
ئوقۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۇزاق بوپتىكەن ئۇسلۇب بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى. ھازىر ھەممە ئىشنى تېلىفوندىلا پۈتتۈرگىلى بولىدىغان بۇ مەزگىلدە كود يازغىلى كومپىيۇر ئالدىغا كەلمىسە، باشقا چاغدا دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ بىر ئىش قىلغىسىمۇ كەلمەيدىكەن. تۆنۈگۈن داڭلىق ئۇسلۇب بازىرى «پۇستانى»(ئېلان بولۇپ قالمىسۇن ئىسمىنى دېمەي)دىن ھازىرقى ئۇسلۇبنى ئۇچرىتىپ قېلىپ شۇ ھامانلا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشتۈم.
شۇنىڭ بىلەن ئۇسلۇبنى سېتىۋېلىپ تەڭشەشنى باشلىدىم. تەڭشەش جەريانىدا بايقىسام بۇرۇنقى ئۇسلۇبۇمغا ئوخشىمايدىغان يېرى كۆپرەككەن، ئۆزۈم بۇرۇنقى ئۇسلۇبغا كۆنۈپ قالغاچقا يېڭى شەكىلدە مېڭىشقا تاۋىم تارتماي، ئۇسلۇبقا بۇرۇنقى ئۇسلۇبىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلدىم. خەت نۇسخىسى «ئەلپىدا»نى تاشلاپ «UKIJ Tuz Tom»نى ئىشلەتتىم. ئۇسلۇب تەڭشەش جەريانىدا «دوغاپ» ياسىغان قىستۇرمىنىڭ كودىدىن ياخشى پايدىلاندىم(بۇ قىستۇرما ئۇسلۇب تەڭشەشنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تونۇشۇتۇشنى خېلىلا ئاسانلاشتۇرۇپتۇ!)، ئۇسلۇب ئۆزىدىن ماسلىشىشچان بولغاچقا يانفون بەتلەرنى تاشلىۋەتتىم. تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلاپ ئۆزگەرتىشنى باشلىغان، ھازىر مانداق قاراپ باقسام خېلى ئىسكەتلىك بولۇپ قاپتۇ. ئۇسلۇبۇم ياققان بولسا سەھىپىلەرنىڭ يېنىدىكى يۈرەك شەكلىنى بېسىپ «زەن» قىپ قۇيارسىلەر…

يىڭى چاپانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن بىگىم .
ئۇسلۇب كۈركەم پاكىزە چىراي چىقىپتۇ ، مەن ياقتۇردىغان ئۇسلۇبلاردىنكەن …
بۇرۇنلاردا مۇشۇنداق ئۇسلۇبلار پات -پات تارقىلىپ تالىشىپ كىتىدىغان بىزگىمۇ بارمۇ دەپ، ھازىر ئالدىراشلىق ھەممىمىزنى ئالدىغا سىلىۋىلىپ بىكالىق نەزىر قىلدىغانلارمۇ يۇقاپلا كەتتى …
رەھمەت.
سىز دېگەندەك ئەھۋاللار بولۇپ قالدى، قانداق قىلساقمۇ توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئۆزگىرىش بولغان ئوخشايدۇ.
ھە راست، سىز دېگەن ئۇسلۇب بىلەن بۈگۈن ھەپىلىشىپ باققان ئىدىم، بۇ ئۇسلۇبنىڭ كودى بەك قالايمىقان ئىكەن، ئەجەبا ئەسلى ئۇسلۇب ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟
شۇنداق كودلىرى سەل قالايمىقان ئۇسلۇبكەن ، ئەمما مەن سىزگە ئەۋەتكىنى ئەسلى ئۇسلۇب شۇ ئىدى …
چىرايلىق ئۇسلۇبكەن، ئادەتتە ئەرەپ-تىلى شەكىىلدىكى ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرامسىز ياكى ئېنگىلىسچىدىكىنىمۇ؟
ئاندىن خەت نۇسخىسى ئۆزگەرىلىپ بەك ياخشى بوپتۇ، بۇرۇن ئوقۇش سەل قولايسىزتى.
