ، ئاللاھ خالىسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى داۋاملىق ئورتاقلىشىپ تۇرغۇسىمەن.

مەزكۇر يازما تامامەن ئىجادىيدۇر. رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.

The post پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/programma-tuzushni-oginish-dawamidiki-5-tuyghum/feed/ 34
ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچى ئەزىمەتلەر ئۈچۈن يەتتە تەۋسىيە بېكەت https://uyghur.blog/ozlukidin-ogenguchi-ezimetler-uchun-yette-tewsiye-beket/ https://uyghur.blog/ozlukidin-ogenguchi-ezimetler-uchun-yette-tewsiye-beket/#comments Sun, 01 Feb 2015 22:25:42 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=5509 ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ...

The post ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچى ئەزىمەتلەر ئۈچۈن يەتتە تەۋسىيە بېكەت appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
treehous

ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ ھەمدە مۇھىتلار ھازىرلىنىپ، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشدەك قولاي شارائىتلار تەييارلاندى، قىسقىسى مەنمۇ ئۆزلۈكىمدىن iOS ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەن(ماۋۇ يېڭىلىق ھەققىدە پات يېقىندا يوللىنىدىغان «ئۇيغۇربەگنىڭ iOS پروگراممېرلىقى چۈشى» ناملىق يازمىدا تەپسىلىي توختالغۇسىمەن) ۋاقتىمدىن بىرى، بۇ تور بېكەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم. نۆۋەتتە، مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە تور دەرسخانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

1. udemy تور دەرسخانىسى

udemy

ئادرېسى: https://www.udemy.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش:  udemy تور دەرسخانىسى ھازىر مەن بىلىدىغان تور دەرسخانىلىرى ئىچىدە، يېڭىلىشچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تور دەرسخانىسى بولۇپ، دەرس تۈرلىرى ھەر خىل تېمىلارغا چېتىلغان، دەرسلىكلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى ھەقلىق بولۇپ، udemyگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز خالىغان ياكى ياقتۇرغان دەرسلىكلەرنى سېتىۋېلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. دەرسلىكلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان ئەمەس، ئەمما پات-پات تىزلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، مەنمۇ يېقىندا iOS 7  ۋە iOS 8 سۇپىسىدا پروگرامما تۈزۈش دەرسلىكلىرىنى 70 كويدىن سېتىۋالدىم(ئەسلى باھاسى 1400 كويغا يېقىنلىشىدۇ). سېتىۋالغان دەرسلىكلىرىڭىزنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىمۇ سېتىۋالغان دەرسلىكلىرىڭىزنى بىمالال كۆرۈش مەقسىدىڭىزگە يىتەلەيسىز.

udemy تور دەرسخانىسىنىڭ شۇئارى:   ئۆزىڭىزنىڭ ئاكادىمىيىسى!

2. lynda تور دەرسخانىسى

lynda1

ئادرېسى: http://www.lynda.com/default.aspx

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش:  بىلىشىمچە، lynda تور دەرسخانىسى تور دەرسخانىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ مۆتىۋەر تور دەرسخانىسىدۇر. lynda تور دەرسخانىسىنىڭ فوتوگرافچىلىق، لايىھە، پروگراممېرلىق جەھەتتە ئىشلىگەن نۇرغۇن نوپۇزلۇق دەرسلىرىنىڭ بارلىقىنى خەنزۇچە بېكەتلەردىن كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. دېمىسىمۇ تاۋباۋدا مەزكۇر دەرسخانىنىڭ دەرسلىرى ئېقىپ يۈرمەكتە. بىلىشىمچە، مەزكۇر دەرسخانىدا دەرس ئۆتۈدىغان كىشىلەر lynda شىركىتى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان، ئۆزىنىڭ ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولغان كىشىلەردۇر، دەرسلىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تەييارلايدىغان بولۇپ، ئىنگىلىزچىسى راۋان ئەمەسلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىنگىلىزچە خەت قوشقان ئىكەن، ھاجىتى بارلار دەرسلىكلەرنى كۆرۈش داۋامىدا ئىنگىلىزچە خېتىنى تاللاپ كۆرەلەيدىكەن. lynda تور دەرسخانىسى ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئايلىق، مەۋسۈملۈك ياكى يىللىق ئەزا بولالايسىزكەن، ئەزالىق مۆھلىتى ئىچىدە ئۆزىڭىز خالىغان دەرسلىككە قېتىلىپ، ئۆزىڭىز خالىغان دەرسلىكنى كۆرۈپ چىقالايسىزكەن. بىلىشىمچە، دەرسلىكلەرنىمۇ چۈشۈرۈپ ئالالايسىز.

