Notice: Function _load_textdomain_just_in_time was called incorrectly. Translation loading for the acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Notice: add_theme_support( 'html5' ) فونكسىيە خاتا چاقىرىلغان. سىز يەتكۈزمەكچى بولغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ تىپى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلانى Wordpress دە خاتالىق تېپىش دىن كۆرۈڭ. (بۇ تېكىست 3.6.1 نەشرىدە قوشۇلغان.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Warning: session_start(): Cannot start session when headers already sent in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-content/plugins/wp-uighur-uls/wp-uighur-uls.php on line 20

Warning: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php:6121) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/feed-rss2.php on line 8
تېخنىكىلىق بىلىملەر Archives - ئۇيغۇر بلوگى https://uyghur.blog/category/texnikiliq-bilimler/ نېمە يېزىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن Fri, 28 Feb 2020 21:11:34 +0000 ug-CN hourly 1 https://wordpress.org/?v=6.8.6 گۇگېل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش https://uyghur.blog/gugel-terjimani-arqiliq-uyghurche-beketlerni-bashqa-tillargha-terjime-qilish/ https://uyghur.blog/gugel-terjimani-arqiliq-uyghurche-beketlerni-bashqa-tillargha-terjime-qilish/#comments Fri, 28 Feb 2020 21:11:34 +0000 https://www.uyghur.blog/?p=7362 تىشلىقمۇ كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ بلوگىمغا بىر نەرسە يوللاپ باقمىغىلى. بىلگىنىڭلاردەك ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلدى. قىززىقچى تورداشلار گۇگېل تەرجىمانىغا بىزمۇ ئاران چۈشۈنۈدىغان قوشاق–چاقچاق، ماقال–تەمسىللەرنى...

The post گۇگېل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

تىشلىقمۇ كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ بلوگىمغا بىر نەرسە يوللاپ باقمىغىلى. بىلگىنىڭلاردەك ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلدى. قىززىقچى تورداشلار گۇگېل تەرجىمانىغا بىزمۇ ئاران چۈشۈنۈدىغان قوشاقچاقچاق، ماقالتەمسىللەرنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، گۇگېل تەرجىمانىنىڭ بىڭسىنى سىناپمۇ كۆرۈشتى. ئەلۋەتتە، كەمىنەمۇ بىر قانچە شېئىرلىرىمنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقتىم، تەرجىمە سۈپىتى يامان ئەمەس چىقتى.

ئەلۋەتتە، ماشىنا تەرجىمە بولغان ئىكەن، تەرجىمە بىر قەدەر تۈز ۋە ئۆلۈك چىقىدۇ، مۇرەككەپ جۈملە، كەسپىي ئاتالغۇلار، كىچىك تىللارنىڭ تەرجىمىلىرىدە ئېنىقلا كەمتۈكلۈك بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ گۇگېلدەك بىر گىگانىت شىركەتنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوشقانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ تىلنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا گۇگېلنىڭ تەرجىمە مۇنبىرى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەرجىمە ئامبىرىنى كېڭەيتىپ، تەرجىمە سۈپىتىگە ھەسسە قۇشالايدۇ

كىشىنى ھەممىدىن بەك خۇرسەن قىلىدىغىنى گۇگېل تەرجىمانىنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارى كۆپ يۆنىلىشلىك بولۇپ، سىز خالىغان بىر تىلنى گۇگېل قوللايدىغان باشقا تىللارنىڭ ھەممىسىگە تەرجىمە قىلالايسىز، يەنى گۇگېل تەرجىمانىدىكى باشقا 100 تىلدىكى مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچىغا، ئۇيغۇرچىدىكى مەزمۇنلارنى باشقا 100 تىلغا تەرجىمە قىلالايسىز. ناۋادا سىزنىڭ بىر تور بېكىتىڭىز بولسا، تور بېكىتىڭىزگە گۇگېل تەرجىمانى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسىڭىز 100 نەچچە خىللىق توربېكىتىڭىز بولدى دېگەن گەپ، قالتىسمىكەن؟ ئۇنىڭدىن باشقا، بىز بۇنىڭدىن كېيىن گۇگېلنىڭ ۋە باشقا گۇگېلنىڭ تەرجىمە مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلاردا ئانا تىلىمىزنىڭ ئىزناسىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن

ھاياجانلىنىپ مەزكۇر يازمىدا دېمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. خەۋەرلەردە گۇگېل تەرجىمانى توربېكەتلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى قوللايدۇ دېيىلگەن، كەمىنە سىناپ باقتىم، ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلغىمۇ، باشقا تىلدىن ئۇيغۇرچىغىمۇ قوللايدىكەن. ئۆرنەك ئۈچۈن مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە بلوگدىكى بىر يازمىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەيلى:

ئەسلىسى:

تەرجىمە ئۈنۈمى:

تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى ئېچىڭ، ئۇيغۇرچە توربېكەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈڭ، مەنبە تىلىنى ئۇيغۇرچە تاللاڭ، نىشان تىلنى خەنزۇچە تاللاڭ ۋە ياكى باشقا تىللارنى مەنبە تىلى قىلىپ نىشان تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.

https://translate.google.com/translate?hl=en&sl=zh-CN&tl=ug&u=https%3A%2F%2Fwww.baidu.com

The post گۇگېل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/gugel-terjimani-arqiliq-uyghurche-beketlerni-bashqa-tillargha-terjime-qilish/feed/ 6
Objective-C ئارقىلىق يازما ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى خاسلاشتۇرۇش كودى https://uyghur.blog/Objective-C-arqiliq-yazma-elan-qilinghan-waqtini-xaslashturush-kodi/ https://uyghur.blog/Objective-C-arqiliq-yazma-elan-qilinghan-waqtini-xaslashturush-kodi/#comments Wed, 13 Jun 2018 11:09:25 +0000 https://uyghurbeg.net/?p=7020 سالام ئەزىزلەر، بۈگۈنكى يازمامدا مەن بۇرۇن بىر تۈردە ئ‍ىشلەتكەن، يازما ياكى يەزمۇننىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى «باياتىن يوللاندى، * مىنۇت بۇرۇن، * سائەت بۇرۇن» دېگەندەك شەكىلدە...

The post Objective-C ئارقىلىق يازما ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى خاسلاشتۇرۇش كودى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

سالام ئەزىزلەر، بۈگۈنكى يازمامدا مەن بۇرۇن بىر تۈردە ئ‍ىشلەتكەن، يازما ياكى يەزمۇننىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى «باياتىن يوللاندى، * مىنۇت بۇرۇن، * سائەت بۇرۇن» دېگەندەك شەكىلدە چىقىرىش كودىنى ھەمبەھىرلەپ ئۆتمەكتىمەن. كودنى بىۋاستە ئېلىپ ئىشلەتساڭلار بولىدۇ.

