Notice: Function _load_textdomain_just_in_time was called incorrectly. Translation loading for the acf domain was triggered too early. This is usually an indicator for some code in the plugin or theme running too early. Translations should be loaded at the init action or later. Please see Debugging in WordPress for more information. (This message was added in version 6.7.0.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Notice: add_theme_support( 'html5' ) فونكسىيە خاتا چاقىرىلغان. سىز يەتكۈزمەكچى بولغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ تىپى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلانى Wordpress دە خاتالىق تېپىش دىن كۆرۈڭ. (بۇ تېكىست 3.6.1 نەشرىدە قوشۇلغان.) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php on line 6121

Warning: session_start(): Cannot start session when headers already sent in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-content/plugins/wp-uighur-uls/wp-uighur-uls.php on line 20

Warning: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/functions.php:6121) in /home/sites/17a/8/8716b9a90c/public_html/wp-includes/feed-rss2.php on line 8
ئۇيغۇر بلوگى https://uyghur.blog/ نېمە يېزىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن Mon, 01 Sep 2025 10:52:44 +0000 ug-CN hourly 1 https://wordpress.org/?v=6.8.6 ۋاقىت ئاتقان ئوق – 4 يىل بولاپ قاپتۇ مانا https://uyghur.blog/waqit-atqan-oq-4-yil-bolap-qaptu-mana/ https://uyghur.blog/waqit-atqan-oq-4-yil-bolap-qaptu-mana/#respond Mon, 01 Sep 2025 10:52:44 +0000 https://uyghur.blog/?p=7397 ھەي… تۇيۇقسىز بىر بلوگىمنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ ئارقا سۇپىغا كىرىپ قارىۋىدىم، ئالدىنقى يازمامغىمۇ 4 يىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ۋاقىتنىڭ قانچىلىك تېز ئۆتىدىغانلىقىغا، ھاياتنىڭ نەقەدەر...

The post ۋاقىت ئاتقان ئوق – 4 يىل بولاپ قاپتۇ مانا appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
ھەي… تۇيۇقسىز بىر بلوگىمنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ ئارقا سۇپىغا كىرىپ قارىۋىدىم، ئالدىنقى يازمامغىمۇ 4 يىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ۋاقىتنىڭ قانچىلىك تېز ئۆتىدىغانلىقىغا، ھاياتنىڭ نەقەدەر قىسقىلىقىغا ئىشەنمەي تۇرالمىدىم.

بۇ تۆت يىلدىن نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. مەن ئىشلەش ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بىلەن ئالدىراش بولدۇم. ئىككى پەرزەنتلىك بولدۇم، ئوقۇشۇم تۈگەپ گېرمانىيەدىكى ياخشى بىر يەردە يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، قىلىدىغان ئىشىم ياقتۇرىدىغان ئىشىم بولغاچقا خېلى كۆڭۈللۈك.

سالامەتلىكىممۇ ياخشى، ئەمما بۇرۇنقىدەك خۇشال ئەمەس، ياش چوڭايغانسىرى شۇنداق بولامدۇ، بالىلارنىڭ-تۇرمۇشنىڭ بېسىمى شۇنداق قىلىۋېتەمدۇ، ياكى يۇرت سېغىنىشىدىنمۇ مەنمۇ بىلەلمىدىم، بۇ غېرىبانە بلوگغا كىملەر كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ بىلگۈم بار، ئەمما قانداق بىلىشنىمۇ بىلەلمىدىم.

ئىشقىلىپ، نەدە بولساڭلار، ئامان بولۇڭلار، سالامەت بولۇڭلار، سىلەرنى سېغىنىپ…

The post ۋاقىت ئاتقان ئوق – 4 يىل بولاپ قاپتۇ مانا appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/waqit-atqan-oq-4-yil-bolap-qaptu-mana/feed/ 0
تاقا-تۇققا زەنجىر ھالقا، دەرەخقىمۇ چىقىپ قاپتۇ پوتلا… https://uyghur.blog/taqa-tuqqa-zenjir-halqa-derexqimu-chiqip-qaptu-potla/ https://uyghur.blog/taqa-tuqqa-zenjir-halqa-derexqimu-chiqip-qaptu-potla/#comments Mon, 15 Mar 2021 09:38:50 +0000 https://uyghur.blog/?p=7381 سالام كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ ئەسرارلىشىپ باقمىغىلى، ھەممىڭلا سالامەت، ۋىرۇسدىن خالىي ياشاۋاتقانسىلە؟ ئەسلى يازىدىغانلىرىم بەك كۆپ، ئۇلارنىڭ نېمىنى يېزىشنى بىلەلمەي كاللام بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى. بۇرۇنقى...

The post تاقا-تۇققا زەنجىر ھالقا، دەرەخقىمۇ چىقىپ قاپتۇ پوتلا… appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

سالام كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ ئەسرارلىشىپ باقمىغىلى، ھەممىڭلا سالامەت، ۋىرۇسدىن خالىي ياشاۋاتقانسىلە؟ ئەسلى يازىدىغانلىرىم بەك كۆپ، ئۇلارنىڭ نېمىنى يېزىشنى بىلەلمەي كاللام بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى. بۇرۇنقى يېزىقچىلىق ئ‍ۇسلۇبلىرىمنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىمنى بىلىپ تۇرىمەن، شۇنداقتىمۇ بۇ يازمىدا ئۆزەمدىن ئازراق ئۇچۇر بېرىشنى ئويلىشىپ قالدىم.