udemy تور دەرسخانىسىنىڭ شۇئارى:  يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، ھازىردىن باشلاڭ!

3.  Treehouse تور دەرسخانىسى

Treehouse-review

ئادرېسى: http://teamtreehouse.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: Treehouse تور دەرسخانىسى توربەت ياسىغۇچىلار، پروگرامما تۈزگۈچىلەر، كۆچمە ئەپ ئاچقۇچىلار ئۈچۈن تەۋسىيە تور دەرسخانىسى بولۇپ، مەزكۇر تور دەرسخانىسى نۇرغۇن يېڭى ۋە ئۆزگىچە تېخنىكىلار ھەمدە ئەمەلىي مەشىق ئارقىلىق، يېڭىدىن پروگراممېرلىقنى باشلىغان نۇرغۇنلىغان بۇغۇنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن. تورلاردىكى باھالارغا قارىسام، پروگراممېرلىقدىن ئازراق ساۋادى بار كىشىلەر ئۈچۈن مەزكۇر تور دەرسخانىدىكى دەرسلىكلەر ئىنتايىن مەنپەئەت بەرگەن. Treehouse تور دەرسخانىسىغا يېڭى تىزىملاتقانلار ئۈچۈن ھەپتىلىك سىناق دەرس ئاڭلاش ۋاقتى بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەقلىق ئەزا بولۇپ باشقا ياكى تاللىغان دەرسلىكلەرنى ئاڭلىسا بولىدىكەن.

4. ۋاڭيى ئوچۇق دەرسلىرى

comneteasevopen-36-b-512x250

ئادرېسى: http://open.163.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش:  ۋاڭيى ئوچۇق دەرسلىرى تېد(Ted) پاراڭلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەر تارقاتقان ئوچۇق دەرسلەرنى ئاساس قىلغان تور دەرسخانىسى بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئوچۇق دەرسلىرى ئەڭ تولۇق ھەمدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئوچۇق دەرس دەرسخانىسىدۇر. مەزكۇر تور دەرسخانىسىدىكى ئوچۇق دەرسلەر پەلسەپە، پىسخولوگىيە، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، كومپىيۇتېر…دېگەندەك ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، دەرسلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئامېرىكىدى نوپۇزلۇق ئالى بىلىم يۇرتلىرى تارقاتقان بولغاچقا، بىلىم قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ياخشىدۇر. ئەڭ مۇھىمى، ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغان كىشىلىمىز ئۈچۈن بۇ دەرسخانىدىكى ئوچۇق دەرسلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە خەنزۇچە خەت سەپلەنگەن. مەزكۇر تور دەرسخانىدىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىزدۇر، شۇنداقلا ئەزا بولماي تۇرۇپمۇ دەرسلەرنى بىۋاستە كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئوخشاش ئەندىزىدىكى تور دەرسخانىسىدىن يەنە «سىنا ئوچۇق دەرسلىرى»(新浪公开课)باردۇر.

5. ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسى

Cg-4WFRXeImIFgLsAACvoIaCN5cAAQ14gEB2iIAAK-4137_副本

ئادرېسى: http://study.163.com/

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسى مەيلى قۇرۇلما ۋە ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن، «udemy تور دەرسخانىسى» ئەندىزىسىنى دورىغان بولۇپ، ئوخشىمايدىغان بىر يىرى، ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسىغا جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىر قىسىم كەسىپلەرگە ئالاقىدار مەخسۇس دەرسلىرىنى قويغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپدە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن قېرىنداشلار مەزكۇر دەرسخانىدىكى دەرسلەر ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپدىكى دەرسلەرگە تەڭداش كېلىدىغان دەرسلەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. مەزكۇر دەرسخانىدىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا بولۇپ، يېڭىلىشىمۇ خېلى تىز.

6. تېد پاراڭلىرى

9913566_orig

ئادرېسى: http://www.ted.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: تېد بولسا تارقىتىشقا ئەرزىيدىغان ئىدىيىلەرنىڭ بىر يېڭىچە سەھنىسى بولۇپ،ھېچقانداق مەنپەئەتسىز يېڭىچە ئىدىيىلەرنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق ئورگان ھېسابلىنىدۇ.تېد لېكسىيىلىرى ئادەتتەۋاقتى قىسقا،ئىخچام،جانلىق ۋە ئۆتكۈر تىل بىلەن سۆزلىنىدۇ.تېد لېكسىيىلىرى 1984-يىلى بىر يىغىن شەكلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،پەن-تېخنىكا،كۆڭۈل ئېچىش ۋە لايىھەلەشنى بىر گەۋدە قىلغان بولسا،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بارلىق تېمىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن–ئىلىم-پەن،سودا-ئالاقىدىن تارتىپ خەلقئارالىق مەسىلىلەرگىچە 100دىن ئارتۇق تىللاردا تەرجىمە قىلىنىپ ۋە سۆزلىنىپ كەلمەكتە.ئۇنىڭدىن باشقا،ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان TEDx پائالىيەتلىرى يېڭىچە ئىدىيىلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە(مەزكۇر ئابزاس ئۇيغۇر تېد پاراڭلىرى تورىدىن ئېلىندى).

تېد ئورگان بېتىدىكى پاراڭلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، تىزىملىتىش ياكى ئەزا بولۇش كەتمەيدۇ. مەزكۇر پاراڭلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى يېرىدىكى پىدائىيلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تۇرىدۇ، جۈملىدىن بىر قىسىم پاراڭلارمۇ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان. يېقىندا، بىلىگ تورىنىڭ پىلانلىشى بىلەن، «تېد پاراڭلىرى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بىر تور بېكەت قۇرۇلغان. ئۇشبۇ تور بېكەتنى تۆۋەندىكى ئادرېس ئارقىلى زىيارەت قىلالايسىز: http://www.ugted.com/

7. بىلىگ تور دەرسخانىسى

232307b461f1227023

ئادرېسى: http://bilig.cc/

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: بىلىگ تور دەرسخانىسى – ئۇيغۇر تىلىدىكى بىردىنبىر تور دەرسخانىسى بولۇپ، بۇ تور دەرسخانىنىڭ ئەندىزىسىمۇ « udemy تور دەرسخانىسى» ۋە ياكى «ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسى»لارنىڭ ئەندىزىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، تور بەت تۈزۈش ۋە پروگراممېرلىققا ئائىت دەرسلىكلەر يوللىنىپ، خېلى ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. مەزكۇر دەرسخانا ئىقتىدارلىق ۋە تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى سېپىگە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر تور دەرسخانىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىيلەشكەن بىر سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

 

ئەلۋەتتە، يۇقارقى دەرسخانىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن دەرسخانىلەر مەۋجۇت.  ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا ۋە ئېنتېرنېت تەرەققىي قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى شۇنداق قولايلىقلاشتۇرغان مەزگىلدە، خالىغان يەردە، خالىغان ۋاقىتتا ئۆگۈنۈش قىلىش تامامەن مۇمكىن بىر ئىشقا ئايلاندى. پەقەت، سىز خالىسىڭىزلا…

 

مەزكۇر يازما تامامەن ئىجادىي بولۇپ، مەنبە ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغان يەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.