كود پىرىنسىپى ئۇسۇلى:
ئاۋۋال مۇلازىمىتىرنىڭ ۋاقتىنى تارتىپ ئالىمىز. ئاندىن ۋاقىت فورماتلىغۇچ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ فورماتىغا ئايلاندۇرىمىز، ئاندىن ئۇنى يۇقارقى ۋاقىت شەكلىگە ئايلاندۇرىمىز. ئىشلىتىدىغان يەرگە result نى تارتىپ ئېلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

//把字符串转为NSdate
NSDateFormatter *dateFormatter = [[NSDateFormatter alloc] init];
[dateFormatter setDateFormat:@"yyyy-MM-dd HH:mm:ss"];
NSDate *timeDate = [dateFormatter dateFromString:tima.date];//tima.date serverning waqti
NSDate *currentDate = [NSDate date];
NSTimeInterval timeInterval = [currentDate timeIntervalSinceDate:timeDate];
long temp = 0;
NSString *result; //result almiship bolghan waqti
if (timeInterval/60 < 1)
{
result = [NSString stringWithFormat:@"بايىلا"];
}
else if((temp = timeInterval/60) <60){
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld مىنۇت ئالدىدا",temp];
}
else if((temp = temp/60) <24){
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld سائەت ئالدىدا",temp];
}
else if((temp = temp/24) <30){
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld كۈن ئالدىدا",temp];
}
else if((temp = temp/30) <12){
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld ئاي ئالدىدا",temp];
}
else{
temp = temp/12;
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld كۈن ئالدىدا",temp];
}

The post Objective-C ئارقىلىق يازما ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى خاسلاشتۇرۇش كودى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/Objective-C-arqiliq-yazma-elan-qilinghan-waqtini-xaslashturush-kodi/feed/ 2
ھېساۋات بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئويلىغانلىرىم https://uyghur.blog/hesawat-bixeterlikini-ashurush-jehette-oylighanlirim/ https://uyghur.blog/hesawat-bixeterlikini-ashurush-jehette-oylighanlirim/#respond Thu, 25 Jan 2018 08:54:21 +0000 https://uyghurbeg.net/?p=6606 بۈگۈن ئىشلەۋاتقاچ، ھېساۋاتلىرىمنىڭ «ھەرىكەت خاتىرىسى»نى تەكشۈرۈپ بېقىپ تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتتىم. خاتىرىلەردىكى ip ئادرېسلىرىغا قارىسام، يېقىندىن بۇيان ئېلخەت، ئۇيغۇربەگ بلوگى ھېساۋاتىمنى نامەلۇم يەرلەردىن يۇچۇن كىشىلەر ئېچىپ...

The post ھېساۋات بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئويلىغانلىرىم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

بۈگۈن ئىشلەۋاتقاچ، ھېساۋاتلىرىمنىڭ «ھەرىكەت خاتىرىسى»نى تەكشۈرۈپ بېقىپ تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتتىم. خاتىرىلەردىكى ip ئادرېسلىرىغا قارىسام، يېقىندىن بۇيان ئېلخەت، ئۇيغۇربەگ بلوگى ھېساۋاتىمنى نامەلۇم يەرلەردىن يۇچۇن كىشىلەر ئېچىپ بېقىپتۇ.

تەھلىل قىلىپ باقسام، مەن پارولۇمنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىگە ئىشىنىپ، ئوخشىمىغان يەرلەردىكى بارلىق ھېساۋاتلىرىمغا ئوخشاش پارول ئىشلىتىپ كەپتىمەن، ناۋادا باشقىلار مېنىڭ بىر ھېساۋاتىمنىڭ پارولىغا ئېرىشىپلا قالالىسا دېمەك، باشقا بارلىق ھېساۋاتلىرىمغا كىرىپ-چىقالايدىكەن. گەرچە ھازىرغىچە بۇ ھېساۋاتلىرىمدىن بىرەر قالايمىقانچىلىق چىقمىغان بولسىمۇ، مېنى ئازراق سەگىتىپ قويدى.

ئەلۋەتتە، ھېساۋات بىخەتەرلىكى جەھەتتە كۆپىنچىمىزنىڭ تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭلاشقا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھېساۋات بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن، ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە قىلىپ ئ‍ورتاقلىشىشنى ئويلاشتىم.

1. پارولغا ئۆزىڭىزنىڭ ياكى جۆرە-بالىلىرىڭىزنىڭ مۇھىم كۈنلىرىنى، مەسىلەن تۇغۇلغان كۈنى، توي خاتىرە كۈنى دېگەندەك كۈنلەرنى بېكىتمەڭ.

2. پارولىڭىزنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولسۇن. يەنى، پارولىڭىز ئەڭ ئاز 12 خانلىق، شۇنداقلا چوڭ-كىچىك ھەرىپلەر، سان ۋە بەلگىلەردىن تۈزۈلسۇن. ئىشلەتكەن پارولىڭىزنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى تور بېكەتكە كىرگۈزۈپ ئۆلچەپ باقسىڭىز بولىدۇ:

http://www.passwordmeter.com/

3. شەخسىي ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن بىر ئېلخەت، خىزمەت ئۈچۈن بىر ئېلخەت، ئىشەنچلىك ئالاقە تورلىرىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن بىر ئېلخەت باشقا كىچىك-نامەلۇم تور بېكەتلەرگە تىزىملىتىش ئۈچۈن يەنە باشقا بىر ئېلخەت ئىشلىتىڭ.

4. ھەر بىر ئېلخەت، ھېساۋاتىڭىزنىڭ پارولى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىسىز بولسۇن.

5. يۇچۇن تور بېكەتلەر ياكى ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەن توربېكەتلەر(مەسىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان بېكەتلەر)گە كىرگەندە پارولنى ساقلىۋېلىش تاللىشىنى تاللىماڭ.

6. ئەلۋەتتە، يۇقارقىلىرى پەقەت پارولنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى ھېساۋاتنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېلخەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە توربېكەتلىرىڭىزگە «ئىككى قەدەملەپ تەستىقلاش»(two step vericifation) ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىڭ. ھازىر ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە توربېكەتلىرى ۋە ئېلخەت سۇپىلىرىنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇ ئىقتىدارنى ئېچىش ئۈچۈن بىر ئۇچۇر قۇبۇل قىلالايدىغان يانفون نومۇرى كېرەك بولىدۇ. ئىقتىدارنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا يەردىن ئېلخەتكە كىرمەكچى بولسىڭىز ئادرېس ۋە پارولنى كىرگۈزگەندىن كېيىن يانفونىڭىزغا تەستىق كودى كېلىدۇ، بۇلارنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ئېلخېتىڭىز ياكى ھېساۋاتلىرىڭىزغا كېرەلەيسىز.