ئاۋۋال ئۆزەمدىن بىر قىسقىچە مەلۇمات بېرىۋېتەي، بىر يېرىم يىلدىن بىرى مەلۇم بىر شىركەتتە پروگراممېر بولۇپ ئ‍ىشلەپ، چاچلىرىم چۈشۈپ تاز بولۇپ قالاي دېدىم(ھەرقايسى كەسىپداشلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام، سىلەرنىڭ جاپايىڭلارنى ئەمدى بىلىپ تۇرۇپتىمەن). ھەر قېتىم خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئەدەبىياتتا باكلاۋۇرلۇق، مائارىپ باشقۇرۇشتا ماگېستىرلىق، خەلقئارا تىجارەتتە 2 يىل بىلىم ئاشۇرۇپ ئوقۇپ، ساياھەت يېتەكچىلىكى ۋە تەرجىمانلىقتا ئىشلارنى قىلىپ، پروگراممېرلىقتا ئىشلەۋاتقىنىمنى ئېيتقاچ ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى تاماشا قىلىمەن. كېيىن بۇ ئىشمۇ ئاقمىسا مېۋە ساتايمىكىن دەيمەن. تۇرمۇش ئادەمنى نېمە كويغا سالمايدۇ دەيسىلە…

ئىشىمغۇ ھازىر خېلى ياخشى، باشتا بۇنداق چوڭ شىركەتكە كىرىۋېلىپ ھېچنىمىنى بىلمىسەم قانداق قىلامەن دېگەن، كېيىن بىلدىمكى، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان قورال ۋە پروگرامما تىللىرى كەسپىگە ئاساسەن بولىدىكەن، بىزنىڭ كەسىپ توردا ئۆگىنىش بولغاچقا، ئاساسەن توربېكەت ياساش ياكى توربېكەت ياساش قوراللىرىنى ياسايمىز، شۇڭا بلوگ يېزىش جەريانلىرىدا ئۆگەنگەن HTML + CSS + JAVASCRIPT ۋە كېيىن ئۆگەنگەن Objective-Cنىڭ پايدىسى بەك بولدى، ئىشقا كىرگەندىن كېيىن ئاۋۋال PHP ئۆگەندىم، كېيىن شىركەت مېنىڭ JAVASCRIPT دىكى قىزىقىشىم ۋە ئالاھىدىلىكىمگە ئاساسەن، node.js + express.js + mongoDB غا يېتەكلىدى، ئۆزەم پويىزدا ئىشقا بېرىپ كەلگۈچە vue.js ئۆگەندىم، ھازىر بۇلار بىلەن ئالدى-ئارقى تەرەپلەر ئىشلىرىنى قىلىمەن. شۇڭا بۇ كەسىپكە كىرىشنى ئويلىغان ھەر قانداق كىشىگە بىر ئاي ۋاقىت چىقىرىپ HTML + CSS + JAVASCRIPT ئۆگىنىشىنى، ئاندىن ئوبېكيىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تىلىدىن خالىغان بىرىنى(C#, JAVA, PHP دېگەندەك)لەردىن ئاساس چىقىرىپ قۇيۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىم ھازىر ئۈچ ياشقا كېرەي دېدى، ھازىر بىزنى دوراپ، تېلىۋىزوردىن ۋە بىزدىن ئ‍ۆگەنگەن ئوماق گەپلىرى، تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن بىزنى كۆيدۈرۈپ جاننى ئالىدۇ، ئىش ۋاقىتلىرى قېيىنچىلىققا يۇلۇقسام قىزىمنىڭ چۈچۈك تىللرىدا دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىۋېتىپ ئۆزەمنى راسلىۋالىمەن. يۇقۇم سەۋەبىدىن مەكتەپلەر تاقاق بولغاچقا تېخى يەسلىگە بارالمىدى، بارسا باشقا باللاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىپ قانداق يامان بوپ كېتەر دەپ ئويلاپ يۈرىمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە تۈرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشتىم(قاتنىشىۋاتىمەن)، بۇ ھەقتە كېيىنرەك تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشىم مۇمكىن. ئائىلە، خىزمەت ۋە تەرجىمانلىق ئىشلىرى بىلەن بىكار ۋاقتىممۇ ئاساسەن قالمىدى، بلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم ۋە ئوقۇرمەنلىرىمگە بولغان مەسئۇلىيىتىم ھېلىھەم بولغاچقا،مەزكۇر بلوگنىمۇ بۇرۇنقى ئاساسلىق تېمام بولغان WordPress ھەقتە بىر قانچە بىر يېڭىلاپ تۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن، لېكىن قىسقا-قىسقا تۇرمۇشقا ئائىت يازمىلار ياكى ئاساسلىقى يېڭى قىستۇرما-ئۇچۇرلار بولغان ئۇچۇر خاراكتىرلىق يازمىلار بىلەن تەمىنلىشىم مۇمكىن.

كېلەر قېتىملىق يازمامدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەي: يېڭىدىن ياسالغان WordPress يېزىق ئالماشتۇرۇش قىستۇرمىسىنى تونۇشتۇرغۇسىمەن…

 

The post تاقا-تۇققا زەنجىر ھالقا، دەرەخقىمۇ چىقىپ قاپتۇ پوتلا… appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/taqa-tuqqa-zenjir-halqa-derexqimu-chiqip-qaptu-potla/feed/ 3
گۇگېل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش https://uyghur.blog/gugel-terjimani-arqiliq-uyghurche-beketlerni-bashqa-tillargha-terjime-qilish/ https://uyghur.blog/gugel-terjimani-arqiliq-uyghurche-beketlerni-bashqa-tillargha-terjime-qilish/#comments Fri, 28 Feb 2020 21:11:34 +0000 https://www.uyghur.blog/?p=7362 تىشلىقمۇ كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ بلوگىمغا بىر نەرسە يوللاپ باقمىغىلى. بىلگىنىڭلاردەك ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلدى. قىززىقچى تورداشلار گۇگېل تەرجىمانىغا بىزمۇ ئاران چۈشۈنۈدىغان قوشاق–چاقچاق، ماقال–تەمسىللەرنى...

The post گۇگېل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

تىشلىقمۇ كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ بلوگىمغا بىر نەرسە يوللاپ باقمىغىلى. بىلگىنىڭلاردەك ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ گۇگېل تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قوشۇلدى. قىززىقچى تورداشلار گۇگېل تەرجىمانىغا بىزمۇ ئاران چۈشۈنۈدىغان قوشاقچاقچاق، ماقالتەمسىللەرنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، گۇگېل تەرجىمانىنىڭ بىڭسىنى سىناپمۇ كۆرۈشتى. ئەلۋەتتە، كەمىنەمۇ بىر قانچە شېئىرلىرىمنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ باقتىم، تەرجىمە سۈپىتى يامان ئەمەس چىقتى.