The post ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچى ئەزىمەتلەر ئۈچۈن يەتتە تەۋسىيە بېكەت appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/ozlukidin-ogenguchi-ezimetler-uchun-yette-tewsiye-beket/feed/ 12
ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى كىم يالماپ كەتتى؟ https://uyghur.blog/uyghur-bloglirining-ziyaretchilirini-kim-yalmap-ketti/ https://uyghur.blog/uyghur-bloglirining-ziyaretchilirini-kim-yalmap-ketti/#comments Mon, 25 Aug 2014 15:00:20 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=5339 خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بىرى، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى، بلوگنى ئېچىپ كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن. بۈگۈن قانداقتۇر ۋاقتىم چىقىپ، بلوگىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بلوگنىڭ زىيارەت...

The post ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى كىم يالماپ كەتتى؟ appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
wechat-guanxi-720x355_副本

خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بىرى، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى، بلوگنى ئېچىپ كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن. بۈگۈن قانداقتۇر ۋاقتىم چىقىپ، بلوگىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بلوگنىڭ زىيارەت كۆرسەتكۈچىسىگە قاراپ، تۇرايىمىزنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن بىر زامانلىرى ئېسىمگە كەلدى. باشقا بلوگداشلار بىلەن پىكىرلىشىشىمچە، بۇ يالغۇز ئۇيغۇربەگ دۇچ كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالماستىن، باشقا نۇرغۇن شەخسىي بلوگلارنىڭ زىيارەت سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولۇپ، ئېنىقكى بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بار ئىدى، بۈگۈنكى بۇ يازمىدا، بلوگلارنىڭ زىيارەتچى سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەققىدىكى بىر قانچە ئويلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈسىمەن…

1-قاراش: بلوگنىڭ زىيارەتچى سانى ئەسلىدىنلا كۆپ ئەمەس

1-قاراش: بلوگنىڭ زىيارەتچى سانى ئەسلىدىنلا كۆپ ئەمەس

نەچچە يىلدىن بىرى، بلوگچىلىققا قىزىقىپ، بلوگ يېزىپ كېلىۋاتقان ئەزىزلەرگە ئايانكى، كۆپلىگەن بلوگلارنىڭ زىيارەتچى سانى ئەسلىدىنلا كۆپ ئەمەس ئىدى، گەرچە زىيارەتچى سانى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بىر قىسىم بلوگلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، زىيارەتچى سانى كۆرۈنەرلىك بولمىغان بلوگلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن. گەرچە، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىمىز ۋە باشقا بلوگداشلار مۇشۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن بولساقمۇ، بىر  يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيالماسلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭمۇ زىيارەتچىلىرىمىزنى ئاشۇرالمىدۇق. ئېنىقكى، «بلوگ»دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم بىزدە پەقەت تور بىلەن كۆپرەك ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر ئارىسىدىلا ساقلىنىپ قالغان تار مەنىلىك بىر چۈشەنچە بولۇپ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلار يەنىلا ئاشۇ بىر قىسىم جاپاكەش بلوگداشلاردىن ھالقىپ كېتەلمىدى. نەتىجىدە، بلوگداشلار قوشۇنى كۆپەيمەكتە يوق ئازلاشقا، بلوگلار ئۇنىۋېرساللىشىشقا ئەمەس، كەسپىيلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىپ كەلمەكتە. كەسپىيلىشىش بولسا بلوگنىڭ زىيارەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى چەكلەپ قويىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەپسۇسكى، بىز بۇ يۈزلىنىشىشدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدۇق…

2-قاراش: ئېنتېرنېتنىڭ كۆچمەلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى

2-قاراش: ئېنتېرنېتنىڭ كۆچمەلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى

ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى كومپىيۇتېردىن ئىبارەت مۇقىم ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئېنتېرنېت يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە، بىز بىلىپ-بىلمەيلا كۆچمەلىشىش قەدىمىنى تاماملاپ بولدى. دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم قىسمىنى ئىگىللىگەن ئۇچۇر تېخنىكىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆچمە ئالاقە يۈزلىنىشىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەقلىي تېلىفون ۋە پەد كومپىيۇتېر(تاختا كومپىيۇتېر) دېگەندەك يۆتكەپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئېنتېرنېت قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان يېڭى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىمۇ بارلىققا كېلىپ، بىزنىمۇ مۇشۇ يۈزلىنىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئەلۋەتتە، ئەزەلدىنلا كۈچلۈك زىيارەتچى قۇشۇنىغا ئىگە بولمىغان ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە يامان ئەمەس ئۇچرىدى.ھالبۇكى، نۇرغۇن بلوگداشلار بۇ يۈزلىنىشىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇپ يېتەلمىدى ياكى تولىمۇ كېچىكىپ تونۇشقا باشلىدى. بىلىشىمچە، نۇرغۇن بلوگلارنىڭ تېلىپۇن نۇسخىسى ياكى پەد نۇسخسى ياسالمىغان بولۇپ، ھازىر كۆچمە ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ تورغا چىقىشقا كۆنۈشكە باشلىغان نۇرغۇن زىيارەتچىلەر ئۈچۈن، بۇنداق بلوگلار مۇناسىپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

3-قاراش: بلوگلارنى يۈتۈپ كەتكەن يالماۋۇز – ئۈندىدار

3-قاراش: بلوگلارنى يۈتۈپ كەتكەن يالماۋۇز – ئۈندىدار

بىلگىنىمىزدەك، باشتا ۋېيشىن، كېيىن ئۈندىدار دەپ ئۇمۇملاشقان ئالاقە ۋاستىسى تۇرمۇشىمىزنى بىراقلا ئۆزگەرتىۋەتتى، نۇرغۇنلىرىمىز بىلىپ-بىلمەي ئۈندىدارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، بوش ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈندىداردىكى سۆھبەتتە، دوستلار چەمبىرىدىكى ئەبجەش يازمىلاردا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئارقىمۇ-ئارقا مەيدانغا كەلگەن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ھەر تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق، كىشىلەرنى ئۆزىگە قارام قىلىپ، بلوگلارنىڭ زىيارەت يولىنى توسۇپ قويماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم نۇمۇسسىز سۇپىلار يوللايدىغان مەزمۇنلارنى جاپاكەش بلوگداشلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىۋاستە ئېلىپلا، بلوگداشلارنىڭ ئەمگىكىنى يوق قىلماقتا. قىسقىسى، ئۈندىدار مەيلى بلوگلارنى بولسۇن، مەيلى تور بېكەتلەرنى بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ زىيارەتچىلىرىنى «يالماپ يۇتۇۋاتقان يالماۋۇز»غا ئايلاندى.

ئاخىرقى سۆز

خوش، زىيارەتچىلىرىمىز يوق بولدى دەپ بلوگنى تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، بلوگداشلارنىڭ ئۆزلىرى ئاكتىپ بولۇپ، مۇناسىپ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى كېرەك ئەلۋەتتە. مېنىڭ قارىشىمچە، بلوگداشلار كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولىنى بوش قارىماسلىقى، بلوگ ئۇسلۇبىنى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى، بولسا iOS، Android قاتارلىق سېستىمىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئەپ ياساپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايات كۈچىنى ئاشۇرۇشى لازىم. ئەلۋەتتە، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشمۇ ئاقىلانە تاللاشنىڭ بىرىدۇر…

The post ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى كىم يالماپ كەتتى؟ appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/uyghur-bloglirining-ziyaretchilirini-kim-yalmap-ketti/feed/ 53