7. پارولىڭىزنى ھەرگىز كومپىيۇتېردا ساقلىماڭ، ئامال بار ئەستە تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىڭ. ئەگەر پارولىڭىزنى ئەستە تۇتۇشتا قىينالسىڭىز كىچىكرەك بىر خاتىرە دەپتەرگە يېزىۋېلىڭ.

8. ناۋادا تور بېكىتىڭىز WordPress سۇپىسىدا قۇرۇلغان بولسا، بېكىتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «Wordfence Security» ناملىق قىستۇرمىنى قاچىلېۋېلىڭ، چۈشۈرۈش ئادرېسى:

Wordfence Security – Firewall & Malware Scan

9. ناۋادا تور بېكىتىڭىز WordPress سۇپىسىدا قۇرۇلغان بولسا، «ئىككى قەدەملەپ تەستىقلاش»(two step vericifation) ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى «miniOrange 2 Factor Authentication» ناملىق قىستۇرمىنى قاچىلاپ، تەڭشەكلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ. چۈشۈرۈش ئادرېسى:

Google Authenticator – WordPress Two Factor Authentication (2FA)

The post ھېساۋات بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئويلىغانلىرىم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/hesawat-bixeterlikini-ashurush-jehette-oylighanlirim/feed/ 0
ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/ https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/#comments Sat, 11 Mar 2017 17:45:51 +0000 http://www.uyghur.blog/?p=6553 بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى...

The post ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر ھېكايە بار بولۇپ، بۈگۈنكى يازمامدا مەن مۇشۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈش جەريانىنى ئاددىيلا ھالدا بايان قىلىپ ئۆتكۈسىمەن.

ئىشەنچ ھەققىدە قىسقا بىر ھېكايە

«.BLOG» تور نامىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىق خەۋىرىنى «نۇرقۇت تورى»دا تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن كېيىن، بۇ تور نامىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەمدە WordPressنىڭ ئورگان بېتىدىكى ئېلخەت ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر قانچە تور نامىنى تىزىملىتىش ئېچىلغان ھامان ماڭا ئېلخەت قىلىشقا تىزىملىتىپ قويدۇم، ھەتتا ئېلخەت كەلمەي قالمىسۇن دەپ مەندە بار بارلىق ئېلخەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم تىزىملىتىپ چىقتىم. بۇنىڭ ئىچىدە، «www.uyghur.blog» بار ئىدى ئەلۋەتتە.

شۇنداق قىلىپ ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، «.BLOG» تور نامىنىڭ ماركا-شىركەتلەر ئۈچۈن تىزىملىتىش مەزگىلى(بۇ جەرياندا ماركا ۋە شىركەت – مەھسۇلات نامىنى قوغداش ئۈچۈن ئاۋۋال بىر قىسىم شىركەتلەرگە تىزىملىتىۋېلىشقا ئېچىۋېتىلىدىكەن)، ئاشكارا تىزىملىتىش بۇرۇنقى يۇقىرى باھالىق تىزىملىتىش مەزگىلى(ئالدىدىكى مەشخۇلات تاماملانغاندىن كېيىن شەخسىيلەرگە يۇقىرى باھادا مەلۇم تور ناملىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشقا يول قۇيىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن باھا 200 دوللاردىن باشلىنىدىكەن)نى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن خالىغانچە ئالدىن تىزىملىتىش مەزگىلىگە قەدەر سەۋىر قىلىپ كۈتتۈم، بۇ مەزگىلدە مەن يەنە ئورگان بېتى ئارقىلىق 30 يۇرۇ تۆلەپ، «www.uyghur.blog» نى زاكاس قىلىپ قويدۇم.

ئەلۋەتتە، مەن ئۇ چاغدا «.BLOG» تور نامىنىڭ ئورگان بېتىدىن باشقا يەردىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم، ھەمدە ئورگان بېتىنىڭ ئىقتىدارىغا ئالامەت ئىشىنىپ كەتكەن ئىدىم. شۇڭلاشقا  2016-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر 0گە قەدەر تەقەززالىق بىلەن ساقلىدىم. شۇ كۈنى گېرمانىيە ۋاقتى ئىككى بولغاندا، ئورگان بېتىدىكى ھېساۋاتىمغا كىرسەم، بۇ تورنامى مەندە تىزىملىتىلدى دەپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن راھەت ئۇيقۇغا كىرىپ كەتتىم.

ھالبۇكى، ئەتىسى دەرس ۋاقتى قىزىقىپ ئولتۇرۇپ «www.uyghur.blog» نىڭ WhoIs ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تورنام گېرمانىيەدىكى باشقا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ نامىدا Godaddyدىن تىزىملىتىۋالغان بولۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ھەيران بولۇپ، شۇ ھامان ئورگان بېتى بىلەن ئالاقە قىلدىم، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىگەچكە، بۇ ئىسىمنى تىزىملىتىۋالغان قېرىندىشىم بىلەن ئېلخەتتە ئالاقە قىلدىم، ھەمدە ئىسىمنى بولسا ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ قېرىندىشىم شۇ ھامان جاۋاب قايتۇرۇپ ئىسىمنى قىزىقىش ئورنىدا تىزىملاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ۋەتەندىكى باشقا قېرىندىشىمىزنىڭ ئالاقە قىلىپ ئىسىمنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ئېيتىپ ئۆزۈرخانلىق بىلدۈردى. ئۆيگە قايتىپ ئورگان بېتىدىن تەكشۈرسەم بۇ ئىسىم ھېلىھەم مېنىڭ ھېساۋاتىمدا تۇراتتى-يۇ، ئورگان بېتىدىكى تىزىملىتىش ئورنىدىدىن ئىزدىسەم بۇ ئىسىم بىكار، Godaddyدىن تەكشۈرسەم تىزىملىتىپ بولۇندى دەپ تۇراتتى.

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورگان تەرەپدىن ئېلخەت كېلىپ ئىسىمنىڭ مەندە ئەمەسلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلارغا ئىنتايىن ئاچچىقلاندىم،  «ئەمىسە مېنىڭ ھېساۋاتىمدا تۇرىدىغۇ؟» دەپ ئۇلار بىلەن زاكۇنلىشىپ باقماقچى بولدۇم، ئەمما نېمە پايدىسى؟ دېمەك، ئورگان بەتتە مەسىلە بار ئىكەنتۇق. ئەمما بۇ تور نامنى قولغا چۈشۈرۈش ئارزۇيۇم شۇنداق كۈچلۈك بولغاچقا، WhoIs ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بۇ ئىسىمنى ئۆتكۈزۈۋالغان قېرىندىشىم بىلەن ئالاقە قىلدىم، ئەلۋەتتە، قارشى تەرەپ بۇ ئىسىمنى خېلى يۇقىرى باھاغا ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ھەمدە ئۆزى بىر ئىش قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ كىچىككىنە بىر ئۈمىددە ئۇ قېرىندىشىمغا خەت يازدىم.