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. ئادەتتە ماڭا قايسىسى چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى ئۆزلەشتۈرىمەن، خەت نۇسخىسىنىمۇ باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئالماشتۇرغان ئىدىم، ماڭىمۇ يېقىپ قالدى.
ما ئۇسلۇب كۆركەم ھەم چوڭ سۈپەت ئۇسلۇبكەن. بېگىمغا تازا يارىشىپتۇ . كۆزلەر 🙁 🙁 🙁 :sad:مۇشنا بوپ كەتتى
ھى ھى، رەھمەت رەھمەت. بلوگىڭىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ چىكەتتىم، چاي قۇيمامسىز؟
يېڭى چاپان يارىشىپتۇ بىگىم،مۇبارەك بولسۇن
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
يارىشىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن. ھازىر بىلوگ يازىدىغانلارمۇ يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن.
مەن بلوگ يېزىۋاتقان، ئوقۇش بەك ئالدىراش بولغاچقا جىقراق يازما يېزىپ بۇلامماي، تىرىشىپ داۋاملاشتۇرىمەن.
ئۈزلىرىمۇ يۇقاپ كىتىۋاتىلا بىلوگنى تاقاپ قۇيۇپ …
رەھمەت ھاجى،
سىزمۇ يوقاپ كەتمەي يېزىپ تۇرۇڭ.
يېقىشلىق ئۇسلۇبكەن، لېكىن بۇرۇنقى ئۇسلۇبىڭىزدەك قولايلىق چىقمىغان چىراي.
شاماللار ھەر تەرەپتىن چىقىۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە بلوگىچىلىق يولىدا تەمتىلەپ قانچىلىك ماڭالايمىز بۇنىسى نامەلۇم، قېنى مېڭىپ باقمامدۇق، تېنىم ساق-سالامەت بولسىلا بلوگىمنى توختىتىپ قويمايمەن، بلوگ مېنىڭ مۇڭدىشىم، سىردىشىم، ھەمراھىمدۇر. ھەر ۋاقىت تۆۋەن ئاۋازدا قەلب سىرلىرىمنى پىچىرلاپ تۇرىدىغان ئارامگاھىمدۇر.
بۇ كۈنلەردە يىڭى يازمىڭىزنىمۇ كۈرەلمەيۋاتىمىز …؟
رەھمەت ھەدە،
ھەقىقەتەن سەل كېلەڭسىزرەك بولۇپ قالدى، ئەمما كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دەپتىكەن، بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالارسىز.
شۇنداق، مەنمۇ قاچان توختاپ قېلىشنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن بەكرەك ئوي-خىياللىرىمنى كۆپرەك يېزىپ تۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن. يوقاپ كەتمەي يوقلاپ تۇرۇڭ ھەدە. ئىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.
راس، ماۋۇ ئۇسلۇبتا بىر مەسىلە بارئىكەن. ئىنكاس يازغاندا تور ئادىرسىنى يازسا، تەخەللۇسىدا توربېتىگە ئۇلىىنىش شەكىللەنمەيدىكەن. ئىنكاس بۆلىكىدە ئشلىمەيدىكەنيۇ، ياندىكى ئىنكاس دىگەن قىستۇرما بۆلىكىدە ئشلەيدىكەن.
مەن سىز دېگەن شەكىلگە ئۆزگەرتىپ چىقاي.
يېڭى ئۇسلۇبىڭىز يارىشىپتۇ.
رەھمەت.
بۇ ئۇسلۇبمۇ راھەت چىقىپتۇ جۇمۇ، داۋاملاشتۇرۇڭ تېخىمۇ ياخشى قىلىپ
رەھمەت ئەزىز دوستۇم.