ئەلۋەتتە، ماشىنا تەرجىمە بولغان ئىكەن، تەرجىمە بىر قەدەر تۈز ۋە ئۆلۈك چىقىدۇ، مۇرەككەپ جۈملە، كەسپىي ئاتالغۇلار، كىچىك تىللارنىڭ تەرجىمىلىرىدە ئېنىقلا كەمتۈكلۈك بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ گۇگېلدەك بىر گىگانىت شىركەتنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوشقانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ تىلنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا گۇگېلنىڭ تەرجىمە مۇنبىرى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەرجىمە ئامبىرىنى كېڭەيتىپ، تەرجىمە سۈپىتىگە ھەسسە قۇشالايدۇ

كىشىنى ھەممىدىن بەك خۇرسەن قىلىدىغىنى گۇگېل تەرجىمانىنىڭ تەرجىمە ئىقتىدارى كۆپ يۆنىلىشلىك بولۇپ، سىز خالىغان بىر تىلنى گۇگېل قوللايدىغان باشقا تىللارنىڭ ھەممىسىگە تەرجىمە قىلالايسىز، يەنى گۇگېل تەرجىمانىدىكى باشقا 100 تىلدىكى مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچىغا، ئۇيغۇرچىدىكى مەزمۇنلارنى باشقا 100 تىلغا تەرجىمە قىلالايسىز. ناۋادا سىزنىڭ بىر تور بېكىتىڭىز بولسا، تور بېكىتىڭىزگە گۇگېل تەرجىمانى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسىڭىز 100 نەچچە خىللىق توربېكىتىڭىز بولدى دېگەن گەپ، قالتىسمىكەن؟ ئۇنىڭدىن باشقا، بىز بۇنىڭدىن كېيىن گۇگېلنىڭ ۋە باشقا گۇگېلنىڭ تەرجىمە مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلاردا ئانا تىلىمىزنىڭ ئىزناسىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن

ھاياجانلىنىپ مەزكۇر يازمىدا دېمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. خەۋەرلەردە گۇگېل تەرجىمانى توربېكەتلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى قوللايدۇ دېيىلگەن، كەمىنە سىناپ باقتىم، ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلغىمۇ، باشقا تىلدىن ئۇيغۇرچىغىمۇ قوللايدىكەن. ئۆرنەك ئۈچۈن مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە بلوگدىكى بىر يازمىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەيلى:

ئەسلىسى:

تەرجىمە ئۈنۈمى:

تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى ئېچىڭ، ئۇيغۇرچە توربېكەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈڭ، مەنبە تىلىنى ئۇيغۇرچە تاللاڭ، نىشان تىلنى خەنزۇچە تاللاڭ ۋە ياكى باشقا تىللارنى مەنبە تىلى قىلىپ نىشان تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.

https://translate.google.com/translate?hl=en&sl=zh-CN&tl=ug&u=https%3A%2F%2Fwww.baidu.com

The post گۇگېل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/gugel-terjimani-arqiliq-uyghurche-beketlerni-bashqa-tillargha-terjime-qilish/feed/ 6
ئۆھۆ ئۆھۆ… https://uyghur.blog/oho-oho.../ https://uyghur.blog/oho-oho.../#comments Mon, 09 Dec 2019 22:04:10 +0000 https://www.uyghur.blog/?p=7357 باشقا ئىش يوق، ھۆتەل تۇتۇپ قالغانتى، يوقلاپ كەلگەنلەر ئىنكاستا ھۆتۈلۈپ قويساڭلار…

The post ئۆھۆ ئۆھۆ… appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
باشقا ئىش يوق، ھۆتەل تۇتۇپ قالغانتى، يوقلاپ كەلگەنلەر ئىنكاستا ھۆتۈلۈپ قويساڭلار…

The post ئۆھۆ ئۆھۆ… appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/oho-oho.../feed/ 6
WordPress ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل يېزىق ئالماشتۇرۇش قىستۇرمىسى – uls https://uyghur.blog/wordpress-uchun-uyghurche-uch-xil-yeziq-almashturush-qisturmisi-uls/ https://uyghur.blog/wordpress-uchun-uyghurche-uch-xil-yeziq-almashturush-qisturmisi-uls/#comments Tue, 18 Dec 2018 22:33:13 +0000 https://www.uyghur.blog/?p=7339 بۈگۈن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، كېرىل يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقىنى ئ‍ۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشتۇرىدىغان قىستۇرما ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشتۇرتۇرغۇسىمەن. ئۈنۈمىنى بلوگىمدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ. قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش...

The post WordPress ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل يېزىق ئالماشتۇرۇش قىستۇرمىسى – uls appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

بۈگۈن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، كېرىل يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقىنى ئ‍ۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشتۇرىدىغان قىستۇرما ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشتۇرتۇرغۇسىمەن. ئۈنۈمىنى بلوگىمدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.

قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

https://github.com/uyghurbeg/uls

بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:

https://www.uyghur.blog/wp-content/uploads/2018/12/uls-master.zip

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

1. ھۆججەتلەرنى ۋوردپرەسس قاچىلانغان باش مۇندەرىجىگە قۇيۇڭ؛2. تور نامىڭىزنىڭ ئارقىسىغا yengila.phpنى ئۇلاپ تور كۆرگۈچتە ئېچىڭ، مىسالغا: http://www.tornamigiz.com/yengila.php
ئاچقاندىن كېيىن قىستۇرما ئوڭۇشلۇق ھالدا تاماملانغان بولىدۇ.

ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن بلوگىڭىزنىڭ تور ئادرېسىنى بۇ شەكىلدە ئېچىپ باقسىڭىز بولىدۇ:

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۈچۈن: www.www.tornamigiz.com/?uls=ul

ئۇيغۇر كىرىل/سلاۋىيان يېزىقى ئۈچۈن: www.www.tornamigiz.com/?uls=us

ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ئۈچۈن: www.www.tornamigiz.com/?uls=uu

بلوگىمدىكى مىسال:

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۈچۈن:  https://www.uyghur.blog/?uls=ul

ئۇيغۇر كىرىل/سلاۋىيان يېزىقى ئۈچۈن: https://www.uyghur.blog/?uls=us

ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ئۈچۈن: https://www.uyghur.blog/?uls=uu

كۆپ كۆرۈلگەن مەسىلىلەر:

  1. مەزكۇر قىستۇرما بەزى ئۇسلۇبلاردا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن، سەۋەبى نامەلۇم؛
  2.  يېزىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر ھەرپنى تەكشۈرىدىغان بولغاچقا، بەزى ئۇزۇن تېكست بار بەتلەرنى ئالماشتۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزاق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، ھەتتا بەتلەر ئېچىلماي ئاق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا بەتنى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا قايتۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ؛
  3. توربىكەت ئەسلىدىن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا پۈتكەن بولسا شۇنداقلا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى؛
  4. قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولۇپ، ۋوردپرەسسنىڭ نەشىرى يېڭىلاش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز قىستۇرما ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن، بۇ چاغدا www.www.tornamigiz.com/yengila.php نى بېسىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.

تەڭشەش ھەققىدە بىر قىسىم كۆرسەتمە

  1. مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى مەنبە يېزىق بىلەن ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان نىشان يېزىقنىڭ css ۋە باشقا ھۆججەتلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بېرىپ، ئاندىن يېزىقلارنى ئالماشتۇرىدىغان بولغاچقا، ئوڭدىن سولغا باشلىنىدىغان ئەرەب يېزىقى ئۈچۈن خاس css ھۆججىتى، سولدىن ئوڭغا باشلىنىدىغان يېزىق ئۈچۈنمۇ خاس بىر css ھۆججىتى تەييارلىشىڭىز كېرەك(تەييارلىمىسىڭىزمۇ بەتلەرنىڭ يېزىقى ئالمىشىۋېرىدۇ، ئەمما بەتنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ). ۋە بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىسمىنى uls.php ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك يەرگە قۇيۇڭ، مىسال كود(مىسال كوددىكى style.css ئوڭدىن سولغا باشلىنىدىغان ئ‍ەرەب يېزىقىغا، ltr.css سولدىن ئوڭغا باشلىنىدىغان يېزىقلارغا ۋەكىل قىلىدۇ):
function ayladur($out)
{
    if($_SESSION['uls'] == "ul")
    {
		$out=U2L($out);
		$out=str_replace("style.css", "ltr.css", $out);
		$out=str_replace("bootstrap.min.css", "bootstrap.min.ltr.css", $out);
    }
    else if($_SESSION['uls'] == "us")
    {
		$out=U2S($out);
		$out=str_replace("style.css", "ltr.css", $out);
		$out=str_replace("bootstrap.min.css", "bootstrap.min.ltr.css", $out);
    }
    else if($_SESSION['uls'] == "ut")
    {
		$out=U2T($out);
		$out=str_replace("style.css", "ltr.css", $out);
		$out=str_replace("bootstrap.min.css", "bootstrap.min.ltr.css", $out);
    }
    return $out;
}
 

2. يېزىق ئالماشقاندا كېڭەيتىلگەن رايون يېزىقىنىڭمۇ قۇشۇلۇپ ئالمىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېزىقلارنىڭ ئىسمىغا ئۇنىڭ كودىنى ئىشلىتىڭ.

ئۇيغۇرچە(ئەرەب يېزىقى) ئۈچۈن:

ئۇيغۇرچە

УЙҒУРЧӘ (كىرىل يېزىقى) ئۈچۈن:

Уйғурчә

Uyghurche(لاتىن يېزىقى) ئۈچۈن:

Uyghurche

ئۆرنەك:




<div style="direction: ltr; float: right; padding-right: 60px; padding-top: 6px; text-transform: capitalize;"> <a href="?uls=us">&#1059;&#1081;&#1171;&#1091;&#1088;&#1095;&#1241;</a> | <a href="?uls=ul">&#85;&#121;&#103;&#104;&#117;&#114;&#99;&#104;&#101;</a> | <a href="?uls=ut">uyğurçe</a> | <a href="?uls=uu">&#1574;&#1735;&#1610;&#1594;&#1735;&#1585;&#1670;&#1749;</a> </div>



2020-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭىلاندى : بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەندى.

The post WordPress ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل يېزىق ئالماشتۇرۇش قىستۇرمىسى – uls appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/wordpress-uchun-uyghurche-uch-xil-yeziq-almashturush-qisturmisi-uls/feed/ 12
WordPress 5 : كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچكە قايتىش https://uyghur.blog/WordPress-5-:-kilassik-tehrirliguchke-qaytish/ https://uyghur.blog/WordPress-5-:-kilassik-tehrirliguchke-qaytish/#comments Thu, 13 Dec 2018 11:20:08 +0000 https://www.uyghur.blog/?p=7330 WordPress 5 چىقتى دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپلا بلوگىمنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ(تۇنجى بولۇپ مەن يۇقىرىلاتتىمغۇ دەيمەن، پو ئېتىۋاتىمەندە..)، يازما يوللاشقا كىرىپ چۆچۈپ كەتتىم، ئىككى سائەتتەك يا يازما...

The post WordPress 5 : كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچكە قايتىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

WordPress 5 چىقتى دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپلا بلوگىمنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ(تۇنجى بولۇپ مەن يۇقىرىلاتتىمغۇ دەيمەن، پو ئېتىۋاتىمەندە..)، يازما يوللاشقا كىرىپ چۆچۈپ كەتتىم، ئىككى سائەتتەك يا يازما يوللاشنى، ياكى ئۇسسۇل ئويناشنى بىلەلمەي شۇنداق بېشىم قاتتى. يېڭى نەشىرى قىلدىم دەپ بېشىمغا قۇم تۆككەندەك بولۇپ، يەنە كونا نەشىرىگە چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم، ئەمما مەسىلە چىققانكەن ئۇنى ھەل قىلىۋەتمىسە بولمايدىغان ئېسىل مىجەزىم(يەنە بىر قېتىملىق پو ئېتىۋالدىمدە…) بىلەن بۇ ئىشنى ھەل قىلىۋېتىشكە بەل باغلاپ ئاخىرى ئۇتۇق قازاندىم. ئەمىسە، دىققىتىڭلار بۇ يازمامدا بولسۇن. 