خەتنى يازغاندا قارشى تەرەپدىن ئېنىق  رەت كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ھالبۇكى قارشى تەرەپ ئۇزاققا قالمايلا جاۋاب يازدى ھەمدە بۇ ئىسىمنى باشقا نىيەتتە ئەمەس، ساقلاپ قۇيۇش ئۈچۈنلا سېتىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىق ئىشىنى شۇنداقلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى ئوبدان بىلىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىسىمنى مەندىن بۇرۇن بىر قانچەيلەن تۈمەن سوم، ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھادا سورىغان بولسىمۇ بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ماڭا ئۆزى سېتىۋالغان باھادا بېرىشنى خالايدىغانلىقى شۇنداقلا ماڭا بەرسە مېنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. جاۋابدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ئەمما ئۇ قېرىندىشىم سېتىۋالغان باھامۇ ماڭا نىسبەتەن خېلىلا قىممەت ئىدى.

شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن باھا تالىشىشدىن خىجىل بولۇپ ئىسىمنى ھازىرچە ئالماي تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ جاۋاب يازدىم. جاۋابىمنى ئالغان قېرىندىشىمىز شۇ ھامانلا خەت يېزىپ ئەھۋالىمنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، مەندىن مانچە بېرىڭ دېمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىسىمنى ھازىر ماڭا يوللاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، مېنىڭ كېيىنچە ئايغا بۆلۈپ ياكى قاچان پۇل تاپقاندا شۇ چاغدا بەرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ھازىرقىدەك ئىقتىساد زىللىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدىن ئىشەنچ يوقىلىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە، پەقەت بلوگ ئارقىلىق بىر نەرسە يېزىپ تۇرۇپ تونۇمىغان بىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.

بۇ گەپلەردىن تەسىرلىنىپ، ئىىسمنى مەن كۆتۈرەلەيدىغان مىڭ سوملارغا يېقىن بىر پاھانى قويدۇم ھەمدە بۇ پۇلنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى يوللاپ بېرىپ تۇردۇم، بۇ قېرىندىشىممۇ ئاڭغىچە ئىسىمنى ماڭا يۆتكەپ بېرىپ بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە، كېيىن قالدى پۇلنى تۇلۇق يوللىۋەتتىم. ئەمما بۇ قېتىملىق سودىدىن ئۆزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان ئۇشبۇ قېرىندىشىمنىڭ ماڭا قىلغان ئىشەنچى، پۇلنى ئالماي تۇرۇپ مال بەرگەنلىك خىسلىتى ماڭا ھېلىھەم تەسىر قىلماقتا ئىدى.

The post ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/feed/ 23
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ باقتىم https://uyghur.blog/uslub-almashturup-baqtim/ https://uyghur.blog/uslub-almashturup-baqtim/#comments Mon, 27 Feb 2017 11:30:15 +0000 http://www.uyghur.blog/?p=6544 ئوقۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۇزاق بوپتىكەن ئۇسلۇب بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى. ھازىر ھەممە ئىشنى تېلىفوندىلا پۈتتۈرگىلى بولىدىغان بۇ مەزگىلدە كود يازغىلى كومپىيۇر ئالدىغا كەلمىسە، باشقا چاغدا...

The post ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ باقتىم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

ئوقۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۇزاق بوپتىكەن ئۇسلۇب بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى. ھازىر ھەممە ئىشنى تېلىفوندىلا پۈتتۈرگىلى بولىدىغان بۇ مەزگىلدە كود يازغىلى كومپىيۇر ئالدىغا كەلمىسە، باشقا چاغدا دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ بىر ئىش قىلغىسىمۇ كەلمەيدىكەن. تۆنۈگۈن داڭلىق ئۇسلۇب بازىرى «پۇستانى»(ئېلان بولۇپ قالمىسۇن ئىسمىنى دېمەي)دىن ھازىرقى ئۇسلۇبنى ئۇچرىتىپ قېلىپ شۇ ھامانلا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشتۈم.

شۇنىڭ بىلەن ئۇسلۇبنى سېتىۋېلىپ تەڭشەشنى باشلىدىم. تەڭشەش جەريانىدا بايقىسام بۇرۇنقى ئۇسلۇبۇمغا ئوخشىمايدىغان يېرى كۆپرەككەن، ئۆزۈم بۇرۇنقى ئۇسلۇبغا كۆنۈپ قالغاچقا يېڭى شەكىلدە مېڭىشقا تاۋىم تارتماي، ئۇسلۇبقا بۇرۇنقى ئۇسلۇبىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلدىم. خەت نۇسخىسى «ئەلپىدا»نى تاشلاپ «UKIJ Tuz Tom»نى ئىشلەتتىم. ئۇسلۇب تەڭشەش جەريانىدا «دوغاپ» ياسىغان قىستۇرمىنىڭ كودىدىن ياخشى پايدىلاندىم(بۇ قىستۇرما ئۇسلۇب تەڭشەشنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تونۇشۇتۇشنى خېلىلا ئاسانلاشتۇرۇپتۇ!)، ئۇسلۇب ئۆزىدىن ماسلىشىشچان بولغاچقا يانفون بەتلەرنى تاشلىۋەتتىم. تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلاپ ئۆزگەرتىشنى باشلىغان، ھازىر مانداق قاراپ باقسام خېلى ئىسكەتلىك بولۇپ قاپتۇ. ئۇسلۇبۇم ياققان بولسا سەھىپىلەرنىڭ يېنىدىكى يۈرەك شەكلىنى بېسىپ «زەن» قىپ قۇيارسىلەر…

The post ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ باقتىم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/uslub-almashturup-baqtim/feed/ 22
WordPress ئۈچۈن ئۈچ تەۋسىيە بوشلۇق https://uyghur.blog/Wordpress-uchun-uch-tewsiye-boshluq/ https://uyghur.blog/Wordpress-uchun-uch-tewsiye-boshluq/#comments Thu, 23 Feb 2017 12:18:53 +0000 http://www.uyghur.blog/?p=6511 ھەممىڭلار بىلگىنىڭلاردەك شەخسى بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق ئۈچ شەرتنىڭ بىرى بوشلۇق مەسىلىسىدۇر. شەخسەن مەنمۇ 7 يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بولۇپ سانسىزلىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ بۇ...

