بۈگۈن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، كېرىل يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشتۇرىدىغان قىستۇرما ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشتۇرتۇرغۇسىمەن. ئۈنۈمىنى بلوگىمدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.
قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://github.com/uyghurbeg/uls
بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://www.uyghur.blog/wp-content/uploads/2018/12/uls-master.zip
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. ھۆججەتلەرنى ۋوردپرەسس قاچىلانغان باش مۇندەرىجىگە قۇيۇڭ؛2. تور نامىڭىزنىڭ ئارقىسىغا yengila.phpنى ئۇلاپ تور كۆرگۈچتە ئېچىڭ، مىسالغا: http://www.tornamigiz.com/yengila.php
ئاچقاندىن كېيىن قىستۇرما ئوڭۇشلۇق ھالدا تاماملانغان بولىدۇ.
ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن بلوگىڭىزنىڭ تور ئادرېسىنى بۇ شەكىلدە ئېچىپ باقسىڭىز بولىدۇ:
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۈچۈن: www.www.tornamigiz.com/?uls=ul
ئۇيغۇر كىرىل/سلاۋىيان يېزىقى ئۈچۈن: www.www.tornamigiz.com/?uls=us
ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ئۈچۈن: www.www.tornamigiz.com/?uls=uu
بلوگىمدىكى مىسال:
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۈچۈن: https://www.uyghur.blog/?uls=ul
ئۇيغۇر كىرىل/سلاۋىيان يېزىقى ئۈچۈن: https://www.uyghur.blog/?uls=us
ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ئۈچۈن: https://www.uyghur.blog/?uls=uu
كۆپ كۆرۈلگەن مەسىلىلەر:
- مەزكۇر قىستۇرما بەزى ئۇسلۇبلاردا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن، سەۋەبى نامەلۇم؛
- يېزىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر ھەرپنى تەكشۈرىدىغان بولغاچقا، بەزى ئۇزۇن تېكست بار بەتلەرنى ئالماشتۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزاق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، ھەتتا بەتلەر ئېچىلماي ئاق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا بەتنى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا قايتۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ؛
- توربىكەت ئەسلىدىن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا پۈتكەن بولسا شۇنداقلا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى؛
- قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولۇپ، ۋوردپرەسسنىڭ نەشىرى يېڭىلاش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز قىستۇرما ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن، بۇ چاغدا www.www.tornamigiz.com/yengila.php نى بېسىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.
تەڭشەش ھەققىدە بىر قىسىم كۆرسەتمە
- مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى مەنبە يېزىق بىلەن ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان نىشان يېزىقنىڭ css ۋە باشقا ھۆججەتلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بېرىپ، ئاندىن يېزىقلارنى ئالماشتۇرىدىغان بولغاچقا، ئوڭدىن سولغا باشلىنىدىغان ئەرەب يېزىقى ئۈچۈن خاس css ھۆججىتى، سولدىن ئوڭغا باشلىنىدىغان يېزىق ئۈچۈنمۇ خاس بىر css ھۆججىتى تەييارلىشىڭىز كېرەك(تەييارلىمىسىڭىزمۇ بەتلەرنىڭ يېزىقى ئالمىشىۋېرىدۇ، ئەمما بەتنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ). ۋە بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىسمىنى uls.php ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك يەرگە قۇيۇڭ، مىسال كود(مىسال كوددىكى style.css ئوڭدىن سولغا باشلىنىدىغان ئەرەب يېزىقىغا، ltr.css سولدىن ئوڭغا باشلىنىدىغان يېزىقلارغا ۋەكىل قىلىدۇ):
function ayladur($out)

if($_SESSION['uls'] == "ul")

$out=U2L($out);
$out=str_replace("style.css", "ltr.css", $out);
$out=str_replace("bootstrap.min.css", "bootstrap.min.ltr.css", $out);

else if($_SESSION['uls'] == "us")

$out=U2S($out);
$out=str_replace("style.css", "ltr.css", $out);
$out=str_replace("bootstrap.min.css", "bootstrap.min.ltr.css", $out);

else if($_SESSION['uls'] == "ut")

