
ئۈندىدار سالونى دېگەن نەرسە يېڭىدىن چىققان ۋاقىتتا «بلوگ»، «توربېكەت» ۋە «مۇنبەر»لەرنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ دەپ چالۋاقاپ يۈرگەن بولساممۇ، ھالبۇكى يېقىندىن بۇيانقى ھەممەيلەن چۈشىنىدىغان بۇ ئەھۋالدا ئۈندىدار سالونلىرى تور خۇمارىمىزنى بېسىقتۇرىدىغان ۋە بىر قىسىم ھاجەتلىرىمىزدىن چىقىدىغان مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەينى چاغدىكى بلوگ قىزغىنلىقىدا نام قازانغان بىر قىسىم بلوگگېرلارنىڭمۇ ئۈندىدار سالونىغا كۆچۈشىمۇ سالونچىلىقنى خېلى يامان ئەمەس يېتەكلەپ ماڭدى. بۈگۈن مەن بلوگداشلارغا مەن ئەگەشكەن بىر قانچە سالون(گۈزەللىك سالونى ئەمەس ھە!!!!!!!!!!!)نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكۈسىمەن.
ئۆتكۈر سالونى

ئۆتكۈر سالونى – ئۆتكۈر شىركىتىنىڭ رەسىمى ئۈندىدار سالونى بولۇپ، بۇ سالوندا تاللانغان پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، بەزىدە يېڭىلىق ياراتقان ئېلانلار، يېڭىلىقدار شەخىسلەرنى تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ، يوللانغان مەزمۇنلار ۋە تاللانغان رەسىملەر باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن تۈجۈپىلەپ ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىنىدۇ. ھەر قېتىم مۇشۇ سالوندىن ئۇچۇر كەلگەندە ۋاقتىمنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي تەپسىلى كۆرۈپ چىقىمەن. بۇ سالون پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا قىزىقىدىغان تورداشلار ئۈچۈن تەۋسىيە سالون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سالون كىملىكى:

ئىككىلىك كودى:

كەترەن سالونى

كەترەن سالونى – مەنمۇ كۈندە بىر قېتىم ئارىلاپ چىقىدىغان، ئېلاندىن خالىي سالونلارنىڭ بىرى بولۇپ، سالونگەر بىر ستۇدېنت. مەزكۇر سالوننىڭ مەن ياخشى كۆرىدىغان تەرىپى بولسا، ئاپتورنىڭ قەلىمى يېنىك، تىلى ئۆتكۈر(خۇددى سىتۇدېنت ۋاقتىمدىكى ماڭا ئوخشاش، ھاھاھا). بەزىدە كەترەن سالونىغا يوللانغان يازمىنى ئوقۇپ بولغۇچە نەچچە قېتىم كۈلۈپ كېتىمەنمۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نېمە دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كەترەن سالونى باشقا خەنچە كارتون سالونلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچە پۇراقتا تەرجىمە قىلىپ يوللايدۇ، بۇ جەھەتتە كەترەن سالونىنىڭ ئالاھىدىلىكى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، كەترەن سالونى ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ كىشىلىك تۇرمۇشغا ئائىت پەلسەپىۋى يازمىلارنىمۇ يوللاپ قويىدۇ.
سالون كىملىكى:

قەھۋە ۋاقتى سالونى

قەھۋە ۋاقتى سالونى – بلوگ دۇنياسىدا تور نامى ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىدا رېكورت ياراتقان پىنىسىيوئىر بلوگكەش «ۋەتەن»نىڭ شەخسى سالونى بولۇپ، مەزكۇر سالون ئىزچىل ھالدا ئوخشاش ماۋزۇدا، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇچۇر يوللاش ئادىتى ئارقىلىق خاسلىق ياراتقان. سالوندا يوللىنىدىغان مەزمۇنلار ئاپتور تەرىپىدىن باشقا خەنچە مەنبەلەردىن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان تۇرمۇش پەلسەپىسى خاراكتىرىدىكى يازمىلار بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىدىن ھاسىل بولغان پارچىلاردۇر.
سالون كىملىكى:

ئىككىلىك كودى:

تەن سالامەتلىكىم تۈپەيلى بۈگۈن مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇرۇپ تۇراي، قالغان ئۈچىنى ئەتە – ئۆگۈنگىچە مەزكۇر يازمىنى يېڭىلاش ئارقىلىق قوشۇپ قويغۇسىمەن…