The post WordPress ئۈچۈن ئۈچ تەۋسىيە بوشلۇق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

ھەممىڭلار بىلگىنىڭلاردەك شەخسى بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق ئۈچ شەرتنىڭ بىرى بوشلۇق مەسىلىسىدۇر. شەخسەن مەنمۇ 7 يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بولۇپ سانسىزلىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ بۇ ھەقتە ئازراق بىلىمگىمۇ ئىگە بولۇپمۇ قالغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان ماڭا مۇۋاپىق بوشلۇق تەۋسىيە قىلىشىمنى ئۆتۈنگەن بلوگداشلار ئۈچۈن مېنىڭ شەخسەن تەجرىبەمدىن ئۆتكەن، ئىشەنچلىك، مۇقىم ۋە باھاسى مۇۋاپىق بولغان بىر قانچە بوشلۇقلارنى تەۋسىيە قىلش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىغا تۇتۇش قىلدىم، بوشلۇق لازىم بلوگداشلار ئۈچۈن پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

 

1. VPS ئۈچۈن تەۋسىيە: Linode1. VPS ئۈچۈن تەۋسىيە: Linode

linodeLinodeنىڭ VPS ساھەسىدە، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى بېكەتچىلەر ئىچىدە ئىنتايىن داڭقى بار بولۇپ، باھاسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى سەپلىمىلىرى بىلەن WordPress ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەرزان باھالىق ياخشى VPS  ئىزدەۋاتقان توربېكەتچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ئالدىنقى مەزگىللەردە Linodeنىڭ ياپونىيەدىكى مۇلازىمىتىرىغا بولغان زىيادە ئىھتىياج تۈپەيلى ياپونىيە مۇلازىمىتىرى يېتىشمەي قالغان ئىدى، ئەمدىلىكتە ياپونىيەگە يېڭىدىن مۇلازىمىتىرلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئوخشايدۇ. كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ شۇ ئاندا مۇشۇلارنىڭ ياپونىيەدىكى VPSسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىجرا بولۇشى مېنى رازى قىلىپ كەلمەكتە.  Linode بىر VPS بولغاچقا، بوشلۇق باشقۇرۇش سۇپىسىنى ئۆزىڭىز قاچىلايسىز، ناۋادا VPS باشقۇرۇش ھەققىدە تېخنىكىلىق ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز، كەمىنە ھەقلىق ياردەمدە بولسام بولىدۇ(مەزكۇر يازمىنى تەييارلاۋېتىپ بۇلارنىڭ باشلىنىش باھاسىنىڭ 5 دوللارغا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ سەت ھەيران قالدىم، ئوخشىشىپ قالىدىغان سەپلىمە بىلەن باشلىنىش باھاسى بۇرۇن ئون دوللار ئىدى).

باھاسى: ئايلىقى بەش دوللاردىن 80 دوللارغىچە؛

تەۋسىيە دەرىجىسى: بەش يۇلتۇز

تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ

2. ئەرزان باھالىق تور بوشلۇقى ئۈچۈن تەۋسىيە: one.com

One.Com-Voucher-Code

one.com بولسا ياۋرۇپاغا جايلاشقان بىر تور مۇلازىمىتى شىركىتى بولۇپ، بوشلۇق ۋە تور نامىدىن باشقا يەنە مۇلازىمىتىر، VPS قاتارلىقلارنىمۇ تەمىنلەيدۇ. مەن بۇ تور بوشلۇقىنى تەۋسىيە قىلىشدىكى سەۋەبىم، بۇلارنىڭ تۇنجى يىللىقى ئارانلا 12 دوللارلىق بىر بوشلۇقى 25 گېگابىتلىق بوشلۇق، 512 رام بىلەن بىرگە بىر تال ھەقسىز تور نامى، بىر تال ھەقسىز SSL كېنىشكىسى سوۋغا قىلىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى يىلىمۇ ئارانلا 25 نەچچە دوللار. بۇلارنىڭ بوشلۇقىنىڭ سۈرئىتى، مۇقىملىقى Godaddy دېگەن قويمىچى شىركەتتىن مىڭ ھەسسە ياخشى بولۇپ، بىر تال شەخسىي بلوگ قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن غەززەپ تەۋسىيە بوشلۇقتۇر.

باھاسى: تۇنجى يىللىقى 12 دوللار

تەۋسىيە دەرىجىسى: ئۈچ يۇلتۇز

تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ

3. كۆپ بلوگ قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن تەۋسىيە بوشلۇق : Dreamhost

dreamhost بەلكىم بۇرۇندىن چەتئەل بوشلۇقلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار بىلىشى مۇمكىن، بىر زامانلار تۇنجى ئۈچ يىللىقى يۈز دوللارغىمۇ توختىمايدىغان، چەكسىز ئېقىم، چەكسىز بوشلۇق، ھەقسىز تور نامى دېگەندەك ناملار بىلەن تىجارەت قىلغان Justhost، Bluehost دېگەندەك بوشلۇق شىركەتلىرى بار ئىدى. Dreamhostمۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى بوشلۇق بولۇپ، ناۋادا سىز VPS باشقۇرۇشنى بىلمىسىڭىز ياكى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئاددى، چەكسىز ئېقىم، چەكسىز بوشلۇق بىلەن بىرگە تۇنجى يىللىقى ھەقسىز بولغان خەلقئارالىق تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغان Dreamhostنى ئىشلىتىپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ بوشلۇقنىڭ سۈرئىتى ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن Justhost، Bluehost دېگەندەكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاجايىپ تىز بولۇپ(شەخسەن تەجرىبەم بار)، دۇنياۋى داڭلىق بوشلۇق باشقۇرۇش سۇپىسى بولغان Cpanel بىلەن تەمىنلەيدۇ( بۇ سۇپا One.comدا يوق). بۇ بوشلۇق بىلەن سىز كۆپ بلوگ قۇرۇپ كېتەلەيسىز.

 

باھاسى: ئايلىقى 10 دوللاردىن باشلىغان باھالاردا؛

تەۋسىيە دەرىجىسى: ئۈچ يېرىم يۇلتۇز

تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ

بونۇس: پارچە – پۇرات بوشلۇق ساتىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇق: Cloudleft

cloudleft

ناۋادا سىز دۆلەت ئىچىدە بولسىڭىز ۋە ياكى ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىز، ياكى پۇل تۆلەشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، دۆلەت ئىچىدىكى بونۇس: پارچە – پۇرات بوشلۇق ساتىدىغان Cloudleft (خەنچە ئىسمى: 云左)لارنىڭ پارچە بوشلۇقى ياكى ۋەكالەتچى VPS مۇلازىمىتىرلىرىنى ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ. Cloudleftنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمىتىرلىرى يوق، بۇلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان Linode دېگەندەك دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بوشلۇق شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىرلىرىنى پارچىلاپ ساتىدىغان ياكى ۋەكالەتەن سېتىۋېلىپ بېرىدىغان بوشلۇق شىركىتى بولۇپ، باھاسى ئەسلى يەرلەرگە قارىغاندا قىممەترەك بولسىمۇ، مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى ياخشى. ئەگەر تەننەرخى بەكلا تۆۋەن بوشلۇق ئىزدەپ قالسىڭىز بۇلار پارچە ساتىدىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

The post WordPress ئۈچۈن ئۈچ تەۋسىيە بوشلۇق appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/Wordpress-uchun-uch-tewsiye-boshluq/feed/ 13
ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى تىزىملىتىش دەرسلىكى https://uyghur.blog/heqsiz-birinchi-derijilik-tor-namlirini-tizimlitish-dersliki/ https://uyghur.blog/heqsiz-birinchi-derijilik-tor-namlirini-tizimlitish-dersliki/#comments Sun, 01 Jan 2017 13:07:24 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=6382 بۇنىڭدىن نەچچە يىل مۇقەددەم، مەن ئۇيغۇربەگ بلوگىمىزدا «بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى <.TK>گە ئېرىشىش قوللانمىسى» نامىدا شۇ زامانلار داڭلىقراق بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ھەقسىز تور نامى TKنى تىزىملىتىش ھەققىدە...

