سالام كۆپچىلىك، ئۇزۇن بوپتۇ ئەسرارلىشىپ باقمىغىلى، ھەممىڭلا سالامەت، ۋىرۇسدىن خالىي ياشاۋاتقانسىلە؟ ئەسلى يازىدىغانلىرىم بەك كۆپ، ئۇلارنىڭ نېمىنى يېزىشنى بىلەلمەي كاللام بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى. بۇرۇنقى يېزىقچىلىق ئۇسلۇبلىرىمنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىمنى بىلىپ تۇرىمەن، شۇنداقتىمۇ بۇ يازمىدا ئۆزەمدىن ئازراق ئۇچۇر بېرىشنى ئويلىشىپ قالدىم.
ئاۋۋال ئۆزەمدىن بىر قىسقىچە مەلۇمات بېرىۋېتەي، بىر يېرىم يىلدىن بىرى مەلۇم بىر شىركەتتە پروگراممېر بولۇپ ئىشلەپ، چاچلىرىم چۈشۈپ تاز بولۇپ قالاي دېدىم(ھەرقايسى كەسىپداشلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام، سىلەرنىڭ جاپايىڭلارنى ئەمدى بىلىپ تۇرۇپتىمەن). ھەر قېتىم خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئەدەبىياتتا باكلاۋۇرلۇق، مائارىپ باشقۇرۇشتا ماگېستىرلىق، خەلقئارا تىجارەتتە 2 يىل بىلىم ئاشۇرۇپ ئوقۇپ، ساياھەت يېتەكچىلىكى ۋە تەرجىمانلىقتا ئىشلارنى قىلىپ، پروگراممېرلىقتا ئىشلەۋاتقىنىمنى ئېيتقاچ ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى تاماشا قىلىمەن. كېيىن بۇ ئىشمۇ ئاقمىسا مېۋە ساتايمىكىن دەيمەن. تۇرمۇش ئادەمنى نېمە كويغا سالمايدۇ دەيسىلە…
ئىشىمغۇ ھازىر خېلى ياخشى، باشتا بۇنداق چوڭ شىركەتكە كىرىۋېلىپ ھېچنىمىنى بىلمىسەم قانداق قىلامەن دېگەن، كېيىن بىلدىمكى، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان قورال ۋە پروگرامما تىللىرى كەسپىگە ئاساسەن بولىدىكەن، بىزنىڭ كەسىپ توردا ئۆگىنىش بولغاچقا، ئاساسەن توربېكەت ياساش ياكى توربېكەت ياساش قوراللىرىنى ياسايمىز، شۇڭا بلوگ يېزىش جەريانلىرىدا ئۆگەنگەن HTML + CSS + JAVASCRIPT ۋە كېيىن ئۆگەنگەن Objective-Cنىڭ پايدىسى بەك بولدى، ئىشقا كىرگەندىن كېيىن ئاۋۋال PHP ئۆگەندىم، كېيىن شىركەت مېنىڭ JAVASCRIPT دىكى قىزىقىشىم ۋە ئالاھىدىلىكىمگە ئاساسەن، node.js + express.js + mongoDB غا يېتەكلىدى، ئۆزەم پويىزدا ئىشقا بېرىپ كەلگۈچە vue.js ئۆگەندىم، ھازىر بۇلار بىلەن ئالدى-ئارقى تەرەپلەر ئىشلىرىنى قىلىمەن. شۇڭا بۇ كەسىپكە كىرىشنى ئويلىغان ھەر قانداق كىشىگە بىر ئاي ۋاقىت چىقىرىپ HTML + CSS + JAVASCRIPT ئۆگىنىشىنى، ئاندىن ئوبېكيىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تىلىدىن خالىغان بىرىنى(C#, JAVA, PHP دېگەندەك)لەردىن ئاساس چىقىرىپ قۇيۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىم ھازىر ئۈچ ياشقا كېرەي دېدى، ھازىر بىزنى دوراپ، تېلىۋىزوردىن ۋە بىزدىن ئۆگەنگەن ئوماق گەپلىرى، تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن بىزنى كۆيدۈرۈپ جاننى ئالىدۇ، ئىش ۋاقىتلىرى قېيىنچىلىققا يۇلۇقسام قىزىمنىڭ چۈچۈك تىللرىدا دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىۋېتىپ ئۆزەمنى راسلىۋالىمەن. يۇقۇم سەۋەبىدىن مەكتەپلەر تاقاق بولغاچقا تېخى يەسلىگە بارالمىدى، بارسا باشقا باللاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىپ قانداق يامان بوپ كېتەر دەپ ئويلاپ يۈرىمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە تۈرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشتىم(قاتنىشىۋاتىمەن)، بۇ ھەقتە كېيىنرەك تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشىم مۇمكىن. ئائىلە، خىزمەت ۋە تەرجىمانلىق ئىشلىرى بىلەن بىكار ۋاقتىممۇ ئاساسەن قالمىدى، بلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم ۋە ئوقۇرمەنلىرىمگە بولغان مەسئۇلىيىتىم ھېلىھەم بولغاچقا،مەزكۇر بلوگنىمۇ بۇرۇنقى ئاساسلىق تېمام بولغان WordPress ھەقتە بىر قانچە بىر يېڭىلاپ تۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن، لېكىن قىسقا-قىسقا تۇرمۇشقا ئائىت يازمىلار ياكى ئاساسلىقى يېڭى قىستۇرما-ئۇچۇرلار بولغان ئۇچۇر خاراكتىرلىق يازمىلار بىلەن تەمىنلىشىم مۇمكىن.
كېلەر قېتىملىق يازمامدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەي: يېڭىدىن ياسالغان WordPress يېزىق ئالماشتۇرۇش قىستۇرمىسىنى تونۇشتۇرغۇسىمەن…


يېڭى يازمىلارنى يوقاپ كەتمەي يېزىپ تۇرۇڭ
يېڭى يازمىلارنى يوقاپ كەتمەي يېزىپ تۇرۇڭ
مۇبارەك بولسۇن. بىر يىل كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن يازمىڭىزنى شۇنداق بولسىمۇ