1. ئارقا سۇپىغا كىرىڭ، ئاندىن قىستۇرما دېگەن تىزىملىكدىن «يېڭىدىن قۇشۇش» دېگەننى بېسىڭ.

2. ئىزدەش كۆزنىكىگە «classic editor» دەپ كىرگۈزۈڭ ياكى قىستۇرمىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

3، قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغىتىڭ(ئەگەر چۈشۈرگەن بولسىڭىز قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى بوشلۇقتىكى wp-content/plugins/ دېگەن ئورۇنغا يوللاپ ئارقا سۇپىغا قايتىپ قىستۇرمىلار تىزىملىكىگە قايتىڭ).

4. ئەمدى تەڭشەك(Settings) – يېزىش دېگەن يەرگە كىرىپ سۈكۈتتىكى تەھرىرلىگۈچنى كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچ دېگەننى تاللاپ «ئۆزگەرتىشلەرنى ساقلاش»نى بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. رەسىمدىكىدەك:

The post WordPress 5 : كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچكە قايتىش appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/WordPress-5-:-kilassik-tehrirliguchke-qaytish/feed/ 2
Objective-C ئارقىلىق يازما ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى خاسلاشتۇرۇش كودى https://uyghur.blog/Objective-C-arqiliq-yazma-elan-qilinghan-waqtini-xaslashturush-kodi/ https://uyghur.blog/Objective-C-arqiliq-yazma-elan-qilinghan-waqtini-xaslashturush-kodi/#comments Wed, 13 Jun 2018 11:09:25 +0000 https://uyghurbeg.net/?p=7020 سالام ئەزىزلەر، بۈگۈنكى يازمامدا مەن بۇرۇن بىر تۈردە ئ‍ىشلەتكەن، يازما ياكى يەزمۇننىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى «باياتىن يوللاندى، * مىنۇت بۇرۇن، * سائەت بۇرۇن» دېگەندەك شەكىلدە...

The post Objective-C ئارقىلىق يازما ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى خاسلاشتۇرۇش كودى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

سالام ئەزىزلەر، بۈگۈنكى يازمامدا مەن بۇرۇن بىر تۈردە ئ‍ىشلەتكەن، يازما ياكى يەزمۇننىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى «باياتىن يوللاندى، * مىنۇت بۇرۇن، * سائەت بۇرۇن» دېگەندەك شەكىلدە چىقىرىش كودىنى ھەمبەھىرلەپ ئۆتمەكتىمەن. كودنى بىۋاستە ئېلىپ ئىشلەتساڭلار بولىدۇ.

كود پىرىنسىپى ئۇسۇلى:
ئاۋۋال مۇلازىمىتىرنىڭ ۋاقتىنى تارتىپ ئالىمىز. ئاندىن ۋاقىت فورماتلىغۇچ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ فورماتىغا ئايلاندۇرىمىز، ئاندىن ئۇنى يۇقارقى ۋاقىت شەكلىگە ئايلاندۇرىمىز. ئىشلىتىدىغان يەرگە result نى تارتىپ ئېلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

//把字符串转为NSdate
NSDateFormatter *dateFormatter = [[NSDateFormatter alloc] init];
[dateFormatter setDateFormat:@"yyyy-MM-dd HH:mm:ss"];
NSDate *timeDate = [dateFormatter dateFromString:tima.date];//tima.date serverning waqti
NSDate *currentDate = [NSDate date];
NSTimeInterval timeInterval = [currentDate timeIntervalSinceDate:timeDate];
long temp = 0;
NSString *result; //result almiship bolghan waqti
if (timeInterval/60 &lt; 1)
{
result = [NSString stringWithFormat:@"بايىلا"];
}
else if((temp = timeInterval/60) &lt;60){
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld مىنۇت ئالدىدا",temp];
}
else if((temp = temp/60) &lt;24){
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld سائەت ئالدىدا",temp];
}
else if((temp = temp/24) &lt;30){
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld كۈن ئالدىدا",temp];
}
else if((temp = temp/30) &lt;12){
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld ئاي ئالدىدا",temp];
}
else{
temp = temp/12;
result = [NSString stringWithFormat:@"%ld كۈن ئالدىدا",temp];
}

The post Objective-C ئارقىلىق يازما ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى خاسلاشتۇرۇش كودى appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/Objective-C-arqiliq-yazma-elan-qilinghan-waqtini-xaslashturush-kodi/feed/ 2
ھېساۋات بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئويلىغانلىرىم https://uyghur.blog/hesawat-bixeterlikini-ashurush-jehette-oylighanlirim/ https://uyghur.blog/hesawat-bixeterlikini-ashurush-jehette-oylighanlirim/#respond Thu, 25 Jan 2018 08:54:21 +0000 https://uyghurbeg.net/?p=6606 بۈگۈن ئىشلەۋاتقاچ، ھېساۋاتلىرىمنىڭ «ھەرىكەت خاتىرىسى»نى تەكشۈرۈپ بېقىپ تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتتىم. خاتىرىلەردىكى ip ئادرېسلىرىغا قارىسام، يېقىندىن بۇيان ئېلخەت، ئۇيغۇربەگ بلوگى ھېساۋاتىمنى نامەلۇم يەرلەردىن يۇچۇن كىشىلەر ئېچىپ...

The post ھېساۋات بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئويلىغانلىرىم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

بۈگۈن ئىشلەۋاتقاچ، ھېساۋاتلىرىمنىڭ «ھەرىكەت خاتىرىسى»نى تەكشۈرۈپ بېقىپ تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتتىم. خاتىرىلەردىكى ip ئادرېسلىرىغا قارىسام، يېقىندىن بۇيان ئېلخەت، ئۇيغۇربەگ بلوگى ھېساۋاتىمنى نامەلۇم يەرلەردىن يۇچۇن كىشىلەر ئېچىپ بېقىپتۇ.