The post ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى تىزىملىتىش دەرسلىكى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

بۇنىڭدىن نەچچە يىل مۇقەددەم، مەن ئۇيغۇربەگ بلوگىمىزدا «بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى <.TK>گە ئېرىشىش قوللانمىسى» نامىدا شۇ زامانلار داڭلىقراق بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ھەقسىز تور نامى TKنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈنكى يازمامدا بولسا، ئاشۇ تور نامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر قانچە ھەقسىز تور ناملىرىنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. تور نامىنىڭ باھاسى گۆشدىنمۇ قىممەت بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ دەۋردە بەلكىم مەزكۇر تور ناملىرى سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىھتىياجلىرىڭلارنى قاندۇرۇپ قالار دېگەن ئۈمىددىمەن.

ئالدى بىلەن بۈگۈنكى ئولجىلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي:

يۇقاردىكىلىرى مەن بۈگۈن تىزىملىتىۋالغان تور ناملىرىدىن بىر قىسمى خالاس. ئەلۋەتتە، مەن تور نامى ھايانكەشچىلىكى بىلەن شۇغۇللانمىغاندىكىن مۇشۇنچىلىكلا تىزىملىتىپ قويۇپ تۇردۇم. خوش، ئەمدى يازمىنىڭ مۇھىم قىسمىغا كېلەيلى. بۇرۇنقى ئۇسۇلۇم بۇيىچە يازمىلارنى قەدەممۇ – قەدەم ئېلىپ بارغۇسىمىز.

Freenom ھەققىدە

ئەڭ ئاۋۋال بىزگە مۇت تور نامى بىرىۋاتقان Freenom بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى. Freenomنىڭ خەنچە تور بېكىتىدە ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەقسىز تورنامى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى يېزىپتۇ(ئازراق پو ئېتىپتۇ دەيلى). گوللاندىيەدە قۇرۇلغان مەزكۇر ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى شىركىتى 12 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىسى بار ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەت. مەزكۇر شىركەت پەقەت ھەقسىز تور ناملىرىنى تەمىنلەپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە ھەقلىق تور ناملىرى، تور بوشلۇقى ۋە بۇلۇت بوشلۇقى مۇلازىمىتى شۇنداقلا ئېنتېرنېت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەت تەمىنلەۋاتقان ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرى تۆۋەندىكىدە:

.TK / .ML / .GA / .CF / .GQ

بۇ تور ناملىرىنى دەسلەپتە ئەڭ كۆپ بىر يىللىق تىزىملاتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ۋاقتى توشقاندا يېڭىلاشمۇ ھەقسىز. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تور ناملىرى باشقا ھەقلىق تور ناملىرىدەكلا  DNSنى ئۆزگەرتىش(دىققەت:DNA دېمىدۇق ھە…)، ياكى URL يۆتكەش ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى يازمىمىزدىمۇ مۇشۇ تور ناملىرىنى تىزىملىتىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

تىزىملىتىش باسقۇچلىرى

1. بۇ يەرنى چىكىپ Freenomنىڭ باش بېتىگە كىرىڭ:

مېنى چىكىڭ مېنى!

2. بەت ئېچىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەككە تىزىملاتماقچى بولغان تور نامىڭىزنى كىرگۈزىمىز ۋە 检查可用性نى باسىمىز:

ئۆرنەك ئۈچۈن مەن aypatem دەپ ئىزدىدىم.

 ئەگەر تىزىملاتماقچى بولغان تور نامىڭىز بار بولسا يۇقارقى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ ناۋادا يوق بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ:

ۋە ياكى بەزىلىرىنى باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان، بەزىلىرى بار بولغان ئەھۋالمۇ بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

3. تور نامىڭىز بار بولسا 现在获取نى باسسىڭىز بولىدۇ(قايسىسى بار بولسا شۇنى بېسىۋېرىڭ، ھەممىسى ھەقسىز). ئۇنىڭدىن كېيىن بەت ئۈستىدە تۆۋەندىكىدەك مال ھارۋىسى كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردىن 完成نى باسىمىز:

4. بۇ يەردىن كېيىن بەتلەر ئىنگىلىزچە بولۇپ كېتىدۇ، تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك:

Forward this domain دېگەن تور نامى يۆتكىلىش مۇلازىمىتى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەرگە مەن https://www.uyghur.blog/ دەپ تولدۇرۇپ قويدۇم، ئاندىن قىزىل بەلگە قويغان يەردىن 12 ئاي دېگەننى تاللايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن Continue دېگەننى باسىمىز.

5. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز تىزىملاتماقچى بولغان تور نامى تىزىملىكى بىلەن سىزنىڭ تىزىملىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىغان كۆزنەك چىقىدۇ، بۇ يەرگە ئېلخەت ئادرېسىمىزنى يازىمىز ۋە Verify my email دېگەن كونۇپكىنى باسىمىز:

ئاندىن كەلگەن ئېلخەتتىكى ئادرېسنى چېكىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرىدىغان يەرلەر چىقىدۇ، بۇ يەرلەرنى تولدۇرۇپ I have read and agree to the Terms & Conditions دېگەن تاللاشنى تاللاپ Complete Order كونۇپكىسىنى باسىمىز.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ تور ناملىرىنى تىزىملىتىش تاماملانغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكدىن Click here to go to your Client Areaنى بېسىپ ئۇ يەردىن چىققان كۆزنەكنىڭ تىزىملىكىدىن My Domainsگە كىرسىڭىز تىزىملاتقان تور ناملىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز. تور ناملىرىڭىزنى باشقۇرماقچى بولسىڭىز مۇشۇ يەردىن باشقۇرسىڭىز بولىدۇ.