مەنمۇ سالۇنچىلىقنى قوللاش يۈزىسىدىن بولسىمۇ 100 دەك سالۇننى قۇشۇۋالغان ، ئەمما مەزمۇن كۈردىغىنىم 10 غا يەتمەيدۇ …
بىگىم تەۋسىيە قىلغان سالۇنلار مىنىڭمۇ كۈندۈلۈك يوقلىمىنى تۇنجى قىلغان سالۇنلار قاتارىدىن ئىكەن .
ئۇيغۇرجاننىڭ سالۇنىمۇ بۇلۇپ قالاتتى كۈندە دىگۈدەك جۈيلۈپ قۇيۇشلىرى بوپ قۇياتتى ئەمما ئۈي كۈچۈپ جۈيلىمەيدىغان بۇلۇپ قالدى …
مەنمۇ تۇرمۇش، كەسىپ ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىدىكى 10 سالونغا ئەگىشىپتىكەنمەن، كۈندە كۆرىدىغان سالونلىرىم ئاساسەن مەن بۇ تىمىدا ئورتاقلىشىدىغان سالونلار بولۇپ قالدى، قالدى سالونلارنى بىر ئېچىپ تاقاپ قويىمەن.
سىلنىڭ سالونچۇ ئۇيغۇربەگ؟ دەڭلا قېتىۋاللى.
ۋوردپىرەس يوق بولغاننىڭ ياقى مەنمۇ تور دۇنياسىدىن يوق بولدۇم دىسە،
ھەي تۇرمۇش ، ھەي تۇرمۇش
مېنىڭ سالونىم بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا، شۇڭا تەۋسىيە قىلمىدىم.
ۋوردپرېس يوق بولۇپ كەتمىدى، لېكىن تۇرمۇش بىزنى تور دۇنياسىدىن سەل ئۇزاقلاشتۇرۇپ قويدى.
سالۇنلانىڭ كۆپلىكى ۋە پايدىسىز، تېتىقسىز ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىكىدىن بۇرۇن ئەگەشكەن سالۇنلاردىن ئاساسەن چىكىنىپ بولغان. بۇ سالۇنلارنى قايتىدىن قېتىۋالدىم.
بىگىممۇ سالونچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالسا بولاتتى، ۋورىدپەرەسنى قىستۇرمىلار ئارقىلىق سالونغا ئۇلىغىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان دەك قىلغانتىم، بولسا سىزمۇ شۇنداق قىلىپ بىر چاممىدا ئىككى پاختەك سوقسىڭىز بولاتتى…
مېنىڭ سالونۇم قاپتۇ ئەگەشمىگەن 😯
ئۈندىدار دېگەن بۇ نەرسە پەيدا بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئانچە بەك قىزىقىپ باقماپتىمەن. پەقەت ئىشلەتمىدىم دېسەم يالغان گەپ بولغىدەك، ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىپ قويدۇميۇ، لېكىن باشقىلاردەك قولۇمدىن يانفۇن چۈشمەي ئۈندىدار ئوينايدىغان ھالدا قىزىقىپ كەتمىدىم، زاماننىڭ رەپتارىغا بېقىپ ئويناپ قويدۇم خالاس.
تور بەتلەر، مۇنبەرلەر، بلوگلار ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىپ يوقاپ كېتىۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە قەلبىمنى بىر خىل ئازاپلىق ھېسلار چىرمىۋالدى، بۇنىڭ قانداق ئازاپلىقىنى ئۆزۈممۇ ئېنىق دەپ بېرەلمىگىدەكمەن، بەلكىم، ئەينى يىللاردىكى قىزغىن تور ھاياتىمىزغا ئېچىنغاندىمەن ياكى يوقنىڭ ئورنىدا بوپ قالغان ساناقلىقلا قالغان بلوگلارغا قاراپ يۈرىكىم ئېچىشقاندۇ ۋە ياكى ئاللىقانداق سەۋەبلەر باردۇر. مانا بۇ ھايات، ھەر بىر ئىشنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ خازان بولىدىغان دەۋرى ھامان بولىدىكەن. بلوگچىلىق ھاياتىمىز خازانلىق دەۋرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ دەۋىردىن قانچىمىز سىرداش بلوگىلىرىمىز بىلەن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتەرمىز بۇنىسىمۇ ھەر بىرىمىزگە نامەلۇم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەينى ۋاقىتلاردىكى قىزغىن تور ھاياتىمىزغا قايتىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن. ئىنسان ئۈمۈدۋار بولغىنىدا ھەممىگە ئېرىشەلەيدۇ.
رەھمەت ياخشى سالونلارنى تەۋسىيە قىپسىز ، مەنمۇ شۇ سالونلارغا ئەزا ، نەچچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئاڭلىسام مۇزىكام سالونىدىن ئاڭلايمەن
تىچلىقمۇ بىگىم كەپىللىلرىنى كۈندە ئىچىپ تۇراتتىم ، بۈگۈن ئىچىپ – ئىچىلىپ كۈڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى …
بۇندىن كىيىن ئۇچۇق تۇرسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن …
بېكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشسام دىگەن ئۈمىدىم بار ئىدى ، تېخنىكىلىق مەسلىھەت بىرەمدىكى دىگەن