تەھلىل قىلىپ باقسام، مەن پارولۇمنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىگە ئىشىنىپ، ئوخشىمىغان يەرلەردىكى بارلىق ھېساۋاتلىرىمغا ئوخشاش پارول ئىشلىتىپ كەپتىمەن، ناۋادا باشقىلار مېنىڭ بىر ھېساۋاتىمنىڭ پارولىغا ئېرىشىپلا قالالىسا دېمەك، باشقا بارلىق ھېساۋاتلىرىمغا كىرىپ-چىقالايدىكەن. گەرچە ھازىرغىچە بۇ ھېساۋاتلىرىمدىن بىرەر قالايمىقانچىلىق چىقمىغان بولسىمۇ، مېنى ئازراق سەگىتىپ قويدى.

ئەلۋەتتە، ھېساۋات بىخەتەرلىكى جەھەتتە كۆپىنچىمىزنىڭ تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭلاشقا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھېساۋات بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن، ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە قىلىپ ئ‍ورتاقلىشىشنى ئويلاشتىم.

1. پارولغا ئۆزىڭىزنىڭ ياكى جۆرە-بالىلىرىڭىزنىڭ مۇھىم كۈنلىرىنى، مەسىلەن تۇغۇلغان كۈنى، توي خاتىرە كۈنى دېگەندەك كۈنلەرنى بېكىتمەڭ.

2. پارولىڭىزنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولسۇن. يەنى، پارولىڭىز ئەڭ ئاز 12 خانلىق، شۇنداقلا چوڭ-كىچىك ھەرىپلەر، سان ۋە بەلگىلەردىن تۈزۈلسۇن. ئىشلەتكەن پارولىڭىزنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى تور بېكەتكە كىرگۈزۈپ ئۆلچەپ باقسىڭىز بولىدۇ:

http://www.passwordmeter.com/

3. شەخسىي ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن بىر ئېلخەت، خىزمەت ئۈچۈن بىر ئېلخەت، ئىشەنچلىك ئالاقە تورلىرىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن بىر ئېلخەت باشقا كىچىك-نامەلۇم تور بېكەتلەرگە تىزىملىتىش ئۈچۈن يەنە باشقا بىر ئېلخەت ئىشلىتىڭ.

4. ھەر بىر ئېلخەت، ھېساۋاتىڭىزنىڭ پارولى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىسىز بولسۇن.

5. يۇچۇن تور بېكەتلەر ياكى ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەن توربېكەتلەر(مەسىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان بېكەتلەر)گە كىرگەندە پارولنى ساقلىۋېلىش تاللىشىنى تاللىماڭ.

6. ئەلۋەتتە، يۇقارقىلىرى پەقەت پارولنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى ھېساۋاتنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېلخەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە توربېكەتلىرىڭىزگە «ئىككى قەدەملەپ تەستىقلاش»(two step vericifation) ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىڭ. ھازىر ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە توربېكەتلىرى ۋە ئېلخەت سۇپىلىرىنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇ ئىقتىدارنى ئېچىش ئۈچۈن بىر ئۇچۇر قۇبۇل قىلالايدىغان يانفون نومۇرى كېرەك بولىدۇ. ئىقتىدارنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا يەردىن ئېلخەتكە كىرمەكچى بولسىڭىز ئادرېس ۋە پارولنى كىرگۈزگەندىن كېيىن يانفونىڭىزغا تەستىق كودى كېلىدۇ، بۇلارنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ئېلخېتىڭىز ياكى ھېساۋاتلىرىڭىزغا كېرەلەيسىز.

7. پارولىڭىزنى ھەرگىز كومپىيۇتېردا ساقلىماڭ، ئامال بار ئەستە تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىڭ. ئەگەر پارولىڭىزنى ئەستە تۇتۇشتا قىينالسىڭىز كىچىكرەك بىر خاتىرە دەپتەرگە يېزىۋېلىڭ.

8. ناۋادا تور بېكىتىڭىز WordPress سۇپىسىدا قۇرۇلغان بولسا، بېكىتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «Wordfence Security» ناملىق قىستۇرمىنى قاچىلېۋېلىڭ، چۈشۈرۈش ئادرېسى:

Wordfence Security – Firewall & Malware Scan

9. ناۋادا تور بېكىتىڭىز WordPress سۇپىسىدا قۇرۇلغان بولسا، «ئىككى قەدەملەپ تەستىقلاش»(two step vericifation) ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى «miniOrange 2 Factor Authentication» ناملىق قىستۇرمىنى قاچىلاپ، تەڭشەكلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ. چۈشۈرۈش ئادرېسى:

Google Authenticator – WordPress Two Factor Authentication (2FA)

The post ھېساۋات بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئويلىغانلىرىم appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/hesawat-bixeterlikini-ashurush-jehette-oylighanlirim/feed/ 0
مەن ئەگەشكەن سالونلار https://uyghur.blog/men-egeshken-salonlar/ https://uyghur.blog/men-egeshken-salonlar/#comments Thu, 04 May 2017 18:16:17 +0000 https://www.uyghur.blog/?p=6578 ئۈندىدار سالونى دېگەن نەرسە يېڭىدىن چىققان ۋاقىتتا «بلوگ»، «توربېكەت» ۋە «مۇنبەر»لەرنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ دەپ چالۋاقاپ يۈرگەن بولساممۇ، ھالبۇكى يېقىندىن بۇيانقى ھەممەيلەن چۈشىنىدىغان بۇ ئەھۋالدا ئۈندىدار...

The post مەن ئەگەشكەن سالونلار appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

ئۈندىدار سالونى دېگەن نەرسە يېڭىدىن چىققان ۋاقىتتا «بلوگ»، «توربېكەت» ۋە «مۇنبەر»لەرنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ دەپ چالۋاقاپ يۈرگەن بولساممۇ، ھالبۇكى يېقىندىن بۇيانقى ھەممەيلەن چۈشىنىدىغان بۇ ئەھۋالدا ئۈندىدار سالونلىرى تور خۇمارىمىزنى بېسىقتۇرىدىغان ۋە بىر قىسىم ھاجەتلىرىمىزدىن چىقىدىغان مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەينى چاغدىكى بلوگ قىزغىنلىقىدا نام قازانغان بىر قىسىم بلوگگېرلارنىڭمۇ ئۈندىدار سالونىغا كۆچۈشىمۇ سالونچىلىقنى خېلى يامان ئەمەس يېتەكلەپ ماڭدى. بۈگۈن مەن بلوگداشلارغا مەن ئەگەشكەن بىر قانچە سالون(گۈزەللىك سالونى ئەمەس ھە!!!!!!!!!!!)نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكۈسىمەن.