قېنى، سىزمۇ تەلىيىڭىزنى بىر سىناپ باقمامسىز؟

The post ھەقسىز بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى تىزىملىتىش دەرسلىكى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/heqsiz-birinchi-derijilik-tor-namlirini-tizimlitish-dersliki/feed/ 8
‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى https://uyghur.blog/‎bloggerlar-uchun-yengi-tornami-.BLOG-tizimlitishqa-echiwetildi/ https://uyghur.blog/‎bloggerlar-uchun-yengi-tornami-.BLOG-tizimlitishqa-echiwetildi/#comments Tue, 22 Nov 2016 09:21:18 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=6350 WordPressنىڭ ئانا شىركىتى بولغان Automattic بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەخسۇس بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG نامىنى تىزىملىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تۆنۈگۈندىن باشلاپ بۇ نامنى تىزىملىتىشنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتكەن.  ئىسمىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،...

The post ‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
blog

WordPressنىڭ ئانا شىركىتى بولغان Automattic بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەخسۇس بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG نامىنى تىزىملىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تۆنۈگۈندىن باشلاپ بۇ نامنى تىزىملىتىشنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتكەن.  ئىسمىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تورنامى بلوگنىڭ تورنامى قىلىۋېلىشقا تامامەن ماس كېلىدۇ. تورنامى ئىزدەۋاتقان ھەمدە تۈزۈكرەك ئىسىم تاپالمايۋاتقانلارغا بۇ يېڭى ھەم خاس تورنامىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يېڭى ئېچىلغان بولغاچقا قىسقا ئىسىملارنىمۇ تىزىملىتىۋېلىشقا بولىدۇ، پېقىرمۇ ئىزدىنىپ يۈرۈپ تۆت خانىلىق بىر ساز ئىسىمدىن بىرنى تىزىملىتىپ قۇيۇپ تۇردۇم.

‎ئورگان تەرەپ ‎تورنامىنى تىزىملىتىش ئۈچۈن www.get.blog بۇ ئادرېستىن تىزىملىتىشنى تەۋسىيە قىلىپتۇ.  لېكىن ئورگان تەرەپنىڭ بىر قانچە يېتەرسىزلىكى بار بولۇپ، بىرى ئىسىملارنى باشقۇرۇش سەل قولايسىز، يەنە بىرى ئورگان تەرەپنىڭ ھەر زامان دۆلەت ئىچىدە چەكلىنىپ كىتىش ئىھتىماللىقى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن بىر قانچە ئىسىملارنى ئىزدەپ باقسام بۇ بېكەتتە بار چىقتى، لېكىن Whois ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ باقسام ئاللىقاچان تىزىملىتىلىپ بوپتۇ، ئىزدىنىپ باقسام ئورگان بەتتىن باشقا دۇنياۋى ئىسىم ۋە بوشلۇق بېكىتى Godaddyدىمۇ تىزىملىتىشقا بولىدىكەن. شۇڭا ئىسىم تىزىملىتىشنى ئويلاشقانلارغا Godaddyنى شەخسەن تەكلىپ قىلىمەن.

‎بۇ ئىسىمنىڭ باھاسى 30 يۇرۇ(250 كوي) ئەتراپىدا.

The post ‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/‎bloggerlar-uchun-yengi-tornami-.BLOG-tizimlitishqa-echiwetildi/feed/ 6
ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ 5 ئادىتى https://uyghur.blog/alqishlanghan-bloggerning-5-aditi/ https://uyghur.blog/alqishlanghan-bloggerning-5-aditi/#comments Mon, 07 Apr 2014 15:53:49 +0000 http://www.uyghurbeg.net/?p=5180 \ ئاز كەم بىر يىلدىن بىرى تورغا چىقالماي، ئۇيغۇر بلوگ ئىشلىرىنى كۈزىتەلمىگەن ئىدىم، يېقىندىن بىرى ۋاقتىم چىقىپ، كونا-يېڭى بلوگلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، نەتىجە شۇكى...

The post ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ 5 ئادىتى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
\
ئاز كەم بىر يىلدىن بىرى تورغا چىقالماي، ئۇيغۇر بلوگ ئىشلىرىنى كۈزىتەلمىگەن ئىدىم، يېقىندىن بىرى ۋاقتىم چىقىپ، كونا-يېڭى بلوگلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، نەتىجە شۇكى بلوگ ئوينايدىغان يالغۇز مەن ئەمەسكەنمەن، خېلى سالماق بلوگلارمۇ، كەسپىيلەشكەن شەخسىي بلوگلارمۇ مەيدانغا چىقىپتۇ، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال، ئەلۋەتتە. خوش، تېمىغا كەلسەك، بىلگىنىڭلاردەك ئۆزۈممۇ بىر كونا بلوگگېر بولغاچقا، بلوگشۇناسلىق ھەققىدە ئويلىغان بىر تىمامنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي دەپ مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھەر قايسىڭلارغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بەرسە تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.

ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ بىرىنچى ئادىتى: يازمىسىغا يۇمۇر خۇرۇچلىرى قوشۇۋېتىدۇ

. بلوگ – بىر كىشىنىڭ خاراكتىرى ۋە قىزىقىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان بىر سالوندۇر. دەسلەپتە، مەن بلوگ يېزىشنى قانداقتۇر بىر خىل ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە باشلىغان ئىدىم، يېڭى باشلىغاندا ھېچقانداق بىر ئۈنۈم كۆرەلمىدىم، نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىلغىچە بلوگنى يالغۇز ئۆزۈم كۆرۈپ كەلدىم. كېيىن، زىيارەتچىلەرنىڭ سانىمۇ كۆپۈيۈشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئېشىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. تەتىل مەزگىلىنىڭ بىر كۈنى، يۇرتۇمدا مېنىڭ بلوگىمنى پات-پات كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. پاراڭ ئارىلىقىدا «سىنىڭ بلوگىڭغا كىرسەم ھېچنىمىنى چۈشەنمەيمەن، ئەمما گەپلىرىڭ بەك يۇمۇر» دەپ قالدى دوستۇم. كېيىن بىلسەم، بۇ دوستۇملا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن تونۇشلارمۇ سەن، تورخۇمار، ئالىمجان ئەھەت، ئەجرىم دېگەندەك تور بېكەتلەر يازمىلارنى قىزىقارلىق يازىسىلەر دەپ قالدى. ئويلاپ باقسام، مەن تېخنىكىلىق يازما يازساممۇ، بەزىدە ئۆزۈممۇ بىلمەي گەپلىرىمگە قىزىق سۆزلەرنى قوشۇپ قۇيىدىكەنمەن. مەنلا ئەمەس، مەن تولا ئارىلايدىغان بلوگلارنىڭ كۆپىنچىسى يازمىلىرىنى زىرىكىشلىق قىلىپ قويماسلىققا تىرىشىدىكەن. دېمەككى، تېخنىكىنى چۈشەنمىسىمۇ يازغان خەتلىرىمنى ئوقۇيدىغانغا ئادەم توپلىيالىشىمدىكى بىر سەۋەب- ئۆزۈمنىڭ كام بولسا بولمايدىغان يۇمۇرىستىك ئىپادىلەش كۈچۈمكەن.