$out=U2T($out);
$out=str_replace("style.css", "ltr.css", $out);
$out=str_replace("bootstrap.min.css", "bootstrap.min.ltr.css", $out);

return $out;

2. يېزىق ئالماشقاندا كېڭەيتىلگەن رايون يېزىقىنىڭمۇ قۇشۇلۇپ ئالمىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېزىقلارنىڭ ئىسمىغا ئۇنىڭ كودىنى ئىشلىتىڭ.
ئۇيغۇرچە(ئەرەب يېزىقى) ئۈچۈن:
ئۇيغۇرچە
УЙҒУРЧӘ (كىرىل يېزىقى) ئۈچۈن:
Уйғурчә
Uyghurche(لاتىن يېزىقى) ئۈچۈن:
Uyghurche
ئۆرنەك:

Уйғурчә | Uyghurche | uyğurçe | ئۇيغۇرچە

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭىلاندى : بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەندى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىگىم، مېنىڭ بىر تەكلىپىم بار ئىدى، بولسا ئىلگىرىكى ئۇيغۇربەگ بلوگى خاسلىقىدا ۋوردپرەس تەتقىقاتى سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىڭىز، ۋوردپرەس ھەققىدىكى كونا يازمىلارنى بولسىمۇ قايتا توپلاپ يوللاپ قويغان بولسىڭىزچۈنكى ھازىر ۋوردپرەس ھەققىدىكى تور بەت ۋە بلوگلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولۇپ قالدى، نۇرقۇت تورىدىن خېلى ياخشى نەرسىلەرنى تاپقىلى بولاتتى، بەگلىكتىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي نۇرقۇتمۇ تاقالدى، ھازىر بلوگچىلىققا دائىر كەسپىي تور بەتلەردىن پەقەت خەنچە تور بەتلەرلا قالغاندەك، ئانا تىلدىكى بلوگلار ئۈچۈن بولسىمۇ ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز
ھازىر خىزمەت ۋە ئائىلە ئىشى بىلەن بەك ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىممۇ ۋوردپرېس بىلەن بەك ئالاقىسىمۇ قالمىدى، بەلكىم ئۆز دائىرەم ئىچىدە يازما يوللاپ تۇرۇشىم مۇمكىن. رەھمەت
ياخشىمۇ سىز،مۇنۇ قىستۇرما emlog بىلوگ بەت سىستىمىسىغا قانداق ماسلاشتۇرىمىز
ياخشىمۇسىز، emlogغا ئىشلىمەيدۇ.
چۈشمىدى مۇشۇ بەتكىلا تەمىنلىگەن بولسىڭىز
قوشۇپ قويدۇم.
سالام
مۇشۇ wordpress كە ئۇسلۇپ ياساش ۋە ئۇسلۇپ يەرلىكلەشتۇرۇش دەرىسلىكى بولسا يوللاپ قويسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى
سالام،
مۇشۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ كۆپ پىكىر چۈشكەن ئىدى، ئەمما ھېچ قىلىپ بولالمىدىم، چۈنكى كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئاتاش شۇنداقلا مېكروفوندا ھەددىدىن زىيادە دۇدۇقلاش مېنى بۇ ئىشتىن توختىتىپ قويدى.
سىزنىڭمۇ ئىشلىمەيدىكەنغۇ؟
ئىشلەۋاتتى…ئىشلىمىدى، ئەمدىچۇ؟
بەزى ئۇسلۇبلاردا سەل ۋاقىت ئالىدىكەن.
سالام دوسلار ، مىنىڭ بلوگىمغا يىراقتىكىلەر كىرىپ خاپا سالدى ، تەكلىپ قىلمىغان مېھمانلار بىرەر ھەپتە قارىمىسام مىڭلارچە يازما ، مىڭلارچە ئىنكاس قالدۇرۇپ قويىدۇ ، مۇشۇنى توسۇشنىڭ ئامالى بارمىدۇ ؟
spambee دېگەن قىستۇرمىنى قاچىلاپ قۇيۇڭ.