ئۆتكۈر سالونى

ئۆتكۈر سالونى – ئۆتكۈر شىركىتىنىڭ رەسىمى ئۈندىدار سالونى بولۇپ، بۇ سالوندا تاللانغان پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، بەزىدە يېڭىلىق ياراتقان ئېلانلار، يېڭىلىقدار شەخىسلەرنى تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ، يوللانغان مەزمۇنلار ۋە تاللانغان رەسىملەر باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن تۈجۈپىلەپ ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىنىدۇ. ھەر قېتىم مۇشۇ سالوندىن ئۇچۇر كەلگەندە ۋاقتىمنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي تەپسىلى كۆرۈپ چىقىمەن. بۇ سالون پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا قىزىقىدىغان تورداشلار ئۈچۈن تەۋسىيە سالون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سالون كىملىكى:

ئىككىلىك كودى:

كەترەن سالونى

كەترەن سالونى – مەنمۇ كۈندە بىر قېتىم ئارىلاپ چىقىدىغان، ئېلاندىن خالىي سالونلارنىڭ بىرى بولۇپ، سالونگەر بىر ستۇدېنت. مەزكۇر سالوننىڭ مەن ياخشى كۆرىدىغان تەرىپى بولسا، ئاپتورنىڭ قەلىمى يېنىك، تىلى ئۆتكۈر(خۇددى سىتۇدېنت ۋاقتىمدىكى ماڭا ئوخشاش، ھاھاھا). بەزىدە كەترەن سالونىغا يوللانغان يازمىنى ئوقۇپ بولغۇچە نەچچە قېتىم كۈلۈپ كېتىمەنمۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نېمە دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كەترەن سالونى باشقا خەنچە كارتون سالونلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچە پۇراقتا تەرجىمە قىلىپ يوللايدۇ، بۇ جەھەتتە كەترەن سالونىنىڭ ئالاھىدىلىكى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، كەترەن سالونى ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ كىشىلىك تۇرمۇشغا ئائىت پەلسەپىۋى يازمىلارنىمۇ يوللاپ قويىدۇ.

سالون كىملىكى:

قەھۋە ۋاقتى سالونى

قەھۋە ۋاقتى سالونى – بلوگ دۇنياسىدا تور نامى ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىدا رېكورت ياراتقان پىنىسىيوئىر بلوگكەش «ۋەتەن»نىڭ شەخسى سالونى بولۇپ، مەزكۇر سالون ئىزچىل ھالدا ئوخشاش ماۋزۇدا، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇچۇر يوللاش ئادىتى ئارقىلىق خاسلىق ياراتقان. سالوندا يوللىنىدىغان مەزمۇنلار ئاپتور تەرىپىدىن باشقا خەنچە مەنبەلەردىن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان تۇرمۇش پەلسەپىسى خاراكتىرىدىكى يازمىلار بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىدىن ھاسىل بولغان پارچىلاردۇر.

سالون كىملىكى:

ئىككىلىك كودى:

 

تەن سالامەتلىكىم تۈپەيلى بۈگۈن مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇرۇپ تۇراي، قالغان ئۈچىنى ئەتە – ئۆگۈنگىچە مەزكۇر يازمىنى يېڭىلاش ئارقىلىق قوشۇپ قويغۇسىمەن…

 

The post مەن ئەگەشكەن سالونلار appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/men-egeshken-salonlar/feed/ 11
ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/ https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/#comments Sat, 11 Mar 2017 17:45:51 +0000 http://www.uyghur.blog/?p=6553 بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى...

The post ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>

بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر ھېكايە بار بولۇپ، بۈگۈنكى يازمامدا مەن مۇشۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈش جەريانىنى ئاددىيلا ھالدا بايان قىلىپ ئۆتكۈسىمەن.

ئىشەنچ ھەققىدە قىسقا بىر ھېكايە

«.BLOG» تور نامىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىق خەۋىرىنى «نۇرقۇت تورى»دا تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن كېيىن، بۇ تور نامىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەمدە WordPressنىڭ ئورگان بېتىدىكى ئېلخەت ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر قانچە تور نامىنى تىزىملىتىش ئېچىلغان ھامان ماڭا ئېلخەت قىلىشقا تىزىملىتىپ قويدۇم، ھەتتا ئېلخەت كەلمەي قالمىسۇن دەپ مەندە بار بارلىق ئېلخەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم تىزىملىتىپ چىقتىم. بۇنىڭ ئىچىدە، «www.uyghur.blog» بار ئىدى ئەلۋەتتە.

شۇنداق قىلىپ ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، «.BLOG» تور نامىنىڭ ماركا-شىركەتلەر ئۈچۈن تىزىملىتىش مەزگىلى(بۇ جەرياندا ماركا ۋە شىركەت – مەھسۇلات نامىنى قوغداش ئۈچۈن ئاۋۋال بىر قىسىم شىركەتلەرگە تىزىملىتىۋېلىشقا ئېچىۋېتىلىدىكەن)، ئاشكارا تىزىملىتىش بۇرۇنقى يۇقىرى باھالىق تىزىملىتىش مەزگىلى(ئالدىدىكى مەشخۇلات تاماملانغاندىن كېيىن شەخسىيلەرگە يۇقىرى باھادا مەلۇم تور ناملىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشقا يول قۇيىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن باھا 200 دوللاردىن باشلىنىدىكەن)نى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن خالىغانچە ئالدىن تىزىملىتىش مەزگىلىگە قەدەر سەۋىر قىلىپ كۈتتۈم، بۇ مەزگىلدە مەن يەنە ئورگان بېتى ئارقىلىق 30 يۇرۇ تۆلەپ، «www.uyghur.blog» نى زاكاس قىلىپ قويدۇم.

