ھەي… تۇيۇقسىز بىر بلوگىمنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ ئارقا سۇپىغا كىرىپ قارىۋىدىم، ئالدىنقى يازمامغىمۇ 4 يىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ۋاقىتنىڭ قانچىلىك تېز ئۆتىدىغانلىقىغا، ھاياتنىڭ نەقەدەر قىسقىلىقىغا ئىشەنمەي تۇرالمىدىم.

بۇ تۆت يىلدىن نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. مەن ئىشلەش ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بىلەن ئالدىراش بولدۇم. ئىككى پەرزەنتلىك بولدۇم، ئوقۇشۇم تۈگەپ گېرمانىيەدىكى ياخشى بىر يەردە يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، قىلىدىغان ئىشىم ياقتۇرىدىغان ئىشىم بولغاچقا خېلى كۆڭۈللۈك.

سالامەتلىكىممۇ ياخشى، ئەمما بۇرۇنقىدەك خۇشال ئەمەس، ياش چوڭايغانسىرى شۇنداق بولامدۇ، بالىلارنىڭ-تۇرمۇشنىڭ بېسىمى شۇنداق قىلىۋېتەمدۇ، ياكى يۇرت سېغىنىشىدىنمۇ مەنمۇ بىلەلمىدىم، بۇ غېرىبانە بلوگغا كىملەر كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ بىلگۈم بار، ئەمما قانداق بىلىشنىمۇ بىلەلمىدىم.

ئىشقىلىپ، نەدە بولساڭلار، ئامان بولۇڭلار، سالامەت بولۇڭلار، سىلەرنى سېغىنىپ…