خۇلاسىگە كەلسەك، بلوگ يازغان ۋاقتىڭىزدا، يازمىلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا كۈچەش بىلەن بىرگە، يازمىڭىزنى باشقىلار زىرىكتۈرۈپ قويمىغۇدەك ھالدا يېزىشقا تىرىشىڭ، تېخنىكىلىق يازمىلارنىمۇ ئۆزگىچە گەپ-سۆزلەر بىلەن قىزىقارلىق قىلىپ ئىپادىلەشكە تامامەن مۇمكىنلىكىنى نىيۇتۇن ئىسپاتلاپ چىققانكەن ئەمەسمۇ؟

ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ ئىككىنچى ئادىتى: قەلەم قۇۋىتىنى جارى قىلدۇرىدۇ

best-tips-for-bloggers02

بلوگ – بىر كىشىنىڭ ئۆز بىلىمىنى تۆكۈپ بېرەلەيدىغان بىر سەھنە.  ئەلۋەتتە، بلوگ يېزىش ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر قىلىدىغان جەريان بولغاچقا، بلوگگېردىن بەلگىلىك بىر يېزىش قابىلىيىتى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بلوگىڭىزدا يېزىلىۋاتقان مەزمۇنلارنى توغرا، ئېنىق ۋە راۋان ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىنى پىششىق بىلگەن ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭمۇ بەلگىلىك بىر يېزىش قابىلىيىتىڭىز بولىشى كېرەك.  ئالدىنقى يىللاردىكى «ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ» پائالىيىتىدە باھالانغان بلوگلارنىڭ يازمىلىرىغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇنلىرىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. شەخسەن مەنمۇ، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئېنىق يېىپ چىقىش ئۈچۈن، بلوگ يېزىشدىن بىرەر-يېرىم سائەت بۇرۇن، يازماقچى بولغان مەزمۇننى كاللامدا ئويلىۋالىمەن ھەمدە قانداق يېزىش ھەققىدە قىسقىچە پىلان تۈزۈۋالىمەن، ئاندىن بىر ئولتۇرۇپ يېزىپ كېتىمەن.

ئەلۋەتتە، قەلەم قۇۋۋىتىنى بىردەمدىلا يىتىشتۈرۋاغىلى بولمايدۇ، ئەمما، كۆپ كىتاب ئوقۇش، كۆپ يېزىپ بېرىش ئارقىلىي تەدرىجىي يىتىلدۈرۈۋالغىلى بولىدۇ، بەزىدە قەلەم قۇۋۋىتى ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتى ۋە ئىلھامى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالىدۇ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، بىر يازمىنى يېزىش ئۈچۈن كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە قەلەم قۇۋۋىتىڭىزنى ئىپادىلەشكە تىرىشىڭ. ھېچ بولمىسا، يازمىنى پۈتتۈرۈشدىن بۇرۇن ئۆزىڭىز بىر قانچە  قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، ئۆزگەرتىش ۋە تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.

ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ ئۈچۈنچى ئادىتى:  دېپلوماتىيەگە ماھىر كېلىدۇ

best-tips-for-bloggers03

بلوگ – سىزنىڭ توردىن ئىبارەت بۇ سۈنئىي دۇنيادىكى ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق بىر خانىڭىزدۇر. خۇددىي رىئال دۇنياغا ئوخشاشلا، مەيلى خالاڭ ياكى خالىماڭ، بلوگدىن ئىبارەت خانىڭىزنىڭ ئىچ-سىرتىدا ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق مۇناسىۋەت دائىرىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە مەجبۇرسىز. مۇناسىۋەت دائىرىڭىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى سىزنىڭ دېپلوماتىك ئالاقە ئىقتىدارىڭىز بىلەن باغلىق. يۈكسەل، سەھرالىق، بىردادا، مۇئەللىم، دوغاپ، تەشنا  دېگەندەك بلوگگېرلارغا قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەر قايسى بلوگ-قىشلاقلاردا بۇلارنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئۆزىنىڭ خانىسىدىمۇ باشقا بلوگگېرلانىڭ توختىماي قەدەم-تەشرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، چۈنكى، بلوگنى ئاۋات قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۆزىڭىز. سىز باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭ يۇ، باشقىلارنىڭ كەپىڭىزدىن چۈرگىلەپ كېتەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلسىڭىز تازا ئاقىلانە چارە ئەمەستۇر.

شۇڭلاشقا، بلوگ يېزىش بىلەن بىرگە، باشقا بلوگلارغا پەتىلەپ بېرىشكىمۇ، بلوگگېر توپلىرىغا قېتىلىپ، باشقا بلوگگېرلار بىلەن دېپلوماتىك ياكى غەيرىي دېپلوماتېك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقىمۇ مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىڭ.

ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ تۆتىنچى ئادىتى: بلوگىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ

best-tips-for-bloggers04

ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ يەنە مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۆزىنىڭ زىيارەتچىلىرىگە ساھىب چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ۋاقتىدا جاۋاب يازىدۇ، پىكىرلىشىدۇ. بوپتۇ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ياخشى ئەمەس، دېپلوماتىيىگىمۇ ياخشى چىقمىدىڭىز، يۇمۇر ھۈجەيرىڭىزمۇ كەم، ئەمما بلوگىڭىزغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ساھىپ چىقالمىسىڭىز، بلوگ يازماي، ئاشخانا ئاشسىڭىز ياخشى. چۈنكى، بلوگىغا چۈشكەن ئىنكاسقىمۇ جاۋاب يېزىشقا ئىرىنگەن بلوگگېرنى بەلكىم مەندىن باشقىسى ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىن.

بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، بلوگىڭىزغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەستىقلاپ، مۇناسىپ ھالدا جاۋاب يېزىپ تۇرۇڭ.

ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ بەشىنچى ئادىتى:  يۇقارقى تۆت ئادىتىنى تاشلاپ قويمايدۇ

best-tips-for-bloggers05

شۇنداق، مەن بىلىدىغان ئالقىشقا ئېرىشكەن بلوگگېرلارنىڭ نۇرغۇنلىرى يۇقارقى بىرىنچىدىن تۆتىنچىگە بولغان ئادەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن «بەشتە ياخشى» بلوگگېرلاردۇر. ماڭا ئىشىنىڭ!…

ئاخىرىدا مەزكۇر يازما ئۈچۈن ئىشلەتكەن رەسىملەرنى تەمىنلىگەن ئەجرىم بلوگىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. خەيىر، ھازىرلەتىن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن……

The post ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ 5 ئادىتى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/alqishlanghan-bloggerning-5-aditi/feed/ 30