ئەلۋەتتە، مەن ئۇ چاغدا «.BLOG» تور نامىنىڭ ئورگان بېتىدىن باشقا يەردىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم، ھەمدە ئورگان بېتىنىڭ ئىقتىدارىغا ئالامەت ئىشىنىپ كەتكەن ئىدىم. شۇڭلاشقا  2016-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر 0گە قەدەر تەقەززالىق بىلەن ساقلىدىم. شۇ كۈنى گېرمانىيە ۋاقتى ئىككى بولغاندا، ئورگان بېتىدىكى ھېساۋاتىمغا كىرسەم، بۇ تورنامى مەندە تىزىملىتىلدى دەپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن راھەت ئۇيقۇغا كىرىپ كەتتىم.

ھالبۇكى، ئەتىسى دەرس ۋاقتى قىزىقىپ ئولتۇرۇپ «www.uyghur.blog» نىڭ WhoIs ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تورنام گېرمانىيەدىكى باشقا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ نامىدا Godaddyدىن تىزىملىتىۋالغان بولۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ھەيران بولۇپ، شۇ ھامان ئورگان بېتى بىلەن ئالاقە قىلدىم، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىگەچكە، بۇ ئىسىمنى تىزىملىتىۋالغان قېرىندىشىم بىلەن ئېلخەتتە ئالاقە قىلدىم، ھەمدە ئىسىمنى بولسا ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ قېرىندىشىم شۇ ھامان جاۋاب قايتۇرۇپ ئىسىمنى قىزىقىش ئورنىدا تىزىملاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ۋەتەندىكى باشقا قېرىندىشىمىزنىڭ ئالاقە قىلىپ ئىسىمنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ئېيتىپ ئۆزۈرخانلىق بىلدۈردى. ئۆيگە قايتىپ ئورگان بېتىدىن تەكشۈرسەم بۇ ئىسىم ھېلىھەم مېنىڭ ھېساۋاتىمدا تۇراتتى-يۇ، ئورگان بېتىدىكى تىزىملىتىش ئورنىدىدىن ئىزدىسەم بۇ ئىسىم بىكار، Godaddyدىن تەكشۈرسەم تىزىملىتىپ بولۇندى دەپ تۇراتتى.

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورگان تەرەپدىن ئېلخەت كېلىپ ئىسىمنىڭ مەندە ئەمەسلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلارغا ئىنتايىن ئاچچىقلاندىم،  «ئەمىسە مېنىڭ ھېساۋاتىمدا تۇرىدىغۇ؟» دەپ ئۇلار بىلەن زاكۇنلىشىپ باقماقچى بولدۇم، ئەمما نېمە پايدىسى؟ دېمەك، ئورگان بەتتە مەسىلە بار ئىكەنتۇق. ئەمما بۇ تور نامنى قولغا چۈشۈرۈش ئارزۇيۇم شۇنداق كۈچلۈك بولغاچقا، WhoIs ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بۇ ئىسىمنى ئۆتكۈزۈۋالغان قېرىندىشىم بىلەن ئالاقە قىلدىم، ئەلۋەتتە، قارشى تەرەپ بۇ ئىسىمنى خېلى يۇقىرى باھاغا ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ھەمدە ئۆزى بىر ئىش قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ كىچىككىنە بىر ئۈمىددە ئۇ قېرىندىشىمغا خەت يازدىم.

خەتنى يازغاندا قارشى تەرەپدىن ئېنىق  رەت كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ھالبۇكى قارشى تەرەپ ئۇزاققا قالمايلا جاۋاب يازدى ھەمدە بۇ ئىسىمنى باشقا نىيەتتە ئەمەس، ساقلاپ قۇيۇش ئۈچۈنلا سېتىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىق ئىشىنى شۇنداقلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى ئوبدان بىلىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىسىمنى مەندىن بۇرۇن بىر قانچەيلەن تۈمەن سوم، ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھادا سورىغان بولسىمۇ بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ماڭا ئۆزى سېتىۋالغان باھادا بېرىشنى خالايدىغانلىقى شۇنداقلا ماڭا بەرسە مېنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. جاۋابدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ئەمما ئۇ قېرىندىشىم سېتىۋالغان باھامۇ ماڭا نىسبەتەن خېلىلا قىممەت ئىدى.

شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن باھا تالىشىشدىن خىجىل بولۇپ ئىسىمنى ھازىرچە ئالماي تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ جاۋاب يازدىم. جاۋابىمنى ئالغان قېرىندىشىمىز شۇ ھامانلا خەت يېزىپ ئەھۋالىمنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، مەندىن مانچە بېرىڭ دېمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىسىمنى ھازىر ماڭا يوللاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، مېنىڭ كېيىنچە ئايغا بۆلۈپ ياكى قاچان پۇل تاپقاندا شۇ چاغدا بەرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ھازىرقىدەك ئىقتىساد زىللىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدىن ئىشەنچ يوقىلىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە، پەقەت بلوگ ئارقىلىق بىر نەرسە يېزىپ تۇرۇپ تونۇمىغان بىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.

بۇ گەپلەردىن تەسىرلىنىپ، ئىىسمنى مەن كۆتۈرەلەيدىغان مىڭ سوملارغا يېقىن بىر پاھانى قويدۇم ھەمدە بۇ پۇلنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى يوللاپ بېرىپ تۇردۇم، بۇ قېرىندىشىممۇ ئاڭغىچە ئىسىمنى ماڭا يۆتكەپ بېرىپ بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە، كېيىن قالدى پۇلنى تۇلۇق يوللىۋەتتىم. ئەمما بۇ قېتىملىق سودىدىن ئۆزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان ئۇشبۇ قېرىندىشىمنىڭ ماڭا قىلغان ئىشەنچى، پۇلنى ئالماي تۇرۇپ مال بەرگەنلىك خىسلىتى ماڭا ھېلىھەم تەسىر قىلماقتا ئىدى.

The post ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە appeared first on ئۇيغۇر بلوگى.

]]>
https://uyghur.blog/ishench-heqqide-bir-hekaye/feed/ 23